يۇرتداشلىق ئادىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرى
يۇرتداشلىق ئادىتى كىشىلىك مۇناسىۋىتىدە ئىپادىلىنىدىغان يۇرت مېھرى قارشى بولۇپ، ئۇنىڭغا بەلگىلىك ئۆملۈك ئېڭى سىڭگەن. ئۇيغۇرلاردىكى يۇرتداشلىق قارشى ئاساسەن مۇنداق ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
1( يۇرتنىڭ نام - مەنپەئىتىنى قوغداش. مەلۇمكى يۇرت - مەھەللىلەر مەلۇم پاسىل ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شۇ يۇرت - مەھەللە ئادەملىرى شۇ دائىرىدىكى يەر - سۇ، يايلاققا تايىنىپ تىرىكچىىك قىلىپ ئادەتلەنگەن، بۇ خىلدىكى <پاسىل> ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا تەبىئىي شەكىللەنگەن بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردە سۈنئىي - مەمۇرىي ئۇسۇل بويىچە ئايرىلىدىغان بولغان، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ناھىيە - شەھەر، يېزا - قىشلاقلار ئەنە شۇندق پاسىل بىلەن ئايرىلغان <يۇرت - مەھەللە> لەردىن ئىبارەت، ئەنە شۇ دائىرىدە ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلار ئۆزلىرىگە قوشنا <باشقا> يۇرت مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۆز دائىرىسىدىكى يەر - سۇ، يايلاقتىن يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا پايدىلانغانلىق ئەھۋالى سادىر بولغاندا، شۇ يۇرت - مەھەللىدىكىلەر بىلەن دەۋالىشىپ كەلگەن، ھەتتا كەتمەن، ئارا - توقماق كۆتۈرۈشۈپ جېدەل - ماجىرا تۇغدۇرۇپ كەلگەن. ئارا - توقماق كۆتۈرۈشۈپ جېدەل - ماجىرا قانلىق ۋەقەلەرمۇ سادىر بولاتتى، مۇنداق ئەھۋال ئازادلىقتىن بۇرۇن دائىم يۈز بېرىپ تۇراتتى. بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ سادىر بولۇشىغا ئۆز يۇرت مەھەللىسىگە بولغان مېھرى - مۇھەببەت ۋە يۇرت - مەھەللە نام مەنپەئىتىنى قوغداش ئادىتى سەۋەب بولۇپ كەلگەن. مۇنداق ئادەت ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەچكە ئۇنىڭ تەسىرى بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.
مەلۇمكى يۇرت مەنپەئىتىنى قوغداش تار ۋە كەڭ ئىككى مەنىگە ئىگە. كەڭ مەنىدىكى يۇرت مەنپەئىتىنى قوغداش قارشى ۋەتەن مەنپەئىتىنى، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ شەرەپلىك بۇرچى، چىڭ تۇرۇپ جارىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەنئەنە. تار مەنىدىكىسى يېزا - قىشلاق پاسىلىنى قوغداشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يېزا - قىشلاق ئاھالىسىنىڭ ئۆملۈك قارشى سىڭگەن، مۇنداق ئۆملۈك قاراش ئىجابىي ۋە سەلبىي رولغا ئىگە، ئىجابىي تەرىپى شۇ يۇرت - مەھەللىنىڭ جامائەت ئىشلىرىنىڭ ياخشى يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. سەلبىي رولى، يۇرت - مەھەللىلەر ئارا ئىناقسىزلىق، مەھكىمىۋازلىق، يۇرتۋازلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا ئۇ قەدىمكى ئۇرۇق - قەبىلە دەۋرىدىكى قىساسكارلىق ئادىتىنىڭ قالدۇق تەسىرىنىڭ ئىپادىسى، بۇ خىلدىكى ئۆملۈك قارىشىنى توغرا يېتەكلەپ سەلبىي تەرىپىنى يېڭىپ، ئىجابىي تەرىپىنى جارىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئومۇملۇق قارىشىنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈشىمىز لازىم.
2) ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتە: ئۇيغۇرلاردا يۇرتداشلىق ئادىتى بويىچە يۇرت - مەھەللە ئاساسىدا ئالاقە قىلىش بىر قەدەر ئومۇمىيلاشقان ئادەت، بۇ خىل ئادەت ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتقا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ئىچىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىلىرى: ① يۇرت مەھەللە سۈرۈشتۈرۈپ <بىر دەريا (ئېرىق) نىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان>، <ئاتا كۆرۈپ، ئانا كۆرۈپ چوڭ بولغان> دەپ يېقىندىن باردى - كەلدى قىلىپ ئۆم ئۆتىدۇ. ② ھەرقانداق ئىشتا يېقىن ھەمكارلىشىپ، بىر - بىرىنى يۆلەيدۇ. ③ ئىلاجى قىلىپ پەرزەنتلىرىنى شۇ دائىرىدە ئۆيلۈك، ئوچاقلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ. ④ مۇمكىنقەدەر بىر مەھەللە بولۇپ توپ ئولتۇراقلىشىشقا تىرىشىدۇ. بەزى جايلاردىكى <قەشقەر مەھەللىسى>، <ئاتۇش مەھەللىسى>، <تۇرپان مەھەللىسى> دەپ ئاتالغان مەھەللىلەر ئاشۇنداق مەھەللىلەر جۈملىسىدىن. <مەھمۇد قەشقەرى>، <موللا مۇسا سايرامى> دېگەندەك يەر نامىدا تەخەللۇس قويۇش ئادىتىمۇ شۇ ئەقىدىدىن كەلگەن. ⑤ جامائەت سورۇنلىرىنىمۇ شۇ يۇرت، مەھەللە نامىدا ئاتاپ ئادەتلەنگەن. <خوتەن مەسچىتى>، <تۇرپان مەسچىتى>، <قەشقەر سارىيى> . . . قاتارلىقلار. بۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئادىتى قەشقەر ئۇيغۇرلىرى، بولۇپمۇ، ئاتۇشلۇقلاردا كەڭ ئومۇملاشقان. شۇڭا ھەمدەملىك ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ داڭق چىقارغان.
مەلۇمكى، يۇرتداشلىق مۇناسىۋەت قوغلىشىش ئادىتىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك كىشىلەرنىڭ ئۆم، ھەمدەم ئۆتۈشى بويىچە ئىجابىي تەرىپى بولغاندىن تاشقىرى سەلبىي تەرىپىمۇ بار. ئۇنىڭ ئىپادىلىرى: باشقا يۇرتلۇقلارنى ئارىغا ئالماي يەكلەش؛ باشقىلارنى <تېرىندىلەر> دەپ قاراش؛ مەھەللىلەر بويىچە گۇرۇھ بولۇۋېلىپ <نوچىلىق تالىشىش>، باشقىلارنى مەڭسىتمەسلىك قاتارلىق. بۇ ئادەت تۈپەيلىدىن <يۇرتۋازلىق>، <مەھەللىۋازلىق> ھەرىكەتلىرى پەيدا بولۇپ، گورۇھلارغا بۆلۈپ جېدەل - ماجىرا چىقىرىش بىلەن ئىتتىپاقلىققا، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق سالىدىغان ۋەقەلەر دائىم سادىر بولۇپ كەلگەن. بۇنداق ئەھۋال ھېلھەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. بۇ يۇرتداشلىق ئادىتىمىزدىكى بىر نۇقسان، ناچار ئىللەت، تىرىشىپ ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.