UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتىئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم تۈرى ۋە شەكلى

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم تۈرى ۋە شەكلى

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتى باش كىيىم: باش كىيىم تىكىلگەن ماتېرىيال ۋە ئۇنىڭ رولىغا قاراپ بۆك (دوپپا)، قالپاق، تۇماق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. بۆك ئاساسەن ياز، كۈز پەسىللىرىدە باش مېڭىدىن ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىشىتىن ساقىلىنىش ئۈچۈن، تۇماق قىش ۋە باش ئەتىياز كۈنلىرى سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن كىيىلىدۇ. بۆك، قالپاق، تۇماق كىيگۈچىنىڭ جىنىس پەرقىگە قاراپ يەنە «ئەرەنچە»، «ئايالچە» دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىد. 1( بۆك )دوپپا( ۋە ئۇنىڭ شەكلى: بۆكنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ھەر خىل، ئەمما ئۇنىڭ قەدىمكى شەكلىنىڭ قانداقلىقى نامەلۇم. «دىۋان» دىمۇ سۆزلەم ئورنىدا «بروك» دەپ بېرىلىپ شەكلى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىلمىگەن. لېكىن 90 دىن ھالقىغان پېشقەدەملەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە قەدىمكى بۆك سىيدام، كېزەكسىز، تالالىق ئىكەن. «بۆك» كېيىنچە «دوپپا» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. «باشىمىدىكى دوپپام سەككىز تالا، تۆتى ئالا، تۆتى قارا، ئالتە ئاي ئوتۇڭدا كۆيسەم، بىلمىدىڭ كۆڭلى قارا» دېگەن قوشاق شۇ ئاساستا توقۇلغان بولۇشى مۇمكىن. كېيىنچە دوپپىنىڭ ھەر خىل تۈرى مەيدانغا كەلدى. دوپپا ئادەتتىكى سىيدام يىپ رەخت ۋە رەڭدار سىيدام يىپەك رەختتىن تىكلىدۇ، ئۇنىڭ تۈرىمۇ كۆپ. مەسىلەن، شاپاق دوپپا، سىيدام ۋە گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا، بادام دوپپا، گېلەم دوپپا، چىمەن دوپپا، ئۈنچە دوپپا، ئالتۇن قاداق دوپپا، تاجىلىق دوپپا قاتارلىقلار. بۇ دوپپىلار ئىچىدە ئۈنچە دوپپا، ئالتۇن قاداق دوپپا، تاجىلىق دوپپىنى پەقەت ئاياللار كىيىدۇ. شاپاق دوپپا ئادەتتىكى رەختتىن ، سىيدام ۋە گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا رەڭدار سىيدام دۇخاۋا ۋە تاۋاردىن تىكىلىدۇ. ئالتۇن قاداق دوپپىمۇ سىيدام رەڭدار دۇخاۋىدىن تىكىلىدۇ. ئەمما مەشۈت يىپتا تىكلىدىغان گۈل ئورنىغا تۆپىلىكىنىڭ ۋە كېزىكىنىڭ تۆت يېرىگە ئالتۈندىن ۋايىغا يېتىپ ئېچىلغان گۈل نۇسخىلىق بېزەك )كېزەككە(، پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇۋاتقان كېپىنەك نۇسخىلىق بېزەك قادىلىدۇ. تاجىلىق دوپپىغا ئالتۇن - كۈمۈشتىن ھەر خىل گۈل جۇلالە قادىلىدۇ. گېلەم دوپپا گېلەمدەك رەڭدار مەشۈت يىپتا بۆجۈپ تىكىلىدۇ. ئۈنچە دوپپىنىڭ گۈلى پۈتۈنلەي ئۈنچىدە تىزىپ چىقىرىلىدۇ. بادام دوپپىنىڭ گۈلى بادام شەكىلدە ئاق مەشۈت نام ئالغان. ئادەتتىكى رەختتىن )ئاق خەسە( تىكىلگەنلىرى ئاساسەن سىيدام، تۆپىلىكى ئۈچ بۆلەك ياكى پۈتۈن، كېرەكسىز بولۇپ ئۇششاق شىرىقلىق كېلىدۇ. بۇنىڭ يەنە تۆپىلىكىنىڭ تۆت يېنىغا قارا ياكى سۇس سۆسۈن يىپتا ئاددىي كەشتە قىلىنغان تۈرىمۇ بولۇپ، ئىككى خىلىلا ئەستەرسىز، يۇمشاق كېلىدۇ. ھازىر ياشانغانلار ئىچىدە مۇشۇ خىلدىكى دوپپا كىيىش يەنىلا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. يىپەك رەختتىن تىكىلىدىغانلىرىمۇ سىيدام، گۈللۈك ئىككى خىل كېلىدۇ. سىيداملىرى ئالما ئۇرۇقى، گۆش رەڭ ياكى قارا يېشىل دۇخاۋا ياكى تاۋاردىن تىكىلىدۇ. شەكلى تۆپىلىكىنىڭ تۆت يېنىغا رەڭدار مەشۈت يىپتا ھەر خىل گۈل - چېچەك نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ خىلدىكى دوپپا ئەستەرلىك، قاتتىقراق كېلىدۇ. تاشلىق )گۈل تىكىلىپ بولغاندىن كېيىن( بىلەن ئەستەرلىك شىلىم بىلەن قاتۇرۇلۇپ ئاندىن تارراق ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ تىكىگە ئۇششاق شىرىش بىلەن ھەر بىر ئارىلىققا پاختا ياكى قەغەز بىلەن پىلتە بېرىلىدۇ. شۇڭا ئۇ قاتتىقراق، ئىسكەتلىك، كۆركەم، كېلىدۇ. يىپ رەختتىن تىكىلگەن بۆك ئەستەرسىز، يۇمشاق كەلگەچ «شاپاق بۆك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شاپاق بۆكنىڭ يەنە بىر خىلى بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى شاپاق بۆكتىن ئالاھىدە پەرقىلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى شاپاق بۆك، ئۈچ تالا، ئەستەرلىك، جىيەكلىك بولۇپ رەڭدا مەشۈت يىپتا ھەر بىر تالانىڭ مەركىزىگە ۋايىغا يىتىپ ئېچىلغان گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلۈپ، ئەتراپى «قوش ئاستى ئۈستى S » شەكىلدە زەنجىرىسىمان )قىزغۇچ سېرىق مەشۇت يىپتا( قىلىپ كەشتىلىنىدۇ. بۇ ئەستەر بىلەن قوشۇپ كەشتىلەنگەچكە كىرلىشىپ كەتكەندە يۇسىمۇ يەنىلا ئىسكەتىدىن كەتمەيدۇ. يۇقىرىلاردىن باشقا بۆكنىڭ يەنە بىر خىلى بولۇپ «تاقىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. تاقىيىنىڭ تۆپلىكى تۈز، جېيىكى كەڭ، ئۆرە كېلىدۇ. ئەستەر ئېلىنىپ ئاساسەن قارا مەخمەل ياكى قارا جىپەرقۇت ياكى قارامتۇل رەختتە شىرىپ تىكىلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئەرلەر كىيىدۇ. ئەرەنچە بۆك: يازلىق شاپاق بۆك خاس ئەرەنچە بۆك قاتارىغا كىرىدۇ. مۇندىن باشقا ئۈچ خىل رەڭدىكى سىيدام، گۈللۈك دۇخاۋا بۆكلەرنى ئەرلەر ۋە ئاياللارمۇ كىيىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ شەكلى ئوخشىمايدۇ. ئايالچە بۆك )دوپپا(: ئاياللار شاپاق بۆك كىيمەيدۇ. ئاياللارنىڭ سىيدام ۋە گۈللۈك تىكىلگەن بۆكلىرى بىر قەدەر تېيىز، بىر قەدەر نەپىس، گۈلى شوخ كېلىدۇ. ئايالچە يەنە بىر خىل بۆك بولۇپ، شەكلى تاقىيىسىمان جىيەكنىڭ ئۈستىگە قېنىق مەشۇت يىپتا قىلىنغان پۆپۈك قوندۇرۇلىدۇ. بۇنى ئاساسەن ياش جۇۋان - چوكانلار كىيىدۇ. بۆك )دوپپا( : جىنىس پەرقىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈلگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياش قۇرامىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ. ئەمما ياشانغان ئەرلەر ئاساسلىقى ئاق شاپاق بۆك؛ ياشانغان ئاياللار رەڭگى سۇسراق، گۈلى ئاددي - ساددا بۆك كىيىدۇ. 