ئۇيغۇرلارنىڭ ياسىنىش ئادىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتى
مەلۇمكى ياسىنىش ئىنسانلاردىكى گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. چۈنكى ياسىنىش ياكى گۈزەللىك ئادىتى ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ بىراق ئۆتمۈشتىكى تۇنجى ئەمگىكى جەريانىدا يېتىلگەن ئىپتىدائىي تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قارىتا ھاسىل بولغان گۈزەللىك تۇيغۇ - ھېسىياتتىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىگە ھامان چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. گۈزەللىك زوق ۋە گۈزەللىكنى سۆيۈش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش بارلىق مىللەتتە ئورتاق ھالەت، ئەمما مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتى پەرقلىق بولغاچقا، ئۇ ھاياتنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى ۋە ئادەت شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەجدادلىرىمىزدا ئۆزىنىڭ ماددىي ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەگىشىپ يۈرۈش - تۈرۈش بويىچىمۇ ئۆزىگە خاس مىللىي تۈسكە ئىگە ئادەت - ئەنئەنىلەر شەكىللەنگەن. تۆۋەندە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش ساھەسىدە ئىپادىلىنغان گۈزەللىك ئادەت - ئەنئەنىلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.
1) ئۇيغۇرلارنىڭ ياسىنىش ئادىتى: ئەجدادلىرىمىز كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى جەھەتتە ئۆزىگە خاس گۈزەللىك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ قالماي، سىن - سىياق، مىجەز - خۇلىق گۈزەللىكىدىمۇ كۈچلۈك مىللىي تۈسكە ئىگە ئادەت ئەنئەنىلەرنى يېتىلدۈرگەن. مەسىلەن، ئەرلەر قەدىمكى دەۋردە ساقال - بۇرۇتلىرىنى ئالماي، ئۇزۇن بىر تال چاچا قويۇپ يۈرەتتى. كىيىنىشلىرىمۇ رەتسىز، تازىلىق چۈشەنچىسىمۇ ئاجىز ئىدى. ماددىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ گۈزەللىك، ھېيىزى - سەھەت قارىشىدا تۈپتىن بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئەر - ئاياللاردا كىيىنىش - ياسىنىش بويىچە تەدرىجىي رەتلىك، پەرقىلىق كىينىش - ياسىنىش ئادىتى شەكىللەندى. ئەرلەردە ساقال - بۇرۇتىنى قىرىپ ياساپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ تۇرۇش، يۈزىدىكى سېرىق تۈكلەرنى موچۇندا تىرىپ تۇرۇش؛ بېشىغا شاپاق يەكتەك، پەشمەت - ئىشتان، پۇتىغا ئۆتۈك، مەسە كىيىپ، بېلىگە بەلباغ باغلاپ، يېنىغا غىلاپلىق پىچاق، ساقال تارغاق قاپچۇقى، چاقماق، ھەميان ئېسىپ يۈرۈش گۈزەللىك، نازاكەتلىكنىڭ بەلگىسى، پات - پات كىيىم يۆتكەپ، يۇيۇنۇپ تۇرۇش تەبىئەتلىكىنىڭ بەلگىسى قىلىنغان. ئىسلامىيەتتىن كېيىن دىنىي قائىدە بويىچە ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيۇنۇش، ھەپتە كۈنى كىيىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ساقال - بۇرتىنى ياستىش دائىملىق ئادەتكە ئايلانغان. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغۇچىلار پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدىغان بولدى.
ئاياللاردا چىراي - تۇرۇق گۈزەللىكى بويىچىمۇ ئۆزگىچە مىللىي تۈسكە ئىگە ئادەتلەر يېتىلگەن. بۇ ئادەتلەر ئۇيغۇر ئايال - قىزلىرىنىڭ تەبىئىي نەرسىلەر بىلەن پەرداز (گىرىم) قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئاياللار قاش گۈزەللىكى ئۈچۈن ئوسما، كۆز گۈزەللىكى ئۈچۈن سۈرمە، چاچ گۈزەللىكى ئۈچۈن چاچنى توم، ئۇزۇن ۋە ئۇششاق ئۆرۈش، ماڭلاي چاچ، سېكىلەك قويۇش، چاچباغ (چاچ تەڭگە) سېلىشتىن تاشقىرى يېلىم، سىيادان يېغى، مېغىز «كۆمۈرى»، تىرناق گۈزەللىكى ئۈچۈن خېنە، چىراي گۈزەللىكى ئۈچۈن يۈزىنى ئېچىش، سۈنئىي «خال» ۋە ئۇپا - ئەڭلىك قاتارلىقلار بىلەن پەرداز قىلىشقا، خۇش بۇي بولۇش ئۈچۈن ئىپار، زەپەر، سەندەل، ئەمبەر قاتارلىقلارنى ساقلاشقا ئادەتلەنگەن، كۆكرەك گۈزەللىكى ئۈچۈن بېغىرداق (لىپتىك) ئىشلىتىپ كەلگەن.
ئوسما: ئاياللار بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئاساسەن ئوسمىسىز يۈرمەيدۇ. ياز، كۈز كۈنلىرى كۆك ئوسمىنى ئالىقاندا سىقىپ سۈيى چىقىرىلىدۇ، ئاندىن پاختىدا پىلتىگۈچ ياساپ قاشقا خالىغان شەكىلدە سۈركىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئوسمىدا قوشۇما ئوتۇرسىغا ياكى مەڭزىگە خال قىلىپمۇ قويۇلىدۇ. قۇرۇغاندا سوغۇق سۇنى سېپىش ئۇسۇلى بىلەن بوش يۇيۇپ تاشلىنىدۇ. قىش، ئەتىياز كۈنلىرى بولسا، تاش ئوسما (شاپتۇل مېغىز يېغى بىلەن كۆك ئوسما سۈيى ئارىلاشمىسىدىن ھازىرلانغان قاتۇرما) قويىدۇ، بەزىلەر ئېگىز، ئوسما يىلتىزىدىن قىلىنغان كۆمۈرنى سۈرتىدۇ. بۇ قاشلىق ۋە قاشىلىق ئېتىش دەپ ئاتىلىدۇ.
سۈرمە: سۈرمە ئەسلى مىللىي تىبابەتچىلىكىمىزدە كۆز ئاغرىقلىرىنى داۋاملاشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل كان مەھسۇلاتىدىن بولۇپ، ئاياللار كۆز گۈزەللىكى ئۈچۈن قاپىقىغا (كىرپىك ئەتراپىغا) سۈرۈپ ئادەتلەنگەن. چۈنكى ئۇ سۈرۈلگەندىن كېيىن كۆز شەھلا كۆرۈنىدۇ.
يېلىم: يېلىم جىگدىدىن قايناپ چىقىدىغان شىلىمسىمان بىر خىل ماددا بولۇپ، رەڭگى دىۋىرقايغا ئوخشاش سېرىق، پارقىراق كېلىدۇ. ئۇ يېپىشقاق، پارقىراق خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، ئۇزۇن زاماندىن بۇيان چاچ پەردىزى سۈپىتىدە ئۇنى چېچىغا چېپىپ ئادەتلەنگەن. ئۇ چېپىلسا، چاچنى سالۋاراتماي، يېپىشتۇرۇپ پارقىراق كۆرسىتىدۇ. بىر قېتىم چېپىلسا چاچنىڭ شۇ ھالىتى ھەپتىگە ساقلىنىدۇ، يۇيۇپ - تارىغاندىمۇ چىگىچى ئاسان چىقىپ، چاچ ئاسانلىقچە سۇنۇپ - ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ. يېلىمدىن باشقا چاچ پەردىزىگە چالا كۆيدۈرۈلگەن بادام مېغىزى، شاپتۇل مېغىزى ۋە سىيادان يېغىنىمۇ ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن. چۈنكى ئۇ نەرسىلەر چاچنى قارايتىش، ئۆستۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن يېلىم قاتارلىق بۇ نەرسىلەرنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەبىئىي «چاچ مېيى» دېيىشكە بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا چېچى شالاڭ، چېچى ئاز ئاياللار چۈشكەن چاچتىن ياسالغان يالغان چاچ سېلىپمۇ ئادەتلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەر قېتىم چاچ تارىغاندا چۈشكەن چاچنى كۆرگەن يەرگە تاشلىماي چاچ خالتا تىكىپ شۇنىڭدا ساقلايدۇ. چۈنكى يالغان چاچقا باشقىلارنىڭ چېچى ياكى باشقا نەرسىلەر ئارىشىلىپ قالسا، چاچنى يەكلەپ، چاچ چۈشۈشكە، سانجىپ باشنى ئاغرىتىشقا سەۋەب بولارمىش. شۇنىڭدەك چاچ رەڭگىگىمۇ ماسلاشمايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا چاچ گۈزەللىكىنى ئەجدادلىرىمىز ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلىپ كەلگەچكە، ئاياللار چېچىنى ئاسراشقا، چاچلىق بولۇشم، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. چاچلىق، چېچى قارا، سۇمبۇل چاچلىقلارغا مەسلىكى كەلمەيدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
خېنە: خېنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تىرناق گۈزەللىكى بويىچە ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان پايدىلىنىپ كەلگەن تەبىئىي «لاك» دۇر. ئەجدادلىرىمىز ياشاش مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش بويىچىمۇ خېنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۈل - گىياھلارنى ئۆستۈرۈپ ئادەتلەنگەن. ئۇلار خېنىنىڭ چىرايلىق چېچەكلىرىدىن ھوزۇرلىنشتىن تاشقىرى، ئۇنىڭ يىلتىزىدىن تا قۇلاقلىرىغا قەدەر پەرداز بۇيۇمى ۋە دورا ئورنىدا پايدىلىنىپ كەلگەن. ياز كۈنلىرى ئۇنى يۇلۇپ ئېلىپ، يىلتىزىنى چايقىۋېتىپ، غول - قۇلاقلىرى بىلەن قوشۇپ سوقىدۇ. ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا زەمچە ئارىلاشتۇرۇش بىلەن يېتىش ئالدىدا ئالىقان، تىرناق ئۈستىگە ئېلىپ يۆگەپ تاشلايدۇ. ئەتسى يۆگەك ئېلىپ تاشلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تىرناق قىزغۇچ سېرىق، پارقىراق ھالەتكە كېلىدۇ. ۋە ئۇزۇنغىچە يەنى تىرناق ئۆسۈپ شۇ ھالەت ئۆزلۈكىدىن يوقالمىغىچە رەڭگى ئۆچمەيدۇ. خېنە تىرناقنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن تەڭ ئالىقان قىزىيدىغان، تەرلەيدىغان كېسەلگىمۇ داۋا بولىدۇ.
ئۇپا - ئەڭلىك سۈرۈش: بۇ ئادەت بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇنلا ئومۇملاشقان. بۇ توغرىدا «دىۋان»دا: «ئەڭلىك خوتۇنلارنىڭ مەڭزىگە سۈرتىدىغان ئاچ قىزىل بوياق» دەپ مەلۇمات بېرىلگەن (شۇ ئەسەر، 1 - توم 156 - بەت).
يۈز ئېلىش (يۈز ئېچىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ): بۇ چىراي گۈزەللىكى بويىچە قىلىنىدىغان بىر خىل پەرداز. بۇنىڭدا موچۈن ۋە مەشۈت يىپتا يۈز، قاپاق پېشانىدىكى يۇمران سېرىق تۈكلەرنى ئېلىپ يۈز -كۆزنى كۆركەملەشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغاچقا «يۈز ئېلىش ياكى يۈز ئېچىش» دەپ ئاتالغان. شۇنداق زۆرۈرىيەت بولغاندا، ئەرلەر ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ موچۇندا يۈز، قاپاقلىرىدىكى تۈكلەرنى تەرسە، ئاياللار (ئىككى ئايال) ھەمكارلىشىپ مەشۈت يىپىنى يۈزىگە سۈركەپ ھىمىرىش ئۇسۇلى بىلەن يۈزلىرىدىكى سېرىق تۈكلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ، قاپاقلىرىنى موچۇندا تازىلايدۇ. يۈزلىرىنى ئېلىش ئالدىدا ئۇپا سۈرتۈلىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا گۈزەللىك زوقىنى يۇقىرىقىدەك كونكرېت ھالەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلەشتىن تاشقىرى سىمۋوللۇق ئىشارە - بەلگىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەش ئادىتىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. مەسىلەن، چاچ گۈزەللىكىنى سۇمبۇلغا، كۆز گۈزەللىكىنى ئاھۇ كۆزى ياكى بۇلاققا، ئېغىز گۈزەللىكىنى ئويماققا، چىراي گۈزەللىكىنى ئاي ياكى ئالمىغا، بەدەن تۈزۈلۈشىنى غۇنچىغا (غۇنچە بوي دېيىش) . . . ئوخشىتىش ئادەتلىرىگە ئوخشاش.
ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىكى كىيىم - كېچەك رەڭىگىگە بولغان زوق ۋە ئۇنى تاللاشتىكى ئادەتلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئادەتتىكى ئادەتلىرىگە ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي ئىتقادى - شامان دىنىي ئەقىدىلىرىگە مانى، بۇددا ۋە ۋەئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى سىڭىپ گىرەلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭدەك بۇ ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز مۇھىتلىرىدىكى، بولۇپمۇ يايلاق تۇرمۇشى مۇھىتىدىكى تەبىئەت مەنزىلىرىدە يۈز بېرىدىغان ھەر خىل ئۆزگىزىش ھالەتلىرىگە قارىتا پەيدا بولغان زوق - خاھىشلىرى باشتىن ئاخىر چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈن بىلەن تۈننى نىسبەتلەشتۈرۈپ ئاق رەڭنى يورۇقلۇق، قۇت - بەخت، ئامانلىق ۋە ماتەمنىڭ سىمۋۇلى؛ قارا رەڭنى زۇلمەت، ۋەھىمە، قايغۇنىڭ سىمۋۇلى؛ زىمىستان قىش بىلەن كۆكلەم، يازنى نىسبەتلەشتۈرۈپ كۆك، يېشىل، ھال ۋە شاپتۇل چېچىكى تىپىدىكى رەڭلەرنى ئۈمىد، ئازادە - ئەركىنلىك، شادىيانىلىقنىڭ سىمۋۇلى .چۈنكى كۆكلەم - يازدا ئاسمان سۈزۈك، غۇبارسىز بولۇپ جاھان يېشىل تونغا پۈركىنىدۇ، چۆللەردە ئېچىلغان يولغۇن چېچەكلىرى بىلەن ياۋا گۈل - گىياھلار كىشىگە جۇشقۇنلۇق، ھوزۇر بەخش ئېتىدۇ؛ شەپەق رەڭگى بىلەن قاننى نىسبەتلەشتۈرۈپ قىزىل رەڭنى قاننىڭ سىمۋۇلى؛ ئوت - چۆپ، گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەرنىڭ سارغىيىپ خازان بولۇشىغا نىسبەتلەشتۈرۈپ، سېرىق رەڭنى كۆڭۈلسىزلىك ۋە بالايىئاپەتنىڭ سىمۋۇلى قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلاردا قىشلىقى تۇم قىزىل، تۇم ئاق، تۇم سېرىق رەڭلەردە تاش كىيىم كىيمەسلىك، بولۇپمۇ ئەرلەر تۇم سېرىق، تۇم قارا، تۇم قىزىل رەختلەردىن بىر قۇر ئۈستى - باش كىيمەسلىك ئەنە شۇ ئادەت - ئەقىدىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا مۇشۇنداق كىيىنگۈچىلەر «ئاجايىپ - غارايىپ ياسىنىپتۇ» دەپ مەسخىرە قىلىنىدۇ.
ئاق رەڭنىڭ ماتەم سىمۋولى قىلىنىشىغا كەلسەك، ئۇ بۇددا دىنىي ئەقىدىلىرىنىڭ ئىزنالىرىدىن ئىبارەت. چۈنكى بۇددا دىنىي ئەقىدىلىرى بويىچە ئادەم ۋاپات بولغاندا مۇسبەتدارلار ئاق رەخت ئىشلىتىپ قايغۇ ھەسرىتىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدىمۇ مۇسىبەتدارلار بېلىگە ئاق باغلايدۇ، ئاياللار بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىدۇ ۋە كۆڭلەك كىيىدۇ. يۇقىرىدىكى رەڭ - بوياق بايان قىلىنغان ئادەتلەر ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ تارىخىي ئۇزۇن، بىر قەدەر تىپىكلىرىدۇر. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ - بوياق گۈزەللىكىگە بولغان تۇيغۇ - ھېسسىياتلىرى دەۋر روھى بىلەن تېخىمۇ بېيىپ بارماقتا.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللار گۈزەللىكى بويىچە ھەر خىل تەلەپ - ئۆلچەم بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىز نۇرغۇن ئەمەلىيەت سىناقلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىكنىڭ سىرتقى ھالىتىلا ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي گۈزەللىك ئىچ يەنى قەلبى گۈزەللىكتە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇلار بۇ تونۇش - چۈشەنچىسىنى «چىرايلىقنىڭ كۆڭلىنى بىلىپ بولماس، چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس» دېگەن ماقال بىلەن بىزگە ئۆرنەك قىلىپ قالدۇرغان.
ئاخىردا ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىيىنىش ئادىتىدىكى بەزى پەرقلەر ئۈستىدە قىسىقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز: ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار ۋە مىڭئۆي تام سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىلچە بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى كىيىم شەكىللىرىنىڭ بىزگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن كىيىم شەكىللىرىدىن پەرقلىقلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ پەرقلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغان. ئۇ سۈرەتلەر ئەجدادلىرىمىز بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر بۇددىسىت مۆتىۋەرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى بولغاچ، ئۇلارنىڭ كىيىم شەكىللىرىدە بۇددا ئۆلىمالىرىنىڭ كىيىنىش شەكلىنىڭ ئىپادىلەنمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. مىڭئۆي سۈرەتلىرىدە يەنە بىز تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن كىيىم شەكىللىرىدە كېيىنگەن ئاددىي ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭمۇ سۈرەتلىرى ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر بۇددىس مۆتىۋەرلىرىنىڭ كىينىش شەكلىنى تەپسىلىي كۆزەتسەك، ئۇ كىيىملەرنىڭ ئويما ياقىلىق، پېشى مۈرىدىن ئايرىلغان، يېڭى ئىخچام كەلگەنلىكى ۋە بەلدىن بەلباغ بىلەن باغلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. باش كىيمىگە كەلسەك، بەزىلىرى گۈمبەزسىمان، بەزىلىرى بولسا ئارىسىمان، بەزىلىرى پىيالىسىمان كەلگەن. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بۇنىڭدىن ئىككى - ئۈچ ئەسىر بۇرۇن پىيالىسىمان باش كىيىم كىيىپ كەلگەن. مۇشۇنداق باش كىيىمنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان شەكلىنى ھازىرمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كىرىيە ئاياللىرىنىڭ ھازىر كىيىدىغان توقۇما كىچىك دوپپىسىمۇ شۇ تىپقا ياتىدۇ. مانا بۇ باش كىيىم شەكلى، لوپنۇردىن تېپىلغان كىيىم (يەكتەك شەكىللىك، بەلباغلىق كالتا چاپان)، يېڭىسار مەدەنىيەت يۇرتىدا ساقلىنىۋاتقان چاپان شەكىللىرىنى (ئويما ياقا يەكتەك شەكىللىك ئۇزۇن چاپان) جەمئىيەت تەرەققىيات ئامىلى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىساق، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى كىيىنىش ئادەت - شەكلىنىڭ يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن كىيىنىش ئادەت شەكلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاشلىقى مەلۇم بولىدۇ. دېمەك ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىيىنىش ئادەت - شەكلىدە مەلۇم ئىزچىللىق ساقلىنىپ كەلگەن.