UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرىمېھمان ئۇزىتىش قائىدە - تەرتىپلىرى

مېھمان ئۇزىتىش قائىدە - تەرتىپلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرى ئۇيغۇرلاردا يېمەك ئىچمەك - قۇرۇلمىسى ۋە يېمەك - ئىچمەك ئادىتىگە مۇناسىپ ئۆزىگە خاس مېھمان ئۇزىتىش قائىدە - تەرتىپلىرى شەكىللەنگەن. مېھمان ئۇزىتىشتا بۇ قائىدە - تەرتىپلەرگە تەرتىپلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىنىدۇ. ئۇريغۇرلاردا مېھمان ئادەتتە مۇنداق قائىدە - تەرتىپ بويىچە ئۇزىتىلىدۇ. 1) يىغىنلىق مېھمانلىرىنى ئۇزىتىش: توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغقا كەلگەن مېھمانلار <يىغىنلىق مېھمان> دەپ ئاتىلىدۇ. يىغىنلىق مېھمانلىرىنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ، ئۇزىتىش جەريانى قىسقا، قويۇلىدىغان نازۇ - نېمەتلەرنىڭ تۈرى تۇراقلىق، مېھمانلىرىنىڭ كېلىپ - كېتىشى ئۇدۇللۇق بولغاچقا ئۇزۇتۇش قائىدە - تەرتىپلىرىمۇ ئانچە ئىنچىكە ئەمەس. مەسىلەن، داستىخانغا (جوزىغا) ئادەتتە پەقەت نان، پوشكاللا قويۇلىدۇ. مېھمانلار ئۆيگە كىرىش بىلەن قولغا سۇ ئېلىنىدۇ. بىر ئۆيگە توشقاندا چاي قۇيۇلىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە ئاش تارتىلىدۇ. ئاش ھەر ئۈچ ئادەمگە ياكى ئىككى ئادەمگە بىر لېگەندىن قويۇلىدۇ. ئاش يېيىلىۋاتقاندا داۋاملىق چاي قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. ئاش يېيىلىپ بولۇشىغا مېھمانلار قولىغا مايلىق (لۆڭگە) سۇنۇلىدۇ. قايتقاندا ئىشىك ئالدىدا يەنە قولغا سۇ بېرىلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە يىغىنلىققا خالىس ياردەملىشىشكە كەلگەن قولۇم - قوشنا، دوست - يارەنلەر مەسئۇل بولىدۇ. يىغىنلىق ئىگىسى ئوتتۇرىدا تۇرۇپ كەلگەن - كەتكەنلەرگە سالام بېرىپ، خوش ئېيتىپ تۇرىدۇ. بىر قەدەر بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا يىغىنلىق مېھمانلىرى ھەربىر ئادەمگە بىر كىچىك كاكچە نان ئۈستىگە بىر پارچىدىن گۆش قويۇپ ياكى گۆشلۈك ئۇماچ بىلەن ئۇزىتىلاتتى. مېھمانلار گۆشكە ئازراق ئېغىز تەگكۈزۈپ ئاندىن نان ئارىسىغا ئېلىپ پوتىسىغا چىگىپ ئېلىپ كېتەتتى. بۇ <زەللە> دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھازىرقىدەك ئاش بىلەن ئۇزىتىدىغان بولغان. مۇنداق يىغىنلىقلار ئاممىۋى خاراكتېر ئالغاچقا <يۇرتقا ئاش تارتىش> ياكى <يۇرتقا داستىخان سېلىش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. توي يىغىنلىقى بىلەن نەزىر - چىراغنىڭ بىر پەرقى شۇكى، توي يىغىنلىقىدا ھەركىم ياكى بىر داستىخان (بىر جوزا) دىكىلەر ئۆز ئالدىغا ياكى بىرلىكتە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ <ئاللاھۇ ئەكبەر، رەھمەت> دەپ ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىدۇ. نەزىردە بولسا، بىر ئۆيدە ئولتۇرغانلار ياكى بىر ۋاقىتتا ئاش تارتىلغان بىر نەچچە جوزىدىكىلەرنىڭ ئىچىدىن مويسىپىت بىرى ئىككى كەلىمە قىرائەت قىلىدۇ. قىرائەت قىلىپ بولغاندا ھەممە تەڭ قول كۆتۈرۈپ <ئامىن> دەپ دۇئا قىلىش بىلەن <نەزىرلىرى قوبۇل بولغاي> دەپ ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىدۇ. 2) خالىس مېھماننى ئۇزىتىش: خالىس مېھماننىڭ سانى ئاز بولغاچقا ئۇزىتىش قائىدە - تەرتىپلىرى، جەريانى ئاددىي، ئالدى بىلەن قولغا سۇ ئېلىنىپ ئاندىن داستىخان سېلىنىپ مەزە بىلەن چاي قۇيۇلىدۇ (بەزىلەر بىر پىيالە چايدىن كېيىن، بىر چىنىدىن قايماق چاي (ئەتكەن چاي) ياكى بىر تەخسە ھالۋا ياكى قورۇما قويىدۇ). ئىككىنچى قەدەمدە بىرخىل تاماق قويۇلىدۇ، تاماقتىن كېيىن بىر پەس پاراڭ سېلىشىپ، مېھمان رەھمەت ئېيتىپ قوزغىلىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ساھىبخان مېھماننى <كەلمەك ئىرادە، كەتمەك ئىجازە> دەپ ئاسانلىقچە قويۇۋەتمەي، بىرەر قاچىدىن سۇيۇق - سىلەڭ قىلىپ ئاندىن يولغا سالىدۇ. مېھماننى ساھىبخان شەخسەن ئۆزى كۈتىدۇ ۋە ئۆزى ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرىدۇ. 3) چىللانغان مېھماننى ئۇزىتىش: مۇنداق مېھمانغا بىر قەدەر ھەشىمەتلىك تەييارلىق قىلىنىدۇ. ئۇزىتىش تەرتىپىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ بولىدۇ. مېھمان باغاق ياكى ئېغىز ئارقىلىق تەكلىپ قىلىنىدۇ. ۋاقتى بەلگىلەنگەن بولىدۇ. مېھمانغا ئاتاپ پىچىنە - پىرەنىك، باقالى، تۇش، سامبۇسا پىشۇرۇلۇپ، قەنت - گېزەك، مەزە، يەل يېمىش قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن (بۇرۇن توقاچ، قەنت - گېزەك، يەل يېمىش بىلەن) داستىخان ھازىرلىنىدۇ. ئۇزىتىش تەرتىپى: مېھمانلار كېلىشى بىلەن ئۇدۇللۇق قولغا سۇ ئېلىپ مېھمانخانىغا باشلىنىدۇ. مېھمانلار ئۆزلىرى ئورۇن تاللاپ ئولتۇرۇۋېرىدۇ. ئاياللار بىر تەرەپتە، ئەرلەر بىر تەرەپتە ئولتۇرىدۇ (بۇرۇن ئاياللار ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇلاتتى). مېھمانلار ئاساسىي جەھەتتىن كېلىپ بولغاندىن كېيىن بىرىنچى قەدەمدە داستىخان ئېچىلىپ چاي قۇيۇلىدۇ. چاي ۋە ھەربىر قېتىملىق تائامنىڭ باش تاۋىقى (قاچىسى) نىمۇ شەخسەن ئۆز قولى بىلەن قويىدۇ. چاي، تاماق مەخسۇس ئادەملەر تەرىپىدىن ئېلىپ كىرىلىدۇ، مەيلى چاي، تاماق بولسۇن، باش مېھمان بىسىمىللا قىلىپ بەرمىگۈچە ھېچكىم قول سالمايدۇ. مېھمانلار ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇپ، قولغا سۇ ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۈتۈش رەسمىي باشلىنىدۇ: بىرىنچى قەدەمدە قەنت - ناۋات بىلەن چاي قۇيۇلىدۇ. بىرەر قۇر چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن، تاۋاق - تاۋاقتا گۆش كەلتۈرۈلىدۇ. گۆش قويى ئەزاسىنىڭ دەرىجىسى بويىچە قويۇلىدۇ. باش تاۋاققا قۇيرۇقى ئاجرىتىلمىغان دۈمبە ۋە دۈمبە جىگەر، ئوڭ ۋە ۋو تەرەپكە قويۇلىدىغان ئىككىدىن تۆت تاۋاققا سۆجە، بوقتان، ئىلىك، تاغاق، قالغان تاۋاقلارغا قول ئىلىك، قوۋۇرغا، بويۇن ئاساس قىلىپ قويۇلىدۇ. گۆشتىن كېىين ئىككىنچى قەدەمدە بىرەر پىيالىدىن شورپا ياكى خام قىيما قىلىنغان ئۈگرە قۇيۇلىدۇ. ئاندىن داستىخان يىغىشتۇرۇلۇپ سېلىنىپ، چاي قۇيۇلۇش بىلەن كاۋاپ كەلتۈرۈلىدۇ. كاۋاپقا مەخسۇس زىخ كاۋاپ ياكى تونۇر كاۋاپ كەلتۈرۈلىدقۇ. بۇنداق زىخ كاۋاپ مەخسۇس يۇلغۇن نوتىسىدا ياسالغان زىخقا ئۆتكۈزۈلۈپ مەخسۇس توغراق ياكى سۆكسۆك ياكى ئۆرۈك ئوتۇنى قالاپ چۈشۈرۈلگەن چوغدا پىشۇرۇلىدۇ. بۇ خىلدىكى كاۋاپ گۆشى بىر تەكشى چوڭلۇقتا توغرىلىپ قىمىلانغان پىياز، تۇخۇم، دورا - سايمان، ئۇن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، تۇز - تەمى تەڭشىلىپ، بىرئاز دۈملەپ قويۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن زىققا ئۆتكۈزۈلۈپ پىشۇرۇلىدۇ. شۇڭا بۇ <مەخسۇس كاۋاپ> ياكى <باراۋەت كاۋىپى> دەپ ئاتىلىدۇ. كاۋاپ زىخ بويىچە تاۋاققا تىزىپ ئېلىپ كىرىلىدۇ. تۆتىنچى قەدەمدە قويۇق ئاش ياكى پېتىر مانتا قويۇلىدۇ. بەشىنچى قەدەمدە چۆچۈرە ياكى شۇ كۈندە سويۇلغان قوينىڭ ئىچ - يۈرۈشىدە قۇيۇلغان ئۆپكە ھېسىپ قۇيۇلىدۇ. ھەربىر تاماق ئارىلىقىدا بىر پەس لەتىپە سۆزلىنىپ، چاقچاق - پاراڭ بولۇپ تۇرىدۇ. مېھمانلار ئىختىيارى تالاغا چىقىپ ھاۋالىنىپ كىرىپ تۇرىدۇ. مۇنداق زىياپەت ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئۈچ - تۆت قوينىڭ بېشى كېسىلىدۇ. قوي مېھمانلار كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ سويۇلىدۇ. زىياپەت ئادەتتە يۇقىرىقىدەك تۆت - بەش خىل تاماقسىز ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. مۇنداق زىياپەت ئەرلەر، ئاياللار بويىچە ئايرىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئايال مېھمانلار ئەر مېھمانلارغا ئوخشاش ئەرلىرىنىڭ نوپۇز - ئىمتىيازىغا قاراپ ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. كۈتۈش قائىدە - تەرتىپلىرىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. بىر پەرقى ئايال مېھمانلارغا گۆش قويۇلغاندا باش تاۋاققا پۈتۈن تۆش ۋە بوقتان بىلەن دۈمبە جىگەر قويۇلىدۇ. مۇنداق مەخسۇس زىياپەتتە مېھمانلارنى مەرتىۋە، نوپۇز ئىمتىيازىغا قاراپ ئولتۇرغۇزۇش، گۆش قويۇلغاندا قوي ئەزاسىنىڭ دەرىجىسى بويىچە قويۇش قاتارلىق قائىدە - ئادەت ئازادلىقتىن بۇرۇن كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇ قائىدە - تەرتىپلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىناتتى. مېھمانلار ئارا ياكى ساھىبخاندىن مۇشۇ قائىدە - تەرتىپلەرگە ئاز تولا سەل قارالغان ئەھۋال بايقالسا، بەزى كۆڭۈلسىز ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. مەسىلەن، مۆتىۋەرلەردە ئورۇن ئېلىشتا سەل ئېگىز - پەسلىك بولۇپ قالسا، تۆر تالىشىپ بىر - بىرىگە ھومىيىشىدىغان، ھەتتا پەش قېقىشىپ، ئاداۋەتلىشىپ قالىدىغان ھادىسىلەر يۈز بېرىپ كەلگەن. تۆر تالىشىش تولاراق ئايال مېھمانلار ئىچىدە يۈز بېرەتتى. بۇ ئادەت يەنە <سورۇن چېيى> ئۆتكۈزۈشتەك ئادەتنى كەلتۈتۈرۈپ چىقارغان. <سورۇن چېيى> بەزى جايلاردا <سورۇنغا چىقىش چېيى (تويى) > دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە، ئابرويپەرەسلىك كۈرىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەنتەنىسى يۈزىسىدىن مەلۇم ئابرويپەرەس شەخس تەرىپىدىن بېرىلىدىغان زىياپەت. بۇنداق زىياپەت ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت زىياپەت ئىشتىراكچىلىرى ئالدىدا يۇرت كاتتىلىرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇندىن كېيىن جامائەت سورۇنلىرىدا ئولتۇرىدىغان ئورۇن دەرىجىسىنى بەلگىلەپ بېرىشىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق ئابرۇيپەرەسلەر 10 - 20 لەپ قوي سويۇپ، پۈتۈن يۇرتقا داستىخان سېلىپ زىياپەت قىلاتتى. زىياپەت ئۈستىدە يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن 8 - 10 كىشىگە تون ياپاتتى (يۇرت كاتتىسىغا يوشۇرۇن قىلىنىدىغان <ئادەمگەرچىلىك> ئايرىم بولاتتى، ئەلۋەتتە). زىياپەت ئاخىرلىشاردا يۇرت كاتتىسى <× × × ئىماخۇن مۇندىن كېيىن تۆرنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىدىكى × ئورۇنغا ئولتۇرىدۇ> دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زىياپەت ئاخىرلىشاتتى. ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئادەت - قائىدىلەردىن ئازادلىقتىن بۇرۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە فېئودال دەرىجىچىلىكنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى، ئابرويپەرەسلىك كۈرىشىنىڭ نەقەدەر كەسكىنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن بۇ ئادەتلەر ئۆزگەرتىلىپ يىغىنلىق ۋە زىياپەت ھەركىمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا ئۆتكۈزۈلىدىغان، مېھمانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدىغان يېڭى ئادەت شەكىللەندى. ئەمما يىغىنلىق زىياپەتلەردە چوڭلارنى ھۈرمەتلەش ئادىتى يەنىلا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلمەكتە. يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان مېھماندارچىلىق شەكىللىرىدىن باشقا يەنە بىر مېھماندارچىلىق شەكلى بولۇپ، ئۇ <قاراباستى قىلىش> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئادەتتە پەقەت دوست ئاغىنىلەر ئوتتۇرىسىدىلا بولىدۇ: يەكشەنبە، دەم ئېلىش كۈنلىرى كوچا ئايلانغىلى چىققان دوستلار ئۆزئارا دوستلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەچ مەلۇم بىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ - دە، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ <مېھمان بولغىلى كەلدۇق> دەپ تۇيۇقسىز كىرىپ كېلىدۇ. شۇڭا مۇنداق مېھمان بولۇش <قارا باستى قىلىش> دەپ ئاتالغان. ساھىبخانغا ئۇلارنىڭ مەقسىتى چۈشىنىشلىك بولغانلىقتىن ئانچە ئالدىراپ - تېنەپ كەتمەي، داستىخان سېلىپ چاي قۇيىدۇ، ئاندىن گۆشلۈك - گۆشسىز، ئىسسىق - سوغۇق بىرەر تەخسە نەرسە ھازىرلاپ پاراڭلاشقاچ ئىشتەي ئېچىشىدۇ، ئاخىرىدا بىرەر تەخسىدىن لەڭمەن ياكى بىرەر چىنىدىن ئاچچىق - چۈچۈك سۇيۇق ئاش قىلىپ شۇنىڭ بىلەن ئۇزىتىدۇ. مۇنداق مېھماندارچىلىق تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ. دوستلار قورۇنماي ئېچىلىپ - يېيىلىپ ئولتۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە <ناماقۇللۇق چېيى> دېيىلىدىغان چاي بولۇپ مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ: بىرىنچى، دوستلار ياكى ئىككى ئائىلە ياكى مەھەللە ئارا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى يىرىكلىشىپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە بىر تەرەپ ئۈزلۈكىدىن ئاددىي داستىخان راستلاپ قارشى تەرەپنى دوستلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆيىگە ياكى ئاشخانىغا تەكلىپ قىلىدۇ. داستىخان سېلىنىپ چاي قۇيۇلغاندىن كېيىن، تەكلىپ قىلغۇچى قولىدا بىر چىنە چاينى تۇتقان ھالدا ئۆرە تۇرۇپ، كېلىپ چىققان يىرىكلىشىشكە ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن قارشى تەرەپتىن ئەپۇ سورايدۇ ۋە قارشى تەرەپنىڭ كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىپ چاينى ئۇنىڭغا سۇنىدۇ. قارشى تەرەپ مەمنۇنىيەت بىلەن چاينى ئېلىپ ئىچىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇناسىۋەت ياخشىلىنىپ ئوبدان ئۆتۈشىدۇ، ئىككىنچى، يۇرت مەھەللىدە ھەرخىل يولدا يۈرۈپ جامائەتنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كەتكەنلەر تەرىپىدىن قىلمىشلىرىغا جامائەت ئالدىدا توۋا قىلىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاشۇنداق توۋا قىلماقچى بولغان كىشى مەھەللە جامائىتىگە چوڭ داستىخان سالىدۇ. جامائەت ئالدىدا بوينىغا قارا ئارغامچا سېلىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالەتتە تۇرۇپ، قىلمىش - ئەتمىشلىرىگە قاققىت توۋا قىلغانلىقىنى ئىزھار قىلىدۇ، جامائەتنىڭ ئۆزىنى كەچۈرۈشىنى، قوينىغا ئېلىپ ياخشى ئادەپ بولۇشقا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، مەھەللە مۆتىۋەرلىرى ئۇنىڭ قىلمىشىغا توۋا قىلغانلىقىغا مەمنۇنىيەت بىلدۈرۈپ رىغبەتلەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چايى ئاخىرلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرى