UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرىتېرىم ۋە يىغىم ئادەتلىرى

تېرىم ۋە يىغىم ئادەتلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلى ۋاقتى، قايسى خىل ئۇرۇقنى قايسى ۋاقىتتاسالسا (تېرىسا) ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ تۇرىدۇ ۋە شۇ يىلقى قىشلىق قار، جۈملىدىن ئەتىياز ۋە يازدا بولىدىغان يامغۇرلارنى مۆلچەرلەپ تۇرىدۇ. مۇبادا، ھۆل - يېغىن ئاز بولۇپ قۇرغاقچلىقيۈز بېرىش شەپىسى بولىدىغان بولسا، كونا قائىدىسى بويىچە، پۈتۈن يۇرت خەلقى ئۇلۇغ مازارلار ياكى قەدىمكى جايلارغا يىغىلىپ كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ ھەربىر ئادەم خالىغان نەرسە ئېلىپ چىقىدۇ، قان قىلىپ، ياغ پۇرىتىپ سۇ تەلەپ قىلىپ دۇئا - تەكبىر قىلىپ تەڭرىگە سېغىنىدۇ، بۇ مۇراسىمنى «زاراخەتمە» دەپ ئاتايدۇ. زاراخەتمىدىن كېيىن، ھەربىر دېھقان ئۆز ئېتىزلىرىنى تۈزەپ سۇ كېلىشىنى كۈتىدۇ ۋە ئۆزىگە تۇشلۇق ئېتىز بېشىدا قوي، كالا دېگەندەك جانلىقلارنى سويۇپ «قان قىلىپ» نەزىر قىلىدۇ. جامائەت يىغىلىدۇ. بۇ يىغىلىشتا دېھقانچىلىق رىسالىسى ئوقۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىدا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىكبولغان قائىدىلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ، رىسالىدىكى بەدەننى پاكىز، پاك تۇتۇش، تېرىقچلىق ۋاقتىدا،پىرلارغا سېغىنىش، شەرىئەت ئەمىرىنى بەجا قىلىش، ئېتىقادىنى پاك قىلىش، ئاللانى ياد ئېتىش، ئۇرۇقنى ئوڭ قول بىلەن سېلىش، خاپىلىق - ئاچچىقلىنىشتىن خالىي بولۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ئالىملارنى دوست تۇتۇش، قوش قېتىش، تاپ بېشىدىن يېنىش ئۇسۇلى، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئاسراش ۋە قەدىرلەش،ئۆشرە، كەپسەن بېرىش، يالغۇز بۇغداي، قوناق تېرىماي، قوغۇن - تاۋۇز، ماش، پۇرچاق، كۆكتات قاتارلىق ھەر خىل زىرائەتلەرنىمۇ تېرىش، باغ بىنا قىلىش ۋە ئاسراش قاتارلىق قائىدىلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ. يىغىم ۋاقتىدا، خامان بېشىدا بەرىكەت تىلەپ يەنە بىر قېتىم قان قىلىپ دۇئا - تەكبىر ئوقۇلىدۇ. خامان چەشلىنىپ بولغاندا، ئالدى بىلەن «چەش بۇرنى» دەپ بىر غەلۋىر ئاشلىقنى ئايرىم قويىدۇ، ئاندىن ھەر ئون غەلۋىردىن بىرىنى ئۆشرەدەپ ئايرىپ قويۇپ، مەسچىت، مەدرىسلەرگە بېرىدۇ. ئائىلە باشلىقى كەپسەن دەپ ئائىلەئەزالىرى ۋە يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا، خامان ئۈستىگە كەلگەن يوقسۇللارغا مۇۋاپىق ئۆلچەمدە ئاشلىق بۆلۈپ بېرىدۇ. جان - جانىۋارلار ھەققى دەپ خاماندا قالغان چار بۇغداينى ئەتراپقا چېچىپ قويىدۇ. يوقسۇللارنىڭ باشاق تېرىۋېلىشىغا يول قويىدۇ. بۇلارنى سادىقىغا، ئەلگە نەپ دەپ بىلىدۇ. قوغۇن تېرىغان دېھقانلار ئۇرۇق سېلىش ۋاقتىدا نەزىر (قان) قىلىپ ئۇرۇق سالىدۇ. باغۋەنلەرمۇ مېۋىلەر بىخ ئۇرۇش ۋاقتىدا دۇئا - تەكبىر ئۆتكۈزىدۇ. مېۋە پىشقاندا ھەرقانداق كىشى باغقا كىرسە خالىغانچە يېيىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. بېغى يوق قولۇم - قوشنا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئائىلىسىگە داۋاملىق مېۋە كىرگۈزۈپ تۇرىدۇ. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى