قوشنىدارچىلىق ئادىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرى
قوشنىدارچىلىقنى قەدىرلەش، قوشنىلار بىلەن ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈش ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر ئېسىل ئەنئەنىسى. <يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ياخشى> دېگەن ماقال ئاشۇ ئەنئەنە ئاساسىدا شەكىللەنگەن. چۈنكى قوشنا ھەرقاچان، ھەر قانداق ئىشتا يېقىندىن ياردەملىشىدۇ. ئەتىسى - ئاخشىمى ھال - ئەھۋال سورىشىپ، تاماق سۇنۇشۇپ تۇرىدۇ. ۋاقىتلىق بىر يەرگە بېرىشقا توغرا كەلسە ئۆي، مال - مۈلكىنى قوشنىلارغا تاپشۇرىدۇ. بىر - بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە، ئۆزئار تەكلىپ قىلىدۇ. مۇنداق دوستلۇق ۋە سەمىمىيەتلىك قوشنىلار ئارا تۇغقانغا ئوخشاش مېھىر رىشتىنى پەيدا قىلغان، شۇڭا ئۇيغۇرلار قوشنىدارچىلىقنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. ھەرخىل زۆرۈرىيەت بىلەن قوشنىلاردا كۆچۈش - يېڭىلىنىش يۈز بەرسە ئۆز ئارا خوشلىشىش چېيى ئۆتكۈزۈپ، كۆڭۈل ئېيتىشىدۇ. باشقا مەھەللىگە كۆچۈپ كەتسىمۇ ئىزدىنىپ بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرىدۇ. ھەتتا يېقىن ئۆتكەن قوشنىلار باشقا يۇرتقا كۆچۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ۋاقىت - پۇرسەت چىقىرىپ، كېلىپ تۇرىدۇ. يېڭى كەلگەن قوشنا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن كونا قوشنىلار كىرىپ ھاردۇق سورايدۇ ۋە ئۆز - ئارا تونۇشۇش چېيى ئۆتكۈزىدۇ.
ئەمما بەزى تەرسا مىجەز قوشنىلارمۇ بولىدۇكى، قوشنىلار بىلەن كىرىش - چىقىش، سالام - سائەتمۇ قىلىشمايدۇ. كىچىك بالىلار ئارىسىغا كىرىپ ياكى ھەرخىل ئەرزىمەس كىچىك ئىشلار تۈپەيلى دائىم جېدەل - ماجىرا تۇغدۇرۇپ تۇرىدۇ. قوشنىلار ئارا گەپ - سۆز توشۇپ، قوشنىلار مۇناسىۋىتىگە سوغۇقچىلىق سالىدۇ. بۇنداق ئادەملەرگە قوشنا بولۇشتىن ھەممە ئادەم ھەزەر ئەيلەيدۇ، ئۇنداقلار قانداقلا يەردە بولمىسۇن كىشىلەر بىلەن پېتىشمايدۇ. لېكىن مۇنداقلار ئاز، قوشنىدارچىلىقنى قەدىرلەيدىغانلار يەنىلا كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. <ئوتنى چۇقچىلىساڭ ئۆچەر، قوشناڭنى چۇقچىلىساڭ كۆچەر> دېگەن بۇ ماقال كىشىلەرنىڭ قوشنىلار ئارا ئىناقسىزلىق، ئىتتىپاقسىزلىقتىن نەقەدەر بىزارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.