ئۆزگىچە ئالاقە ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرى بويىچە يۇقىرىقىدەك ئادەت - ئەنئەنىلەردىن باشقا يەنە بىرخىل ئۆزگىچە ئالاقە ئادىتى بولۇپ، پەقەت ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى باشقا يۇرتلارغا كېتىپ قالغان ياكى باشقا يەردە ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ئاتا - ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر، دوست - ئاغىنىلەر، ئۇرۇق - تۇغقان ۋە ئەر - خوتۇن، سۆيۈشكەنلەر ئوتتۇرىسىدىلا ئالاھىدە خەت خالتا ئەۋەتىش ئارقىلىق بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا <خەت يېرىم دىدار>، خالتا <تىرىكلىك نىشانى> دەپ قارىلىدۇ. مۇنداق خەت خالتىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، خەت ئادەتتىكى خەتكە ئوخشاش يېزىلغاندىن تاشقىرى خەتنىڭ وڭ، سول بۇرجىكىگە يىڭنە كۆزىدەك تۆشۈك تېشىپ قويۇلىدۇ، خەت ئىچىگە قىزىلگۈل چېچىكى، ئۇچار قۇشنىڭ مامۇقى، ئوتۇن كۆمۈرىنىڭ توزانى سېلىپ قويۇلىدۇ؛ خالتىغا ئادەتتىكىدەك نان - توقاچ، قاق - ياڭاق، مېغىز - كىشمىش ... سالغاندىن باشقا بىرتال سامان، ئۇچار - قۇش يېيى، قوناقتەك ئوتۇن كۆمۈرى ۋە بىر تال سېلىنىش بىلەن خالتىنىڭ بىر بۇرجىكى قېيپاش تىكىپ قويۇلىدۇ.
بۇ بەلگىلەر مۇنداق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ: قىزىلگۈل چېچىكى قىزىلگۈلگە، مامۇق بۇلبۇلغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ <ئىشقى - پىراقىڭىزدا بۇلبۇلدەك خەندان ئۇرۇپ سايراپ يۈرىمەن> دېگەن مەنىنى؛ سامان ئۇچقۇنى ۋە سامان توزانى <ھەر قايسىڭلارنى سېغىنىپ، تولا ئويلاپ رەڭگى - روھىم سارغىيىپ ساماندەك بولۇپ كەتتى> دېگەن مەنىنى؛ ئىككى كىچىك تۆشۈك ئىككى كۆزگە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ <يولىڭىزغا تولا قاراپ كۆزلىرىم تېشىلەي دەپ قالدى> دېگەن مەنىنى؛ قۇش پېيى قاناتقا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ <باراي دېسەم ئارا يىراق، ئۇچۇپ باراي دېسەم قانىتىم يوق> دېگەن مەنىنى؛ كۆمۈر توزانى بىلەن كۆمۈر ئوتقا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ <ئىشقى - پىراقىڭىزدا كۆيۈپ قارا كۆسەي بولۇپ قالدىم> دېگەن مەنىنى؛ تاش <رەھىمسىزلىك> كە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ <ھەجەپمۇ كەلمىدىڭىز، گەپ - سۆزىڭىزمۇ يوق، باغرىڭىز تاش ئىكەن> دېگەن مەنىنى، خالتا بۇرجىكىنىڭ قىيپاش تىكىلىشى يالغۇزلۇققا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ <سىز يېنىمدا يوق، يالغۇزلۇقتا بوينۇمنى قىسىپ غېرىپ بولۇپ قالدىم> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىلىرىغا مۇنداق خەت خالتا ئەۋەتكەندە ئىچىگە كۆمۈر توزانى، كۆمۈر پارچىسى قىزىلگۈل چېچىكى ۋە مامۇق سالمايدۇ.
ئەجدادلىرىمىز يەنە مۇنداق ئىشارەت - ھەرىكەتلەر ئارقىلىقمۇ ھەرخىل ئۇقۇملارنى ئىپادىلەپ كەلگەن. مەسىلەن، چىراي تۈرۈلۈپ قول شىلتىلسا ياكى باشقا تەڭلەشتۈرۈپ كۆتۈرۈلسە <بولدى، بولدى!>، <گېپىڭنى قوي؟>، قول ياكى باشقا بىر بارماق بىلەن ئۆز تامان شىلتىلسە <بۇ ياققا كەل>، <مانا مەن؟>؛ قول كەينىگە شىلتىلسە <ماڭ كەت!>، <نېرى تۇر!>؛ بىگىز قول ئېغىزغا قويۇلسا <شۈك!>، <گەپ قىلما>؛ قول قۇلاققا تەگكۈزۈلۈپ بولۇپ شىلتىلسە <ئاڭلىمىدىم>؛ قول مەيدىگە قويۇلۇپ باش سېلىنسا <ھۆرمەت - ئېھتىرىم بىلدۈرگەنلىك> ياكى <مەن ناماقۇل>، <مەن ئەيىبلىك> دېگەنلىك بولىدۇ. قول پىشانىسىگە ئۇرۇلسا ياكى تاماق چېكىلسە ھەيران - پەرىشان بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باش بارماق بىلەن بىگىز قول ھىمىرىلسە ياكى ئالقان ھىمىرىلسە <پۇل>، <پۇلغا كېلىدۇ. . . > دېگەنلىك بولىدۇ. قاش ئېتىلسا ياكى كۆز بىر تامغا يۈگۈرتىلسە <تالاغا چىققىن>، <ئانى قارا>، <نېمە بولدى> دېگەنلىك، كۆز لىپ قىلىپ تاشلانسا <يېنىمغا كەل>، <يېنىمدا ئولتۇر> دېگەنلىك؛ كالپۇك تەبەسسۇم ئارىلاش نەپىس بۆرتۈلسە <سۆيەي> دېگەنلىك؛ مىيىقىدا كۈلۈپ ئاستى كالپۇك بۆرتۈپ قويۇلسا، مەڭسىتمەسلىك، مەسخىرە قىلغانلىق ۋە <ھالىڭ شۇنچىلىكمۇ> دېگەنلىك؛ ئېڭەك ياكى ساقال چىڭ سىقىمدالسا دەر - غەزەپتە <خەپ!> <ئاپلا، ھېلى بىكار!> دېگەنلىك بولىدۇ. . .