2) ياغلىق ۋە ئۇنىڭ شەكلى : ئاياللار بۆك كىيگەندىن تاشقىرى بېشىغا يەنە ياغلىق، لېچەك، چۈمبەل، پەرەنجىمۇ سالىدۇ (ئارتىدۇ). «ياغلىق» ئومۇم ئاتالغۇ بولۇپ، «رومال»، «شال» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. (1) ياغلىق: ياغلىق ئىشلەنگەن خام ئەشياسىغا قاراپ «داكا ياغلىق». «يىپ ياغلىق»، «شايى ياغلىق»، «پەرەڭ ياغلىق» ، «تىۋىپ شال (رومال)»، «غىجىم رومال» دەپ ئاتىلىدۇ. داكا ياغلىق، يىپ ياغلىق، ئادەتتە بىر يېرىم مېتىر ھېسابىدا تۆت چاسا (كۋادرات شەكلىدە) كېلىدۇ. داكا ياغلىق ئاق داكىدىن قىلىنىدۇ. يىپ ياغلىق خوما رەڭ، جىگەر رەڭ پاختا يىپتا ئۇششاق كۆز چىقىرىپ توقۇلىدۇ. شايى ياغلىق، پەرەڭ ياغلىق، غىجىم رومال ھەممىسى مەشۇتتە توقۇلغان بولۇپ، غىجىم رومال ھەممىسى مەشۇتتە توقۇلغان بولۇپ، شايى ياغلىقتىن قالغانلىرى كېيىنكى دەۋرلەردە غەرب ئەللىرىدىن كىرگەن. شايى ياغلىق، خوتەن، قەشقەرنىڭ قول سانائەت مەھسۇلاتى بولۇپ، سىيدام، رەڭگى ئاق، سېرىق، ھاۋا رەڭ، ناۋات رەڭ، قىزىل كېلىدۇ، پەرەڭ ياغلىق ئاساسەن ئاق، ناۋات رەڭ، ھال رەڭ كېلىدۇ. تۆت بۇرجىكى ۋ ئوتتۇرىسىدا چىلان ياكى يوپۇرماقسىمان كۆپتۈرمە ياكى باسماق گۈل نۇسخىلىر بولىدۇ. غىجىم رومال ئوتتۇرىسىغا ھەر خىل ئۇششاق تۈشۈكلۈك كۆپتۈرمە گۈل نۇسخا چىقىرىلغان بولۇپ تۆت گىرۋىكى چۇچۇلۇق كېلىدۇ. تىۋىت شالنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولۇپ، ئاساسەن سىيدام كېلىدۇ. شايى ياغلىق، رەڭدار پەرەڭ ياغلىقنى ياش ئاياللار، ئاق شايى ياغلىق، ئاق داكا ياغلىقنى ئاساسەن ياشانغانلار سالىدۇ. غىجىم رومال قىزلارنىڭ مۇھىم تويلۇق باش كىيىمى. قىزلار توي كۈنى بېشىغا غىجىم رومال سالىدۇ، ياش قىزلار ئادەتتە بېشىغا رومال سالماي دوپپا كىيىپ يۈرىدۇ. ياتلىق بولغان ياش ۋە ئوتتۇرا، ھەتتا يېشى توختىغان ئاياللارمۇ غىجىم رومال سالىدۇ. (2) لېچەك : ئاساسەن ئاق بۆز ياكى خەسىدىن تىكىلىدۇ. ياشانغان ئاياللار ئاساسلىقى بېشىغا لېچەك سالىدۇ. (3) چۈمبەل: ئاساسەن شالاڭ توقۇلغان بۆز ياكى داكىدىن تىكىلىدۇ. رەڭگى قارامتۇل، ئۇزۇنلۇقى تەخىمىنەن 60 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر بولۇپ، يۈزگە ئارتىلىدۇ. چۈمبەل قارا يىپتا ئۇششاق تۆشۈكلۈك قىلىپمۇ قويۇلىدۇ. (4) پەرەنجە (ئاخپىبجەمۇ دېيىلىدۇ) : ئەمەلىيەتتە يەڭسىز يالاڭ ئۇزۇن چاپان بولۇپ، ياتلىق بولغان ئاياللار تالا - تۈزگە چىققاندا بېشىغا ئارتىپ يۈزىگە چۈمبەل ئارتىپ چىقىدۇ. پەرەنجە ئارتىش ئەسلى ئۆزبىك ئاياللىرى ئىچىدە ئومۇملاشقان ئادەت بولۇپ، كېيىن ئۇيغۇرلار ئىچىگىمۇ تارقالغان. ئاياللار بېشىغا ياغلىق سالغاندا، ياغلىق ئۈستىگە دوپپا كىيىدۇ ياكى بىۋاسىتە باشقا ئارتىدۇ. ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق سېلىش ھېيىزى سەمەت ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئادەت بولۇپ، ئاياللار يۈزىنى ئەتمەيتتى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ يۈز ئېتىشى تەدرىجىي ئادەت تۈسىنى ئالغان. چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئاياللار يات ئەر كىشىگە كۆرۈنسە «نامەھرەم» دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىق سېلىشى ئىسلام دىنىنىڭ بۇ قائىدىسىگە ماس كەلگەچكە، ئۇيغۇر فېئودال دىنى ئىمتىياز ئىگىلىرى ئۇنى ئۆز ئېھتىياجىغا بويسۇندۇرۇش يۈزىسىدىن ئاياللارنى ياغلىقتا يۈزىنى ئېتشنى كۈچلۈك تەرغىپ قىلغان، ھەتتا يۈزىنى ئەتمەي تالا - تۈزگە چىققان ئاياللارنى دەرلەشتەك زورلۇق ۋاستىلىرىنىمۇ ئىشقا سالغان. بۇنىڭ بىلەن ئاياللاردا يۈزىنى ئېتىش تەدرىجىي مىللىي ئادەت تۈسىنى ئالغان، چۈمبەل تارتىش، پەرىجە ئارتىشمۇ شۇ ئاساستا مەيدانغا كەلگەن. ئەمما بۇ ئادەت قەشقەردەك ئىسلام تەقۋادارلىرى كۆپ شەھەر - رايونلاردا بىر قەدەر ئومۇملاشقان. باشقا شەھەرلەردە بولۇپمۇ كەڭ يېزا - قىشلاقلاردا ئانچە ئومۇملاشمىغان. (5) قالپاق: ئەرلەر دوپپىدىن باشقا يەنە قالپاق، كۇلامۇ كىيەتتى. قالپاق ئادەتتە ئۈچ خىل بولىدۇ. بىر خىلى ئاق ياكى قارا پاقلان يۇڭىدىن بېسىپ چىقىرىلىدۇ. بۇنىڭ شەكلى ھازىرقى شىلەپىسىمان ۋە چوڭ چىنسىمان (تۈۋى يوق) كېلىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئەستەرسىز بولىدۇ. يەنە بىر خىلى پاقلان يۇڭىدىن مەخسۇس بېسىلغان كىگىزدىن تىكىلىدۇ. بۇ تاشلىق، تاشسىز، ئەمما ئەستەرلىك كېلىدۇ. شەكلى ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى سوزۇقراق، ئالدى - كەينىدە چېكى بولۇپ، ئىككى يېنى قانات شەكلىدە ئۈستىگە قايرىقلىق كېلىدۇ. بۇ ئاچا قالپاق دېيىلىدۇ. يەنە بىر خىلى تۇماقسىمان بولۇپ، ئايلانما «كۈنلۈك» چىقىرىلىپ «كۈنلۈكى» ئۈستىگە قايرىقلىق كېلىدۇ. بۇ ئىككى خىل قالپاق ئىچىگە پاختا ئېلىپ شىرىپمۇ تىكىلىدۇ. (6) كۇلا: كۇلانىڭ شەكلى «A» غا ئوخشاش ئۇچلۇق بولۇپ، ئاساسەن رەختتىن تىكىلىدۇ. ئادەتتە تاشلىق بىلەن ئەستەر ئارلىقىغا نېپىز كىگىز ياكى پاختا ئېلىنىدۇ. كۇلا ئەمەلىيەتتە قالپاقنىڭ قەدىمكى شەكلى. ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى دەۋردە شۇنداق كىگىز قالپاق كىيگەن. لوپنۇر رايونىدىن بۇنىڭدىن 3 - 4 يىل بۇرۇنقى قەبرىلەردىن چىققان جەسەتلەرنىڭ بېشىدىكى كىگىز قالپاق، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان ھەيكەللەرنىڭ باش كېيىم شەكلىنىڭ كۇلاغا ئوخشاشلىقى شۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما، بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە، مازار شەيىخلىرى، ئايرىم «خىسلەتلىك» ئادەملەر، قەلەندەرلەرنىڭ بېشىدا كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باش كىيىم قاتارىدىن چۈشۈپ قالدى. ھازى يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئەرەنچە، ئايالچە باش كىيىملەر ئىچىدە لېچەك، پەرەنجە، چۈمبەل، كىگىز قالپاق، كۇلا، ئاق داكا، ياغلىق، ئالتۇن قاداقىلىق دوپپا، پۆپۈكلۈك دوپپا، تاجىلىق دوپپا قاتارلىقلار ئىستېمالدىن قالدى. ئەمما دوپپا كېيىش يەنىلا داۋاملىشىپ كەلمەكتە، دوپپا تېخىمۇ نەپىسلىشىپ بارماقتا. شۇنىڭدەك ئىچكى - تاشقى سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سىۋۇلى بولۇپ قالدى. ئالىي ھۆرمەت ۋە ئىززەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان تون كىيىدۈرۈش ئەنئەنىمىز ئورنىنى دوپپا كىيىدۈرۈش ئالدى. ياشانغان ئاياللاردا ئاق داكا ياغلىق سېلىش ئادىتى يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئاق داكا ياغلىق ھازىر ئاياللار ئىچىدە مۇسبەتدارلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. ھازىر ئاياللاردا بېشىغا ھېلىلە ياغلىق، گەرىس ياغلىق، شارپا چىگىش ئومۇملاشتى. 2( تۇماق: ئۇيغۇرلار قىش پەسلى تۇماق، قۇلاقچا كېيىدۇ. تۇماق شەكلىگە قاراپ قاسقان تۇماق، سالۋا تۇماق، سەرپۇش، پاپاق دەپ تۆت خىل ئاتىلىدۇ. ئەرەنچە، ئايالچە دەپ مولۇن، ئىت، قوندۇز، بولغۇن قاتارلىقلارنىڭ تېرىلىرىدىن تىكىلىدۇ. )1( قاسقان تۇماق، سالۋا تۇماق: قاسقان تۇماق شەكلى قاسقانغا ئوخشاپ كەتكەچكە «قاسقان تۇماق» دەپ ئاتالغان. سالۋا تۇماق مويى ئۇزۇن پاقلان ياكى چوڭ قوي تېرىسىدىن تىكلىگەن بولۇپ، مويى سالۋاراپ تۇرغاچقا «سالۋا تۇماق» دەپ ئاتالغان. سالۋا تۇماق باشقا تۇماقلاردىن شۇ ئالاھىدىلىكى ۋە تاشسىز تىكىلگەنلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن قاسقان تۇماققا پۈتۈنلەي قارا كۆرپىدىن تاشلىق، ئەستەرلىك قىلىنىدۇ. تاشلىق ئادەتتە سىدام قارا رەخت ياكى مەخمەل، دۇخاۋىدىن، شۇنىڭدەك سىدام بېغىر رەڭ، نىل رەڭ رەختلەردىن قىلىنىدۇ. ئەستەرلىك ئاساسەن ئاق كۆرپىدىن ياكى كىر كۆتۈرۈشلۈك يىپ رەختلەردىن قىلىنىدۇ. ئەگەر رەختتىن ئەستەرلىك قىلىنسا، تاش بىلەن ئەستەر ئارىلىقىغا پاختا ئېلىپ شىرلىدۇ. كۆرپىدىن باشقا تېرىلەردىن تىكلىگەن تۇماقلارنىڭ ھەممىسى تاشلىق، ئەستەرلىك كېلىدۇ. )2( سەرپۇش تۇماق: سەرپۇشنىڭ شەكلى ئاساسەن قاسقان تۇماققا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما، تۆپىلىكى تۇخۇمسىمان، تىكرەك، گىرۋىكىگە تۇتۇلغان كۆرپىسى )قامىسى( سەل ئىنچىكىرەك كېلىدۇ. ئىچىگە كۆرپىدىن ئەستەرلىك قىلىنىدۇ. تېشى سىدام قارا رەخت ياكى سىدام قارا مەخمەل ياكى قارا دۇخاۋىدىن تاشلىنىدۇ. چوڭلار ناماز چىققاندا )قىش كۈنلىرى( سەللىنى ئۈستىگە يۆگەيدۇ. )3( قۇلامچا: بۇ ئاساسلىقى قۇلاقنى سوغۇقتىن مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقىغا قاراپ «قۇلاقچا» دەپ ئاتالغان. قۇلاقچا ئىككى خىل بولۇپ، بىرىنچى خىلى، قۇلاقچا چۈشۈرۈلگەندە ئىڭەككە، قايرىقلىق تۇرغاندا تۆپلىكىنىڭ مەركىزىگە تەڭلىشىدۇ. پاتاڭلىقى ئويماسىمان، تۆپىلىكى تۈز كېلىدۇ. ھازىر پاتاڭلىقى تۇتاش قىلىنىدىغان بولدى. ئىككىنچى خىلى، كالتا، كەڭلىكى پاتاڭلىق قىلىنىدىغان بىلەن تۇتاش بولۇپ، چۈشۈرۈلگەندە قۇلاققا، قايرىقلىق تۇرغاندا پېشانىلىك بىلەن تەڭلىشىدۇ. قۇلاقچا تولاراق قارا كۆرپىدىن تىكىلىدۇ. شۇنىڭدەك سۆسەر، قاما، بولغۇن، قۇندۇز، تۈلكە، مولۇن، قارا ئوغلاق تېرىلىرىدىنمۇ تىكىلىدۇ. تاشلىقى قارا مەخمەل ياكى قارا دۇخاۋا ۋە خوما رەڭ قىرىم )خۇرۇم( دىن، ئەستىرى رەختتىن قىلىنىدۇ. )4( پاپاق: پاپاق «A» شەكلىدە بولۇپ پۈتۈنلەي قارا كۆرپىدە تىكىلىدۇ. ئىچىگە كۆرپە ياكى رەختتىن ئەستەرلىك قىلىنىدۇ. پاپاقنىڭ شەكلىنىڭ تاغقا ئوخشاپ كېتىشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپىتدائىي ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئەجدادلىرىمىز تەبىئەت شەيئىلىرى قاتارىدا تاغنىمۇ ئۇلۇغلايتتى. شۇڭا پاپاقنى تاغقا سىمۋول قىلغان بولۇشلىرى مۇمكىن. پاپاقنىڭ ئەسلى شەكلى ھازىر يېڭىسار ئۇيغۇرلىرىدا ساقلانماقتا. بۇرۇن مەيلى ئەرەنچە ياكى ئايالچە بولسۇن قاما، كەمجەت، سۇسەر، قۇندۇز، بولغۇن تېرىلىرىدىن تىكىلگەن تۇماق، قۇلاقچىنى ئاساسلىقى ھاللىق ئائىلە ئەزالىرىلا كېيەتتى. مۇنداق تېرىلەردىن تىكىلگەن باش كىيىملەر ھېلىھەم ئالىي تاۋارلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ھازىر سۈنئىي قاما )مېتىس قوي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن( سۈنئىي توقۇلما ۋە سۇ چاشقىنى تېرىسىدىن تىكىلگەن تۇماق، قۇلاقچا، سەرپۇش ئومۇملاشماقتا. 3) بالىلار باش كىيىمى: بالىلار باش كىيىمى «پوسما» دەپ ئاتىلىدۇ. مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن تۇغۇلۇپ قىرقى توشقاندىن كېيىن تا ئايىغى چىققۇچىلىك پوسما كىيدۈرۈلىدۇ. بوۋاق مەزگىلىدە كىيدۈرۈلىدىغان پوسما شايە، تاۋارغا ئوخشاش يۇمشاق رەختلەردىن تىكىلىدۇ. بوۋاقلىق باسقۇچىدىن كېيىن ئادەتتىكى رەختلەردىن قىلىنىدۇ. پوسمىنىڭ شەكلى يۇمىلاق پۈرمىلىك كېلىدۇ. قىش كۈنلىرى پاختىلىق قىلىپ تىكىلىدۇ. لېچەك شەكلىدىمۇ تىكلىدۇ. ئوغۇللار 3 - 4 ياشتىن كېيىن ئەرەنچە دوپپا، تۇماق ياكى قۇلاقچا كېيىشكە باشلايدۇ. قىزلار كېيىن ئايالچە دوپپا، تۇماق كېيىشكە باشلايدۇ. 4( ئۈست كىيىم: ئۇيغۇرلاردا ئۈست كىيىم «چاپان - ئىشتان» دەپ ئاتلىدۇ. چاپان دوست كىيىمنىڭ ئومۇم ئاتىلىشى بولۇپ، شەكلىگە قاراپ يەنە خاس نامدا ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇزۇن چاپان، كالتا چاپان، پەسلىگە قاراپ يازلىق، قىشلىق چاپان، جىنس پەرقىگە قاراپ ئەرەنچە، ئايالچە چاپان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1) ئەرەنچە چاپان: ئەرەنچە چاپان شەكلىگە قاراپ يەكتەك، تون، پەشمەت، نىمچا دەپ ئاتىلىدۇ. (1) يەكتەك: شەكلى ھېلال ئاي شەكىلىدە ئويما ياقىلىق بولۇپ، ياقا ئىككى تەرەپتىن مەيدىگە تەڭلىشىدۇ. ئىككى پەش ئاساسەن بىر - بىرىگە ھىملىشىپ تۇرىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تىزدىن ئاشىدۇ. ئەستەرسىز، يانچۇقسىز بولۇپ، پەش قىسمى كەڭرەك، يەڭ ئۇزۇنلۇقى قول بېغىشىغا تەڭلىشىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سول پەشنىڭ ئىچىگە خالتا يانچۇق قىلىنىدىغان بولغان. تۈگمە ئورنىدا بەلۋاغ باغلىنىدۇ. يەكتەك بوز، ئاق ياكى ناۋات رەڭ خەسىدىن تىكىلىدۇ. يەكتەكنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ھەم چاپان، ھەم كۆڭلەك ئورنىدا كىيىلىدۇ. (2) تون: توننىڭ قەدىمكى شەكلىنىڭ قانداقلىقى بىزگە نامەلۇم. توننىڭ ياقا ۋە پېشىنىڭ شەكلىگە قارىغاندا ئۇنىڭ ئەسلى شەكلىنى ئاساسەن يەكتەككە ئوخشاش دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما تون ئەستەرلىك، ياقىسىغا قات قويۇپ شىرىلغان، پەشكە پەۋاز ئىلىنغان. ئىچكى يانچۇقلۇق، ئويما يەڭ كېلىدۇ. مەخسۇس سىماۋى يوللۇق نىل رەڭ بەقەسەمدىن تىكىلىدۇ. بەلۋاغ ئورنىدا تۆت بۇرجىكىگە گۈل ئىشلەنگەن ياغلىق چىگىلىدۇ. (3) چەكمەن: چەكمەننىڭ شەكلىمۇ يەكتەككە ئوخشاش. پەرقى ئەستەرلىك، ئويما يەڭ كېلىدۇ. چەكمەن ئەسلى «چەكمەن چاپان» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كېيىنچە «چاپان» سۆزى تەدرىجىي چۈشۈپ قېلىپ، تىلىگەن رەخت نامىدا «چەكمەن» دەپ ئاتىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ بۇرۇن ئاساسلىق قول سانائەت مەھسۇلاتى - پاختىدىن توقۇلغان چەكمەندىن تىكىلەتتى. «ئاتۇشۇڭغا بارغۇنچە، چەكمەنىمىنى سايەتتىم، سايىسىدا ئۆزۈم ياتىپ، سەن يارىمنى يادەتتىم» دېگەن قوشاققا ئاساسەن شۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. (4) پەشمەن: پەشمەتنىڭ شەكلى يەكتەك، تونغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ياقىسى تىك ئويما، ئايرىم ياقىلىق ئورنىتىلغان بولۇپ، ئويما يەڭ كېلىدۇ. ئىككى پەش مۈرە بىلەن ياقىغا تۇتاش بولۇپ، ئوڭ پەش 5 - 6 سانتىمېتر كەڭ، پەتلىلىك بولۇپ، سول پەشنى بېسىپ تۇرىدۇ. ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە يەڭ تىزغا تەڭلىشىدۇ. يەڭ ئۇزۇنلۇقى قول بېغىشىنى بېسىپ كېلىدۇ. تۈگمىلىك، ئۈچ يانچۇقلۇق بولۇپ، تۈگمە سول پەشتە، تۈشۈكى ئوڭ پەش پەتلە ئىچىدە بولىدۇ. ئىككى يانچوق ئىككى پەشكە، بىر يانچۇق سول مەيدىگە قويۇلىدۇ. پەشمەتمۇ ئۇزۇن پەشمەت، كالتە پەشمەت، شۇنىڭدەك يالاڭ پەشمەت، ئەستەرلىك پەشمەت دەپ ئىككى ئاتىلىدۇ. كالتە پەشمەت ئادەتتە ساغرىنى بېسىپ كېلىدۇ. (5) پەلتۇ: پەلتۇنىڭمۇ ئەسلى شەكلىنىڭ قانداقلىقى بىزگە نامەلۇم، ئەمما پەلتۇنىڭ «دىۋان» دا «بەرتۇ» دەپ ئاتالغانلىقى، پەلتۇنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىيىم تۈرىنىڭ بىر خىلى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. (6) نىمچا: نىمچىنىڭ شەكلى يەكتەك، تونم چەكمەن شەكلىگە ئوخشاش بولۇپ، بىر پەرقى يانچۇقسىز، ئىككى پەشنىڭ ئىككى يان ئېتىكىدە تەخمىنەن 25 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چېكى بولىدۇ. كۆپىنچە سىدام كۆك، بېغىر رەڭ، نىل رەڭ بەقەسەمدە پاختىلىق تىكىلىدۇ. نىمچا كىيىش ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ئادەتتىن قالدى. 2( ئايالچە چاپان: ئايالچە چاپان ئاساسىي جەھەتتىن نىمچىغا ئوخشاش كەتسىمۇ ياقا شەكلىنىڭ، بوي ۋە ئىككى ياندىكى چېكىنىڭ ئوخشىماسلىقى، يېڭىنىڭ ئىخچاملىقى بىلەن نىمچىدىن پەرقلىنىدۇ؛ ياقىسى كۆكرەك ئۈستىدىنلا ھىملىشىدۇ. ئۇزۇنلۇقى ھوشۇقنىڭ ئۈستىگە تەڭىلشىدۇ. چىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 35 سانتىمېتر، يانچۇقسىز، تۈگمىسىز كېلىدۇ. تۈگمە ئورنىدا بوقۇش ياكى ئىزما قىلىنىپ، ئىككى پەش شۇنىڭ بىلەن ئېتىلىدۇ. ئايالچە چاپان، سىدام، رەڭدار رەختلەردىن ئاددىي بېزەكلىك قىلىپ تىكىلىدۇ. بېزەكلىكلىرى ياقىسىدىن تا ئىتەككە قەدەر ۋە يەڭ ئۇچىغا ئاددىي، مۇرەككەپ بېزەكلىك زەي تۇتۇلىدۇ. ئاددىي بېزەكلىك زەي ئادەتتىكى رەختلەردىن ئۇيۇپ - قىيىپ قىلىنسا، مۇرەككەپ بېزەكلىك زەي رەڭدار مەشۇت يىپ ياكى كالۋۇتۇندىن قىلىنىدۇ. مۇنداق چاپان كۆپىنچە ھاللاردا چەكمەن شايە، تاۋار - دۇردۇن، كىمخاپ، تەتۇللا قاتارلىق نەپىس رەختلەردىن تىكىلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئىككى پەشنىڭ نەپىس رەختلەردىن تىكىلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئىككى پەشنىڭ قول ئۇچى تەڭلىشىدىغان جايغا رەڭدار رەختلەردىن ئويۇپ قىيىلغان ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى قوندۇرۇلىدۇ. بۇنداق چاپاننى كۆپىنچە ھاللاردا ھاللىق ئائىلە ئاياللىرى كىيىدۇ. ئايالچە چاپاننىڭ يەنە بىر خىلى بولۇپ، ئۇ نىمچا شەكىللىك چاپاندىن ياقىسىنىڭ ئويما كېلىشى ۋە بۆرەكسىمان ياقا تۇتۇلۇشى بىلەن پەرقلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ «بۆرەك ياقىلىق چاپان» دەپ ئاتالغان. ئايالچە پەشمەت يانچۇقسىز ياكى ئىككى يانچۇقلۇق كېلىشى بىلەن ئەرەنچە پەشمەتتىن پەرقلىنىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە بىر خىل ئۈست كىيىم بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «جىلىتكە» دەپ ئاتىلىدۇ، جىلىتكە ئادەتتە كۆڭلەك ئۈستىگە چاپان )كاستۇم( ئىچىگە كىيىلىدۇ. شەكلى ئويما ياقىلىق ۋە تون ياقلىق ئىككى خىل كېلىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكىسى بولسۇن ئەستەرلىك، يەڭسىز، ئۈچ يانچۇقلۇق كېلىدۇ. بۇ ئاساسەن كەچ - كۈز، ئەتىياز پەسىللىرى كىيىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى ئادەم ساغرىسىغا تەڭلىشىدۇ. تون ياقىلىقنىڭ ئالدى ئىككى پىشىنىڭ ئۇچى كىرتمەك، ئارقا بويى ئېتىكى ئاچىماق شەكىلىدە، ئويما ياقىلىقى تۈزلا كېلىدۇ. جېلىتكە پاختىلىق ھەم كۆرپىدىنمۇ تىكىلىدۇ. بۇ ئادەتتە «قىشلىق جىلىتكە» دەپ ئاتىلىدۇ. شەكلى ئويما ياقىلىق، تۈز پەشلىك كېلىدۇ. ئىشتان: ئىشتان يالاڭ، ئەستەرلىك، پاختىلىق كېلىدۇ. شۇنىڭدەك قوي، ئىت تېرىلىرىدىنمۇ تىكىلىدۇ. بۇ ئاساسەن پۇت ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىيىلىدۇ. ئىشتان بۇرۇن چاتما ئاغلىق تىكلىدىغان، كېيىنچە ئاغ سېلىپ تىكىلىدىغان ۋە ئۈستىگە لېپەز تۇتۇلۇپ، ئىشتانباغ ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغان. ئىشتانباغ يىپتا توقۇلىدۇ، ئىككى ئۇچى چۇچىلىق ياكى پۈپۈكلۈك كېلىدۇ، ئىشتانمۇ ئەرەنچە، ئايالچە ئىككى خىل كېلىدۇ. ئەرەنچە ئىشتان ئايالچە ئىشتاندىن سەل كالتىراق، پۇشقىقى تارراق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ھوشۇق ئۈستىگە تەڭلىشىدۇ. ئايالچە ئىشتاننىڭ پۇشقىقى كەڭرەك بولۇپ، ھوشۇق بىلەن تەڭلىشىدۇ. يەنە بىر پەرقى ئايالچە ئىشتاننىڭ ئىشتانبېغى كۆپىنچە ئوڭ سۆڭگىچىدە، ئەرلەرنىڭ ئۇدۇلىدا بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئەرەنچە، ئايالچە ئەستەرلىك، جۈملىدىن پاختىلىق ئىشتاننىڭ ئوڭ سۆڭگەچ بىلەن يېرىق ئوتتۇرىسىغا توغرىلاپ يانچۇق ئېچىلىدۇ. ھازىر ياشانغان ئەر، ئاياللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقىلار مۇنداق ئىشتان كىيمەيدىغان بولدى. ئۇنداق ئىشتاننىڭ ئورنىنى ئالدىدىن تۈگمىلىنىدىغان، بەلدىن تاسما ئارقىلىق باغلىنىدىغان تۈز پۇشقاقلىق، تار پۇشقاقلىق، كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان، ئاياللار بويىچە ياندىن تۈگمىلىنىدىغان تۈز پۇشقاقلىق ئىشتان ئالدى. 5) ئىچكى كىيىم: ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى كىيىمى كۆڭلەك بولۇپ، ياز كۈنلىرى ئاساسەن كۆڭلەك كىيىدۇ. كۆڭلەكمۇ ئەرەنچە، ئايالچە ئىككى خىل بولىد. 1( ئەرەنچە كۆڭلەك: ئەرەنچە كۆڭلەك ئويما ياقىلىق خالتا كۆڭلەك، يەكتەك كۆڭلەك، مەيدە ياقىلىق ۋە تۆش ياقىلىق خالتا كۆڭلەك، يان ئىزمىلىق كۆڭلەك دېگەندەك بىر نەچچە خىل كېلىدۇ. بۇ كۆڭلەكلەرنىڭ ھەممىسى يەڭلىك، كەڭ ئېتەكلىك بولۇپ، بوي ئۇزۇنلۇقى تىزغا، يەڭ ئۇزۇنلۇقى قول بېغىشىغا تەڭلىشىدۇ. ئويما ياقىلىق خالتا كۆڭلەكنىڭ ياقىسى بويۇنغا تەڭلەشتۈرۈپ ئويۇلغان بولۇپ، ئىككى ياكى بىر مۈرىسى يېرىق كېلىدۇ. يېرىق بوغقۇش بىلەن ئېتىلىدۇ. )1( يەكتەك كۆڭلەك: بۇ يەكتەك ياقىسىدەك بولۇپ، ئالدى ئوچۇق كېلىدۇ. مەيدە ياقلىق خالتا كۆڭلەك، ياقىسى بويۇنغا تەڭلەشتۈرۈپ ئويۇلۇش بىلەن مەيدىگىچە يېرىق كېلىدۇ. بويۇننىڭ سول تەرىپىدىن مەيدىگىچە 7 - 8 سانتىمېتىر كەڭلىكتە ياقلىق تۇتىلىدۇ. تۆش ياقىلىق خالتا كۆڭلەك، ياقىسىنىڭ مەيدە ئوڭ تەرىپى كۋادرات شەكلىدە كەڭ بولۇپ،سول مۈرە تەرىپىنى بېسىپ تۇرىدۇ، تۈگمە بىلەن ئېتىلىدۇ. )2( يان ئىزمىلىق كۆڭلەك: بۇ ئالدى ئوچۇق، ئەممە سول پېشى كەڭ، ئوڭ تەرەپ پەشسىز بولۇپ، قولتۇق ئاستىدىن بوقۇش بىلەن ئېتىلىدۇ. ياقىسى قىيپاش ئويما شەكىلدە كېلىدۇ. بۇ ئاساسىي جەھەتتىن بوۋاقلارنىڭ يان ئىزمىلىق كۆڭلىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ كۆڭلەكلەر ئىچىدە ئويما ياقىلىق خالتا كۆڭلەكنىڭ بوۋاقلار، ئۆسمۈرلەرگىمۇ كىيدۈرۈلۈشىدىن ئۇنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى كۆڭلەك شەكىللىرىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلار كۆڭلەكنى «چامچا» دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇن يان ئىزمىلىق كۆڭلەكنى «چامچا» دەپ ئاتىغانلىقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. كېيىنچە قايرىما تىل ياقىلىق )مەيدىگىچە( ، مەيدە يانچۇقلۇق، ئالدى ئوچۇق ئۇزۇن ۋە كالتە يەڭلىك؛ پەلتۇ ياقىلىق ۋە كەڭ قايرىما ياقىلىق )مەيدىگىچە(، ياقىسى، يەڭ ئۇچى، ياقا يانداپ مەيدىسىگە كەشتە قىلىنغان كۆڭلەك كىيىشمۇ ئومۇملاشتى. 2) ئايالچە كۆڭلەك: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەنچە، ئايالچە كىيىم پەرقى مەركەزلىك ھالدا كۆڭلەكتە ئالاھىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئايالچە كۆڭلەكنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئۇزۇن ۋە كەڭ ئېتەكلىك كېلىشىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئايالچە كۆڭلەكمۇ تون ياقىلىق كۆڭلەك، ئويما ياقىلىق خالتا كۆڭلەك، مەيدە ياقىلىق تۈز ۋە پۈرمە كۆڭلەك دېگەندەك بىر نەچچە خىل كىلىدۇ. بۇ كۆڭلەكلەرنىڭ ياقا شەكلى ھەر خىل بولسىمۇ ھەممىسى بىردەك ئېتىكى كەڭ، ئۇزۇن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ھوشۇق ئۈستىگە تەڭشىلىدۇ. بۇ كۆڭلەكلەر ئىچىدە تون ياقىلىق كۆڭلەك شەكلى ئاللىبۇرۇنلا يوقالغان. تون ياقىلىق كۆڭلەك كېيىنكى دەۋرلەردە يەنە بىر مۇددەت ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ياقا شەكلىنىڭ تون ياقىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەسلى تونچە كۆڭلەكتىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. پەرقى: ياقىسى كۆكرەك ئۈستىگە تەڭلىشىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تىزنى بېسىپ كېلىدۇ. مەيدىنىڭ ئاستى قىسمىغا كىچىك ئىككى يانچۇق ئېچىلغان بولىدۇ (يانچۇقسىزمۇ كېلىدۇ). بۇنىڭ يەنە بىر خىل بولۇپ، ئۇ بىرىنچى خىلدىكىسىدىن ئىككى پەشلىك كېلىشى بىلەن يەڭ، پەلتو ياقىلىق، قايرىما تىل ياقىلىقمۇ كېلىدۇ. ئويما ياقىلىق خالتا كۆڭلەك بىلەن مەيدە ياقىلىق تۈز كۆڭلەك شۇ شەكىلدىكى ئەرەنچە كۆڭلەككە ئاساسەن ئوخشاش. پەرقى: ئۇزۇن، ئېتىكى كەڭ كېلىدۇ. ئەمما ياقىلىق خالتا كۆڭلەك ئالدىچە، كەينىچە كېيىلىۋېرىدۇ. مەيدە ياقىلىق تۈز كۆڭلەك سەل كالتە، كەڭلىكى نورمال كېلىدۇ. مەيدە ياقىلىق تۈز كۆڭلەك دەپ ئاتىلىشى ئۇنىڭ تىكىلىش شەكىلىدىكى پەرقىگە نىسبەتلەشتۈرۈپ ئېيتىلغان. پۈرمە كۆڭلەك. كۆكرەك پۈرمە، بەل پۈرمە دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. كۆكرەك پۈرمە كۆڭلەكنىڭ كۆكرەك قىسمى ئايرىم كېسىلىپ ئالدى بوي بىلەن بوي بىلەن پۈرمە قىلىپ تىكىلىدۇ. بەل پۈرمە كۆڭلەكنىڭ ئالدى قىسمىمۇ بەل تەڭلىكتە كېسىلىپ ئېتەك قىسىمى بىلەن پۈرمە قىلىپ تىكىلىدۇ. يەل پۈرمە كۆڭلەكنىڭ ئېتەك قىسمىنىڭ ئالدى - كەينىگە رەڭدار مەشۇت يىپتا ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى كەشتىلىنىپ تىكىلىگەن تۈرىمۇ بولۇپ، ناھايىتى كۆركەم كېلىدۇ. ياشانغان ئاياللار كۆپىنچە مەيدە ياقىلىق تۈز كۆڭلەك، قىزلار، جۇۋان - چوكانلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار كۆكرەك پۈرمە، بول پۈرمە كۆڭلە كىيىدۇ. مۇنداق كۆڭلەك شەكلى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇرۇن ئايالچە كۆڭلەك بۆز، شاتىۋا، شايى - ئەتلەس قاتارلىق قول سانائەت توقۇلمىلىرىدىن تىكلەتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەرخىل گۈللۈك چىت، رەڭدار چىبەرقۇت قاتارلىق پاختا توقۇلمىلار، تاۋار - دۇردۇن، دۇخاۋا گىرىپ، شىپون، شىپون دۇخاۋا، پەلىدىن قاتارلىق نەپىس يىپەك رەخت ۋە يۇڭ رەختلەردىن تىكىلگەن كۆڭلەك كىيىش ئومۇملاشتى. مۇنداق تومۇلمىلاردىن تىكىلگەم كۆڭلەكلەردە ئاساسەن يەنىلا كۆكرەك، مەيدە پۈرمە شەكلى ساقلىنىپ كەلمەكتە. مۇندىن باشقا ياقا، يەڭ ئۇچى، ئالدى بوينىڭ كۆكرەك قىسمى، ئېتەك ئۈستىگە كەشتە قىلىنغان پەلىدىن ۋە يۇڭ كۆڭلەك كىيىشىمۇ ئومۇملاشتى. 6( بالىلار كىيىمى: ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بالىلار كىيىمىدىن ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى ئىشتانپايپاق. بالا تۇغۇلۇپ ئالتە ئايلىق بولغاندىن باشلاپ تا ئايىغى چىقىپ ئىككى - ئۈچ ياش بولغۇچىلىك ئاساسەن ئىشتانپايپاق كىيدۈرۈلىدۇ. ئىشتانپايپاق شەكىلىگە قاراپ ئاسما، يارما ئىشتانپايپاق دەپ ئىككى كېلىدۇ. ئاسما ئىشتانپايپاق ئېغىنىڭ ئاچىماق كېلىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئالدى، ئارقا بويى پۇتقا قەدەر پۈتەر، ئىككى مۈرىسى يېرىق، ياقىسى ئويما، پۇتلۇقىمۇ پايپاقتەك پۈتەي كېلىدۇ، مۈرىدىن ئىزمىلىنىدۇ. شۇڭا «ئىشتانپايپاق» دەپ ئاتالغان. مۈرىدىن ئىزملىنىپ ئېسىقلىق تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئاسما ئىشتانپايپاق» دەپ ئاتالغان. يارما ئىشانپايپاق يەڭلىك، ياقىسى ئويما، ئالدى دۇۋسۇنغا قەدەر ئوچۇق كېلىدۇ. ئىزما ياكى تۈگمە بىلەن ئېتىلىدۇ. شۇڭا «يارما ئىشتانپايپاق» دەپ ئاتالغان. ئىشتانپايپاق پەسىلىگە قاراپ يالاڭ، ئەستەرلىك، پاختىلىق تىكىلىدۇ. بالىلار ئۈچ ياشتىن كېيىن يەنە بىر مۇددەت ئىشتانپايپاق كىيىدۇ. ئەمما ئېغىنىڭ ئاچىلىقى قىسقا، ھىم، پۇتلۇقى پايپاقسىز، ئالدى پۈتەي كېلىدۇ. ئادەتتە ئۈستىگە چاپان كىيدۈرىدۇ. ئوغۇللارنىڭ ئىشتانپايپىقى سىدام رەختلەردىن، قىزلارنىڭ رەڭدار، گۈللۈك رەختلەردىن تىكىلىدۇ. قىزلار ئىشتانپايپىقىنىڭ يۈزى، سوڭى، تىزى، مەيدە ۋە كۆكرەك قىسمىغا، يەڭ ئۇچىغا رەڭدار مەشۇت يىپتىن ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى چېكىلىدۇ. 7) قىشلىق كىيىم: ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى دەۋرلەردە تېرە جۇۋا، تېرە ئىشتان كېيەتتى. كېيىنكى دەۋرلەردە پاختىلىق چاپان (بۇرۇن پاختا ئورنىغا يۇڭ سېلىناتى)، پاختىلىق ئىشتانمۇ كىيىدىغا بولدى. جۇۋا ھازىرىمۇ بىزنىڭ مۇھىم قىشلىق كىيىملىرىمىزدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇۋا: جۇۋا ئۆڭ جۇۋا، تاشلىق جۇۋا دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئۆڭ جۇۋا كۇرۈك جۇۋا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆڭ جۇۋا ئاساسەن تون ياقىلىق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئوشۇق ئۈستىگە تەڭلىشىدۇ. ياقىسىدىن تا ئالدى، ئارقا پەشنى چۆرۈلدۈرۈپ قارا رەخت ياكى مويى پەس تېرىدىن زەي تۇتۇلىدۇ. شۇنىڭدەك شۇ زەينى بويلاپ تېرە ئۈستىگە مەخسۇس سايمان بىلەن گۈل نۇسخىلىرى چىقىرىلىدۇ. ئىككى پەش بەلباغ بىلەن ئېتىلىدۇ. بۇنداق جۇۋا ئوغۇل - قىز پەرقلەندۈرۈلمەي بالىلارغىمۇ كىيدۈرۈلىدۇ. ئەمما ئۇزۇنلۇقى تىزنى بېسىپ كېلىدۇ. ئۆڭ جۇۋا بىردەك يانچۇقسىز بولۇپ، چوڭ قوي ياكى توقلا تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. تاشلىق جۇۋا: تون ياقىلىق، ئويما ياقىلىق ئىككى خىل بولىدۇ. تون ياقىلىق جۇۋا ئاساسەن مويى ئۇزۇن پاقلان تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. شۇنىڭدەك تۈلكە، بۆرە، مولۇن ۋە ئىت تېرىلىرىدىنمۇ تىكىلىدۇ. تون ياقىلىق جۇۋىغا مويى پەس پاقلان تېرىسى، كۆرپە ۋە تۈلكە، قاما تېرىسىدىن قايرىما ياقىلىقمۇ تۇتىلىدۇ. تاشقى چىبەرقۇت، تېرىكە، سارجا قاتارلىق رەختلەردىن قىلىنىپ ئىككى يانچۇق ئېچىلىدۇ. ئويما ياقىلىق جۇۋىنىڭ ياقا شەكلى پەشمەت چاپاننىڭ ياقىسىغا ئوخشاش. شۇڭا پەشمەت جۇۋا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ياقىسىغا ئوخشاش. شۇڭا پەشمەت جۇۋا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاساسەن مويى پەس پاقلان تېرىسى، كۆرپە، ئىت تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. پەشمەت جۇۋا ئۇزۇن، كالتا ئىككى خىل بولىدۇ. كالتا پەشمەت جۇۋىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتىكى پەشمەت چاپانغا ئوخشاش كېلىدۇ. ھازىر تون ياقىلىق جۇۋا ئورنىنى پەلتو ياقلىق، تاشلىق جۇۋا ئالدى. پەلتو ياقلىق جۇۋىنىڭ ياقلىقىغا كۆرپە، سۈنئىي كۆرپە، توقۇلما، سۈنئىي قاما تۇتۇش ئومۇملاشتى. ئايالچە جۇۋا، ئەرەنچە جۇۋىدىن تاشلىق كېلىشى، ئاساسەن كۆرپە ۋەمىيانە ياكى چۇچۇلادىن تىكىلىشى بىلەن پەرقلىنىدۇ. تون ياقىلىقىغا كۆرپە، قامىدىن ياقىلىق تۇتىلىدۇ، ئەمما تارراق كېلىدۇ. تون ياقىلىق جۇۋىغا قارىغاندا پەشمەت جۇۋا كىيىش ئومۇملاشقان. ئايالچە جۇۋا ئادەتتە قارا، چەش رەڭ، بېغىر رەڭ تېرىكە، مەخمەل، دۇخاۋا، تاۋار - دۇردۇندىن تاشلىنىدۇ. ھازىر كۆرپە، توقۇلما،. سۈنئىي قامىدىن ياقىلىق تۇتۇلغان تۆمۈر كۆك، قارا كۆك سارجىدىن تاشلانغان پەلتۇ جۇۋا كېيىش ئومۇملاشماقتا. تېرە ئىشتان قوي تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. تېرە ئىشتانمۇ ئۆڭ ۋە تاشلىق ئىككى خىل كېلىدۇ. ئۆڭ تېرە ئىشتاننىڭ ئۇزۇنلۇقى پۇت بېغىشىغا تەڭ بولۇپ، پۇشقىقىغا مويى پەس پاقلان تېرىسىدىن زەي تۇتۇلىدۇ. بەللىكى رەخت بىلەن پەرۋازلىنىپ ئىشتانباغ بىلەن ئىتىلىدۇ. تاشلىقى ئالدى پۈتەي ۋە ئوچۇق ئىككى خىل بولۇپ يانچۇقلۇق كېلىدۇ. ئالدى ئوچۇق شەكلى تۈگمىلىنىدۇ، بەللىكى تاسما بىلەن ئىتىلىدۇ. ئاياللار پاختىلق ئىشتان كىيىدۇ، شەكلى يالاڭ ئشتان شەكلىدە كېلىدۇ. ئىشتان «شالۋۇر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. (ئەستەرلىك ئىشتان شۇنداق ئاتىلىدۇ). 8( ئاياغ كىيىم: ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئاياغ كىيىمى ئۆتۈك، چۇرۇق. ئۆتۈك كىيىش ئادىتى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئاياغ كىيىمىنىڭ يەنە مەسە، چېتىك، كەش، سەندەل، شىۋەك، دەكتۇ، پيىما قاتارلىق تۈرلىرىمۇ بار. )1( ئۆتۈك: ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۆتۈكنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىجادىيىتى دېيىشكە بولىدۇ. كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئودەكلىك قەدىمكى قەبرىستانلىقتىن )4000 يىل بۇرۇنقى بىر قەبرىدىن( كالا تېرىسىدىن تىكىلىگەن ئۇزۇن قونچىلىق ئۆتۈك چىققان. دۇنيا بويىچە تۆت چوڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركىزىدىن ياغاچتىن ياسالغان، چىغسىمان ئۆسۈملۈك نوتىلىرىدىن توقۇلغان، ئاياغ كىيىم ئەۋرىشكىسىدىن باشقا تا بۈگۈنگە قەدەر باشقا تا بۈگۈنگە قەدەر باشقا رايونلاردىن ئۆتۈك ئەۋرىشكىسى تېپىلمىدى. ئەجدادلىرىمىز كىيگەن ئۆتۈك ھازىرقى ئۆتۈك شەكلىگە قارىغاندا ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما تۈپ شەكلى ئۆزگەرگىنى يوق. مەسىلەن، قەدىمكى شەكلى ئۇزۇن قونچۇلۇق )ئۇزۇنلۇقى تىزدىن ئاشىدۇ(، خۇددى كىگىز پايپاققا ئوخشاش پاشنىسىز بولۇپ، ھەممە قىسمى ئەيلەنگەن خام كالا تېرىسىدىن راسلىنىپ قونچى، باشلىقى، تاپانلىقى كىرىش تاسما بىلەن ئىلىپ تىكىلگەن بولسا، كېيىنكى ۋاقتىلاردا باشلىقى تارراق، تاپانلىقى كەڭ، چۇرۇق شەكىلدە پۇرۇپ يىپتا تىكىلگەن شەكىللىرى؛ يۇمشاق چەملىك، باشلىقى چەمگە تىكىلگەن شىناسىمان تۈز پاشنىلىق، پەس پاشنىلىق ئۇچلۇق تۇمشۇقلۇق )تۇمشۇقى ئۈستىگە ئەگمە( شەكىللىرى، شۇنىڭدەك قاتتىق مىخ چەملىك، ئارا، ئىنچىكىرەك ئېگىز پاشنىلىق، قونجى ۋە سوڭىغا ساغرىدىن )ئېشەك تىرىسىدىن ئىشلەنگەن كۈننىڭ بىرى تۈرى( كەشتە قىلىنغان شەكىللىرىمۇ مەيدانغا كەلگەن )يېڭىساردا ئۆتمۈشتىن بېرى تېرىلىپ كېلىۋاتقان بىر پارچە بۇغداي ئېتىزى ئوسا قىلىنىۋاتقاندا بىر جاي كۆمۈرۈلۈپ ھاڭ بولۇپ قالغان. بۇ ئەسلى بىر قەدىمكى قەبرە بولۇپ، ئۇنىڭدىن مۇشۇ خىلدىكى ئۆتۈك ۋە باشقا نەرسىلەر چىققان. قەبرە ئورنى سۇدا ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن يىل دەۋرىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىغان. ھازىر بۇ ئۆتۈكنىڭ بىر پېيى ئىنىستىتۇتىمىزدا ساقلانماقتا(. بۇ ئۆتۈكلەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئىككى پۇتىنىڭكىنى ئالماشتۇرۇپ كىيىشكە بولىدۇ. پەس پاشنىلىق، تۈ تۇمشۇقلۇق ئۆتۈك شەكلىنى يېڭىسار ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ھېلىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنە شەكلى ئاساسەن ھازىرقى ئۆتۈك شەكىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان گۈل كەشتە قىلىنغان ئۆتۈك ھازىر كۇچا مەدەنىيەت يۇرتىدا ساقلانماقتا. ئۆتۈك ئەڭ بۇرۇن قوڭالتاق كىيىلىدىغان بولۇشى مۇمكىن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا پۇتقا پايتىما يۆگەپ ياكى قونجىغا گۈل كەشتىلەنگەن ئەستەرلىك ياكى پاختىلىق پايپاق ياكى كىگىز پايپاق بىلەن كىيىلىدىغان بولغان. ھازىر ئاساسەن يىپ ياكى نىلون پايپاق بىلەن كىيىلىدىغان بولۇپ كەتتى. چورۇق: چورۇقنىڭ شەكلىگە ئاساسەن ئۆتۈكنى چورۇقنىڭ تەرەققىي قىلغان تۇنجى شەكلى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۆتۈكنىڭ قەدىمكى شەكلى چورۇقتىن ئەيلەنگەن خام تېرىدە باشتىن ئېلىنىپ قونچۇلۇق تىكىلگەنلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. چورۇق ئەيلەنگەن تېرىدە ھازىرلىنىدۇ. كالا سويۇلۇپ، تېرىسى شىرە نەم ۋاقتىدا پۇت يۆگەلگەدەك چوڭلۇقتا ئۆلچەپ كېسىلىپ، چۆرىسىگە كۆز ئېچىپ شىر تاسما بىلەن پۇتقا تېڭلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇت سېپىلىدىغان شەكىلىگە كېلىدۇ « كۆرگەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما» دېگەن ھېكىمەتلىك ماقال شۇ ئاساستا مەيدانغا كەلگەن. چورۇقمۇ يازلىق، قىشلىق ئىككى خىل كېلىدۇ. قىشلىق چورۇق «چورۇق ئۆتۈك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىلىكى، چورۇق ئۇزۇن قونچۇلۇق كىگىز پايپاق ئۈستىگە تارتىلىدۇ. پايپاقنىڭ ئۇزۇنلۇقى شىڭگىلتاققا تەڭشىلىدۇ. ھوشۇقتىن شىڭگىلتاققا قەدەر پايپاقنىڭ ئۈستىدىن قۇر )كاشا - يۇڭ ياكى يىپتا توقۇلغان يېسى تانا( چەپراس قىلىپ تېڭىلىدۇ. «چورۇق ئۆتۈك» دەپ ئاتالغان. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۆتۈك رولىنىڭ چوڭىيىشى ئارقىسىدا چورۇق كېيىن تەدرىجىي ئۇنتۇلدى. ئۆتۈكمۇ ئەرەنچە، ئايالچە ئىككى خىل كېلىدۇ. بىر قەدەر بۇرۇنقى دەۋىرلەردە ئەرەنچە، ئايالچە دەپ پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بولۇشى مۇمكىن. يېڭىسار ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن بۇرۇنقى ئايالچە ئۆتۈكنىڭ ئىخچام كېلىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەرەنچە ئۆتۈكتىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىغا قاراپ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ. ئەرەنچە ئۆتۈك پاشنىسىنىڭ ئوتتۇراھال، تۇمشۇقىنىڭ كېسىكسىمان، قۇنچىنىڭ كەڭرەك كېلىشى بىلەن ئايالچە ئۆتۈكتىن پەرقلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەرەنچە، ئايالچە ئۆتۈك، كالتە قونچۇلۇق، ئارا قونچۇلۇق، ئۇزۇن قونچۇلۇق قىلىپمۇ تىكىلىدىغان بولدى. ئايالچە ئۆتۈك ئەرەنچە ئۆتۈكتىن ئاساسلىقى سىپتا، چاققان، پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى، ئۈزەڭگۈلۈك قىسمىنىڭ ئەگمە كېلىشى، سوڭىنىڭ بورتۇپ چىقىشى بىلەن پەرقىلىنىدۇ. ھازىر قونچىنىڭ سېرىتمىلىق، پىستانلىق قىلنىشى بىلەن تېخىمۇ پەرقلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەمما ئوتتورا ياشلىق ۋە ياشانغان ئاياللار يەنىلا ۋە ئوتتۇرا پاشنىلىق ئۆتۈك كىيىدۇ. مەسە: مەسە قونچى ئۇزۇن ئوتتۇرا ھال، چەمى يۇمشاق، پاشنىسىز بولۇپ، ئاساسەن ئوتتۇرا ياشتىن يۇقىرى ياشلىق ئەرلەر، ئاياللار كىيىدۇ. مەسە چەمى يۇمشاق، بىر قەۋەتلا كەلگەچكە «پايپاق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئۈستىگە كەش ياكى كالاچ كىيىلىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاياللاردا بىر مۇددەت «ئىسكىلاچ» دەپ ئاتىلىدىغان مەسە كىيىش ئومۇملاشقان. ئۇ ئادەتتىكى مەسىدىن چەمىنىڭ قاتتىق، پاشنىلىق كېلىشى، ئۈستىگە قاتتىق چەملىك، پاشنىلىق كەش )مەسە پاشنىسى پېتىپ تۇرۇشقا مۇناسىپ چىقىرىلغان پاشنا( كىيىدىغانلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. چېتىك: ئاساسەن ئادەتتىكى ئەرەنچە ئۆتۈككە ئوخشاش بولۇپ، چەمىنىڭ بىر قات، پاشنىسىنىڭ يوق دېيەرلىك ھالدا پەسلىكى بىلەن ئادەتتىكى ئۆتۈكتىن پەرقلىنىدۇ. ئالاھىدىلىكى يېنىك كېلىدۇ. چېتىكنى ئوتتۇرا ۋە چوڭ ياشلىق ئەرلەر كىيىدۇ. كەش: ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يازلىق ئاياغ كىيىمى بولۇپ، شەكلى ئاساسەن ھازىرقى كالاچقا ئوخشاش. ئەمما پەس پاشنىلىق كېلىدۇ. كەشمۇ كوندىن تىكىلىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ياز پەسلى كەش كىيگەندىن تاشقىرى، ياز ئايلىرىدا يالىڭاياق يۈرۈشكىمۇ ئادەتلەنگەن. بۇ ئادەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئارقىسىدا ھاسىل قىلغان سوغۇق يەلدىن كېلىپ چىقىدىغان پۇت ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. كەش يازلىق ئاياغ سۈپىتىدە كىيىلىشتىن تاشقىرى، يىلنىڭ باشقا پەسىللىرىدىمۇ، مەسە ئۈستىگىمۇ كىيىلىپ كەلگەن. ھازىر كەش ئورنىنى كالاچ ئالدى. شۇنىڭدەك ئۆتۈك ئۈستىگە )ئايالچە پەس پاشنىلىق ئۆتۈك ئۈستىگە( كالاچ كىيىش ئومۇملاشتى. سەندەل: شىۋەكنى يازلىق ئاياغ تۈرى بويىچە كەشنىڭ تەرەققىي قىلغان شەكلى دېيىشكە بولىدۇ. سەندەلنىڭ ئالاھىدىلىكى كەشكە قارىغاندا، باشلىق قىسمى كالتىراق، يۇمىلاق، ھاۋا ئۆتۈپ تۇرىدىغان چاقماق تۈشۈكلۈك، چەمى بىر قات، پاشنىسى ئىككى قات كېلىدۇ. شۇنىڭدەك پۇت بېغىشىنىڭ ئالدى قىسمىدىن بۇقۇچلىنىدۇ. شىۋەك ئاساسەن سەندەلگە ئوخشاش. پەرقى تۆشۈكسىز، بۇقۇشسىز بولۇپ، ئويما باشلىق خەيگە ئوخشايدۇ. ھازىر سەندەل بىلەن شىۋەكنىڭ ئورنىنى رېشاتكىلىق شىبلىت، سولياۋ ئاياغ، ئويما باشلىق خەي ئالدى. دەكتو: دەكتو ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قىشلىق ئاياغ كىيىمىنىڭ بىر خىلى. ئۇ مەخسۇس سېمىز ئەركەك قوي تېرىسىدىن تىكىلىدىغان بولۇپ، ئاساسەن قىش كۈنلىرى ئاتاقلىق ياكى ھارۋىلىق، ئېشەكلىك يولغا چىققاندا مەسە، ئۆتۈك ئۈستىگە كىيىلىپ كەلگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا پىيما مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن دەكتو كىيىش ئادىتى ئۈزۈلگەن. پىيما ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە بېسىلغان كىگىز پايپاق، ئىچىگە كىگىز، قوي تېرىسى ۋە پاختىلىق ئەستەر قىلىنغان. ھەر خىل ئاياغ كىيىم ئومۇملاشقاندىن كېيىن پىيمىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن كىيىلمەيدىغان بولدى. ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئۆتۈكتىن باشقا شىبلىت، توپلى، بوتى قاتارلىق قىشىلىق - يازلىق ئاياغ كىيىش ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلاندى. ئۇيغۇر ئۇستىلىرى مۇشۇنداق ئاياغلار ئاساسىدا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل ئاياغ كىيىم مودېللىرىنى داۋاملىق بازارغا سالماقتا. مۇنداق ئۆتۈكلەرنى قېرىنداش مىللەت ئاياللىرىمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان بولۇپ كەتتى. زامانىۋى كىيىم مودېللىرىنى قوغلىشىش - ئۇيغۇر ئەر - ئاياللىرىدا ئومۇميۈزلۈك خاھىش بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتى