UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرىھوڭ قوغۇنى

ھوڭ قوغۇنى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قوغۇنلىرى ھازىر خەلقئارا بازارلاردا «خامىگۈل» (مەنىسى قۇمۇل قوغۇنى) دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. ئەمەلىيەتتە، «خامىگۇا» دەپ ئاتالغان بۇ قوغۇن ئىدىقۇت باغرىدىكى پىچان ناھىيىسىنىڭ گۈزەل مەھەللىرىدىن بىرى بولغان ھوڭ دېگەن جايدىن چىقىدىغان ئالاھىدە سورتلۇق «ھوڭ قوغۇنى» نىڭ تارىخىي نامىدىن كەلگەن. دەرۋەقە، ھوڭ قەدىمدىن تارتىپ قوغۇن ئۆستۈرۈلۈپ كەلگەن جاي. ھوڭنىڭ توپىسى قارا چىلان تۇپراق بولۇپ، بىر قىسىم جايلىرى نەم تارتىپ تۇرىدىغان شورلۇقتىن ئىبارەت. ھوڭ خەلقى قەدىمدىن باشلاپ مۇشۇ ئەۋزەل تۇپراق شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، نەم يەرنىڭ ئۈستىگە ئۆرلەپ قالغان شورنى قېزىپ تاشلاپ قوغۇن تېرىپ كەلگەن. بۇ جايدا باشقا رايونلارغا ئوخشاشمىغان ھالدا، قوغۇن چۆنەك تارتىلماي تېرىلىدۇ ھەمدە سۇغىرىلمايدۇ. چۈنكى يەرنىڭ ئەسلىدىكى نەمى قوغۇن پەلەكلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە يېتەرلىك شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. قوغۇن پەلەك تارتىشقاباشلىغاندا، ھەربىر تۈپ قوغۇننىڭ تۈۋىگە ياۋا بۇيا، بېدە، يانتاق ياكى مۇۋاپىق مىقداردا يەرلىك ئوغۇت (ئاساسەن قوي ۋە قۇش ماياقلىرى) كۆمۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھوڭنىڭ قوغۇنى بەكمۇ شېرىن، تاشقى كۆرۈنۈشىمۇ كىشى زوقلانغۇدەك چىرايلىق، تورلىنىشى تەكشى، گۆشى قېلىن، شاپىقى نېپىز، يېيىشلىك، چوڭ - كىچىكلىكى بىر خىل، تۈرى كۆپ، ساقلاشقا چىداملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. قوغۇننىڭ سورتى ئاسان بۇزۇلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ ۋادىدىكى قوغۇنچىلار قوغۇن سورتىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۇرۇق ئېلىشقا ۋە ئۇنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئۇلار قوغۇن ئۇرۇقى ئېلىشنىڭ بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىنى ياراتقان. مەسىلەن، قوغۇنچىلارنىڭ تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر قوغۇننىڭ تۇمشۇقى تەرەپتىن ئېلىنسا، قوغۇننىڭ ئەسلى سورتى بۇزۇلۇپ شالغۇتلىشىپ كېتىدىكەن؛ ئەگەر ئۇرۇق ساپاق تۈۋىدىن ئېلىنسا، قوغۇن ئۇششاق چۈشىدىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇق تاللاشتا قوغۇننىڭ تۇمشۇقى ۋە ساپىقى تەرەپتىكى ئۇرۇقلار چۈشۈرۈۋېتىلىپ، ئوتتۇرىدىكى ئۇرۇق ئېلىنىدىكەن، ئېلىنغان بۇ ئۇرۇق يۇيۇلماستىن تېلىپى بىلەن قوشۇپ شاپاققا ئىلىنىپ ئۆز پېتى قۇرۇتۇلىدىكەن. قۇرۇغان ئۇرۇقنى ئۆز تۈرى بويىچە تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق تەڭشەلگەن ئۆيدە يۈز يىلغىچە ساقلىسىمۇ بۇزۇلمايدىكەن. مۇشۇ ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھوڭ خەلقى ئۇشاق ئەسىرلەردىن بۇيان قوغۇنچىلىق كەسپىنى ئەتىۋار بىلىپ، «ھوڭ قوغۇنى» نىڭ ئەسلى سورتلىرىنى ساقلاپ قالغان. ھوڭدا ئۇزۇندىن بۇيان تېرىلىپ كەلگەن يەرلىك قوغۇن تۈرلىرىنىڭ نامى تۆۋەندىكىچە: كۆكچى قوغۇن (بۇنىڭ قارا كۆكچى، ئاق كۆكچى، ھۆر كۆكچى، ئايسىخان كۆكچى، سېرىق كۆكچى دېگەن تۈرلىرى بار)؛ بىشەكشىرىن (ئەسلى بىشەكشىرىن، سېرىق بىشەكشىرىن دېگەن تۈرلىرى بار)؛ مىجىگەن (بۇنىڭ مىجىگەن، قاراقاش مىجىگەن، سېرىق مىجىگەن دېگەن تۈرلىرى بار)؛ ئالا قوغۇن (بۇنىڭ سېرىق ئالا، كۆك ئالا، ئاق ئالا دېگەن تۈرلىرى بار)؛ بەگزادە، پوستىپىياز، ناشېكەر، ئاقناۋات، شېكەر سۈيى، خامانچى، ئوينىغۇچ (چىلگە) قاتارلىقلار. ھوڭ قوغۇنلىرى ئىچىدە مىجىگەن، قارا مىجىگەن ۋە ھۆر كۆكچى دۇنيا بازارلىرىدا ھەممىدىن ئەتىۋارلىق قوغۇن سورتلىرى ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ھوڭ _ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئېسىل قوغۇن تۈرلىرىنى يارىتىپ دۇنياغا تونۇتقان ئىدىقۇت باغرىدىكى مەشھۇر جايلارنىڭ بىرى. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى