UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرىكۆكتاتچىلىق

كۆكتاتچىلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى ئۇيغۇرلاردا كۆكتاتنىڭ تۈرى كۆپ، تارىخى ئۇزۇن. ئۇلار كەسپىي كۆكتاتچىلىق بىلەن قوشۇمچە كۆكتاتچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل كۆكتاتچىلىقنى تەڭ ئېلىپ بارغان. كەسپىي كۆكتاتچىلار مەخسۇس كۆكتات تېرىش، كۆكتاتلارنى پارچە، توپ سېتىش بىلەن شوغۇللىنىدۇ. قوشۇمچە كۆكتاتچىلار ئاساسەن ئۆزلىرىگە لازىملىق يازلىق كۆكتاتلارنى تېرىشتىن باشقا، كۈزلۈك كۆكتات تېرىپ بازارنى قىشلىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنى بازار كۈنلىرى دېھقاننىڭ سەۋزە، پىياز، چامغۇر، تۇرۇپ، يېسىۋىلەكلىرى بازارغا كىرىدۇ. كەسپىي كۆكتاتچىلار ئاساسەن بازارغا يۈزلەنگەن بولغاچقا، 2 - ئايدىلا قىزىل مۇچ، كۆك مۇچ، شوخلا، يېسىۋىلەك، پېدىگەن، كاللەكبەسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى ساندۇقلارغا تېرىپ ئائىلىسىدە ئۆستۈرۈپ، 4 - ئايغا كەلگەندە كۆچۈرۈپ پەرۋىش قىلىدۇ. ئۇلار يېڭى سەي - كۆكتات بىلەن بازارنى بۇرۇنراق ئىگىلەش جەھەتتە ئۆزئارا بەسلىشىدۇ. كۆكتاتچىلىق بىلەن قوشۇمچە شوغۇللىنىدىغان كەڭ دېھقانلار، ئورمىدا بۇغداي ئورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئورنىغا سەۋزە، پىياز، كۆك تۇرۇپ، چامغۇر، يېسىۋىلەك، كاللەكبەسەي قاتارلىق قىشلىق كۆكتاتلارنى تېرىيدۇ. بۇ خىل كۆكتات تېرىش ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئومۇملاشقان. ئۇيغۇر دېھقانلىرى 10 - ئايدىن باشلاپ 11 - ئايغىچە كۆكتاتلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، سەۋزە، چامغۇر، تۇرۇپلىرىنى تېرىغان ئېتىزغا كۆمۈپ، باشقا كۆكتاتلارنى گەمىدە ساقلايدۇ. دېھقانلار كۈزدىن باشلاپ ئەتىيازغىچە ھەر بىر بازارغا ئۆزلىرى تېرىغان كۆكتاتلىرىنى ئەكىلىپ توپ ۋە پارچە ساتىدۇ. بازار كۈنلىرى ھەممە بازاردا قىشلىق كۆكتات سېتىلىدۇ. مۇشۇ قوشۇمچە كىرىم بىلەن دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ. ئادەتتە شەھەرلەردە ھەربىر كوچا ياكى مەخسۇس ئورۇنلاردا كۆكتات دۇكانلىرى بولىدۇ. بۇ دۇكانلار يىل بويى كۆكتاتلارنى توپ ئېلىپ پارچە سېتىش تىجارىتى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سودا قىلىش ئۇسۇلى يەرلىك ئۆرپ - ئادەتكە ماسلاشقان. ئۇلار خېرىدارلارنىڭ پۇلىنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە قارىماي، بار كۆكتاتلارنىڭ ھەممە تۈرىدىن ئاز - ئازدىن بېرىپ، خېرىدارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىدۇ. توپ ئېلىپ پارچە ساتىدىغان مۇنداق كەسپىي كۆكتاتچىلار كۆكتاتنىڭ پاكىزلىكى ۋە كۆركەملىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى