UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرىدوستخۇمار ۋە مېھماندوستلۇق

دوستخۇمار ۋە مېھماندوستلۇق

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرى ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن دوستخۇمار، مېھماندوست خەلق، ئۇيغۇرلاردىكى جۈملىدىن قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەردىكى دوستخۇمار، مېھماندوستلۇق ئادەت - ئەنئەنىسى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىكى يايلاق تۇرۇمۇشى شارائىتىدا شەكىللەنگەن ئادەت - ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مەلۇمكى، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى ئوت - سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەينى زاماندا ئەجدادلىرىمىزدا كەڭ، بىپايان يايلاقتا ھەپتىلەپ - ئايلاپ ئۆزئارا ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكى، سەپەر ئۈستىدىكىلەرگە نەچچە كۈنلەپ ئىسسىق ئىچىپ، ئارامخۇدا ھوزۇرلىنىپ ھاردۇق چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولمايتتى. تەبىئىيكى، بۇ ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ زېرىكىشلىك ئىدى، شۇنداق شارائىتتا بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىش چوڭ خۇشاللىق ئىش ھېسابلىناتتى. مۇنداق ئۇچرىشىشلار بولغاندا خۇشاللىقىدا مال سويۇپ، مېھمان بولۇشۇپ قانغۇدەك مۇڭدىشاتتى. بۇ ئۆز دەۋرىدە ئاشۇنداق زېرىكىشلىك تۇرمۇشقا خۇشاللىق، ئازادىچىلىك بەخش ئېتىدىغان بىردىنبىر ۋاسىتە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مۇنداق ئۇچرىشىش، مۇڭدىشىشنى تەشنالىق بىلەن كۈتەتتى. بۇنداق تەشنالىق ئۇلاردا تەدىرىجىي دوستخۇمار، مېھماندوستلۇق ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرى شۇ ئادەت - ئەنئەنىنىڭ داۋامى، بۇ ئادەت ھازىر يەنىلا مەھەللە - ئائىلە ۋە شەخسلەر بويىچە بېرىش - كېلىش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ھەمكارلىشىش، دوستلىشىش، مېھماندارچىلىق قاتارلىق شەكىلدە داۋاملىشىش بىلەن ئۆز ئارا چۈشىنىش، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق مۇنسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇپ قالدى. بۇ ئادەت - ئەنئەنىلەر مۇشۇ جەھەتلەردە بىرقەدەر تىپىك ئىپادىلىنىدۇ: ① كىچىكىدىنلا دوست تۇتۇش: ئۇيغۇرلاردا دوست تۇتۇش بالىلىق دەۋرىدىلا باشلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ دوستلۇقى بالىلارغا خاس ۋەدە - ئەھدى ئاساسىغا ئورنىتىلغان بولىدۇ. دوستلۇق بالىلار ئىچىدە <ئاداش>، <ئاغىنە> دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى بالا دوست بولماقچى بولسا، ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنى گىرەلەشتۈرۈپ <ۋەدىمىز ۋەدە> دەپ ئۈچ قېتىم سىلكىشىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە دوستلۇق قەسەميادى ھېسابلىنىدۇ. ② چوڭلار ئۈلگە بولۇش: چوڭلار بالىلارنى دوست تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلاردا دوستلۇق تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز بالىسى بىلەن بىللە ئوينايدىغان بالىلارنىڭ مىجەز - خۇلقىنى كۆزىتىدۇ، بالىسىغا دىتىغا ياققان بالا بىلەن ئۇرۇشماي - تالاشماي ئويناشنى تاپىلاپ: <× × بىلەن بىلە جەجلە> دەپ پۇل بېرىپ تۇرىدۇ. مۇمكىنقەدەر غىزا - تاماقتىمۇ بىللە بولغۇزىدۇ، چوڭلارنىڭ بۇنداق يېتەكلىشى ۋە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا دوستلۇقنى قەدىرلەش ئەمەلىيىتى ئارقىسىدا بالىلاردا دوستلۇق چۈشەنچىسى، دوستلۇقنى قەدىرلەش ئېڭى چوڭقۇرلىشىدۇ. ③ دوستلۇقنى قەدىرلەش: ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئالاھىدىلىك دوستلار ئارا سەمىمىي - سادىق بولۇش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، بىر - بىرىدىن مال - دۇنيا ئايىماسلىق، ھەتتا زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا جانلىرىنى پىدا قىلىشتىنمۇ يانمايدىغانلىقلىرى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا دوستلۇقنى قەدىرلەش بويىچە يەنە مۇنداق ئادەت مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. دوستلۇق مېھرىنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن پەرزەنتلەر كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇلارنى كەلگۈسىدە چېتىپ قويۇشقا، ھەتتا ئاياللىرى ھامىلدار ۋاقىتىدىلا شۇنداق ئارزۇ - تىلەكتە ۋەدە - ئەھدى قىلىشىدۇ، مۇنداق ئەھدىلەشكەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز ئەھدىلىرىنى ئادا قىلىپ كەلگەن. ئەرلىرىنىڭ ئۆمرى يار بەرمىگەن تەقدىردە ئۇنى ئاياللىرى ئورۇنداپ، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىز دوستلۇقنىڭ قەدىر - قىممىتىنى بىلىش ۋە ئۇنى قەدىرلەش يۈزىسىدىن بىزگە <مېلىڭ مىڭغا يەتكۈچە دوستۇڭ ئونغا يەتسۇن> دېگەن ماقالنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلۇقنى قەدىرلەش ئادىتىگە مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسى تولىمۇ ماسلاشقان، بۇ ئەنئەنە مېھماننى قەدىرلەش، قائىدە - يوسۇن بىلەن قىزغىن كۈتۈشتەك مۇئامىلىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ھەرقانداق ئۆيىگە بىرى كەلسە، ئۇنىڭ تونۇش - تونۇش ئەمەسلىكى، چوڭ - كىچىك بولۇشى ۋە باشقا مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن ھەممىنى بىردەك ئوچۇق چىراي، قىزغىن قارشى ئېلىپ سالام - سائەت قىلىش بىلەن ئۆيگە باشلاپ تۆردىن ئورۇن كۆرسىتىدۇ. كەلگۈچى ئولتۇرۇپ بولۇپلا <ئاللاھۇ ئەكبەر> دەپ دۇئا (ئادەتتە چوڭلار) قىلىپ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاندىن رەسمىي تىنچلىق سورىشىدۇ. ساھىبخان داستىخان سېلىپ مەزە بىلەن چاي قويىدۇ، كەلگۈچىنىڭ ۋاقتىغا قاراپ ئىككىنچى قەدەمدە غىزا تاماق ئېتىپ چىرايلىق مېھمان قىلىدۇ. ئەگەر كەلگۈچى بىرەر جىددىي ئىش بىلەن كەلگەن بولسا، تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىپ بولۇپ، داستىخان سېلىپ بىرەر پىيالە چاي قۇيۇشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر كەلگۈچى تاماق ئۈستىگە كېلىپ قالغان بولسا، داستىخان ئۈستىدىكىلەر قاچىلىرىنى قويۇپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قارشى ئېلىش بىلەن مېھماننى داستىخانغا تەكلىپ قىلىپ چاي - تاماق قويىدۇ. مېھمان تاماققا ئېغىز تەگكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن قويىدۇ. مېھمان تاماققا ئېغىز تەگكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن قاچىلىرىنى قولىغا ئېلىپ تامىقىنى يەيدۇ. مېھمانغا چاي - تاماق قويۇلغاندا قاچىسىنى قولىغا ئېلىپ ساھىبخانغا ۋە يېنىدىكىلەرگە قاراپ <قېنى، چايغا (ياكى ئاشقا) كېلىلى> دەپ تۇرۇپ چايغا ياكى تاماققا ئېغىز تەگكۈزىدۇ. ئۇيغۇرلار تاماق ئۈستىگە كەلگەن مېھماننى رىسىقلىق، خالىس مېھمان دەپ ئەزىز بىلىدۇ. <ياخشى ئادەم ئاش ئۈستىگە كېلىدۇ، يامان ئادەم گەپ ئۈستىگە (كېلىدۇ)> دېگەن ماقال شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلار مېھماننى خالىس مېھمان (خۇدايى مېھمان)، چىللىغان مېھمان دەپ ئىككى خىل ئاتايدۇ. 1( خالىس مېھمان: يەكشەنبە )بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئازنا - پەيشەنبە( ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى كەچ تەرەپلەردە، تونۇش - بىلىش، دوست - يارەنلەر كۆڭلى تارتقان بىرىنىڭ ئۆيىگە ھېچقانداق خەۋەر قىلمايلا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ قونۇپ كەتكىلى كېلىدۇ. شۇنىڭدەك بەزىدە ئۆيگە سەپەر ئۈستىدىكى كىشىلەر كېلىپ قالىدۇ. مۇنداق مېھمانلار <خالىس مېھمان> دەپ ئاتىلىدۇ. ساھىبخان بۇنداق خالىس مېھمانلارنىڭ قايسى خىلدىكىسى بولمىسۇن ھەممىسىنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىپ ساندۇقىدا، ئاسقۇسىدا بار نەرسىلەر بىلەن چىرايلىق مېھمان قىلىپ ئۇزىتىدۇ. شارائىتى بارلار خۇشاللىقىدا مېھمان شەرىپىگە بىرەر مال سويسا، بەزىلەر ھېچ بولمىغاندا قونداقتىكى توخۇسىنى بولسىمۇ سويىدۇ. مېھمانلار ساھىبخاننىڭ قىلغان خېرىدارلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، تاپمىغىنى بىر باش پىياز، تاپقىنى تۆگە سويار، تاپمىغىنى چۈجە - خوراز< دېگەن بۇ ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسى تولىمۇ ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. 2) چىللىغان مېھمان: بۇ زىياپەتكە چىللىغانلارغا قارىتىلغان. مۇنداق زىياپەت ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان زىياپەت بىلەن مەخسۇس زىياپەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەن ۋە يۇرتداشلار ئارا چىللاش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان زىياپەتنىڭ دائىرىسى كىچىك، ئەمما سېلىنىدىغان داستىخىنى ئادەتتىكى مېھماندارچىلىقنىڭ داستىخىنىدىن بىر قەدەر مولراق بولىدۇ. بۇنىڭغا ئالدىن تەييارلىق كۆرۈلىدۇ. بۇ خىلدىكى مېھماندارچىلىقنىڭ مەقسىتى كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش. شۇڭا بۇنداق مېھماندارچىلىق >ئولتۇرۇش< دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق مېھمانلار، ئادەتتە خالىس مېھماندىن تەلەپچان كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چىللانغان مېھماننىڭ كۆڭلىنى ئالماق تەسكە توختايدۇ. بەزىلەر ھەتتا سىزنىڭ پاي - پېتەك بولۇپ كۈتكىنىڭىز بىلەن كارى بولماي ئاسان رازى بولمايدۇ، >ھالى شۇنچىلىك< دەپ قۇسۇر تېپىپ سۆز - چۆچەك قىلىدۇ. >چىللىغان مېھمان خۇدا ئۇرغان مېھمان< دېگەن ماقال تەمسىل ئاشۇنداق ھالەتكە قارىتا مەيدانغا كەلگەن. مەخسۇس زىياپەت: يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە يۇقىرى ئورۇنلاردىن كەلگەن ھۈرمەتلىك مېھمانلار شەرىپىگە بېرىلىدىغان زىياپەت >مەخسۇس زىياپەت< دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ دائىرىسى چوڭ ۋە داغدۇغىلىق بولىدۇ. شۇنىڭدەك مەلۇم زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندىلا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مېھماندارچىلىق شەكىللىرىدىن باشقا يەنە قائىدە - يوسۇن خاراكتېرىنى ئالغان مېھماندارچىلىق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئادەمدە، بولۇپمۇ بىر يۇرتلۇق، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئادەمگەرچىلىك خىسلەت دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدا ئادەتتە ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن باشقا - باشقا جايلاردا بولۇپ قالغان ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلەر شۇنداق جايلارغا (جۈملىدىن ئۆز يۇرتىغا) بارغاندا (كەلگەندە) شۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پەتە قىلىش ئاساس قىلىنغان (شۇ قائىدە - يوسۇن بويىچە بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا بارغان مۆتىۋەرلەرمۇ شۇ يۇرتتىكى مۆتىۋەرلەرنىڭ ئۆيىگە پەتە قىلىدۇ)، ساھىبخان پەتىلەپ كەلگۈچىنىڭ ۋاقتىغا قاراپ شۇ ۋاقىتتا ياكى ئەتە - ئۆگىنگە ئۇنى چىرايلىق مېھمان قىلىپ ئۇزىتىدۇ. مۇنداق مېھماندارچىلىقنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، پەتىلىگۈچى سوۋغاتسىز كەلمەيدۇ. بىرەر كىيىملىك رەخت ياكى رومال، ئاياغ . . . قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدۇ. پەتىلىگۈچى كەلگەن يېرىگە قايتىشتا پەتىلەنگۈچىلەرمۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرەر كىيىملىك رەخت، نان - توقاچ، ياكى يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات بۇيۇملىرىدىن يوللۇق تۇتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرى
دوستخۇمار ۋە مېھماندوستلۇق | UyghurWiki | UyghurWiki