ئات
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى
ئات - ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ دەسلەپ قولغا ئۆگىتىلگەن ھايۋانلارنىڭ بىرى. ئاتنىڭ كۆندۈرۈلۈشى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىق. كۆپلىگەن ئارخېلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاتلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تارقالغان. ئاتنى كۆندۈرۈشمۇ ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ رايوندىن باشلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ رايوندا باشلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ رايوندا تارىختىكى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» دەپ ئاتالغان مەدەنىيەت دەۋرى بارلىققا كەلگەن.
ئات يالغۇز چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىردىنبىر ئىشلەپچىقىرىش قورالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دېھقانچىلىق ئىگىلىكىدىمۇ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىق قورالدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار قەدىمدىن باشلاپ ئاتنى ئىنتايىن ئۇلۇغلاپ كەلگەن. قەدىمدىن باشلاپ ئاتنى ئىنتايىن ئۇلۇغلاپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر ئېپوسلىرىدا ئاتنىڭ ئوبرازى ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا ئاتمۇ خۇددى «كۆك يايلىلىق بۆرە» گە ئوخشاش مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن ۋە ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى پالچىلىق كىتابى «ئىرق پۈتۈك» تە ئات ئومۇمەن ياخشىلىق، بەختنىڭ بەلگىسى قىلىنغان. ئۇنىڭدىن تاشقىرى خەلقىمىز ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە «دۇلدۇل» ھەققىدە ناھايىتى كۆپ قىزىقارلىق ئەپسانە- رىۋايەت ۋە چۆچەكلەر ئېقىپ يۈرمەكتە، دۇلدۇل چۈشەنچسى ۋە ئېتىقادى ماھىيەتتە ئاتنىڭ ئىلاھىيلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئات ھەقىقەتەن ھەممە ھايۋانلاردىن كۈچلۈك ۋە ئەقىللىق. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىلا ئاتنىڭ ئاشۇ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ قانىتى دەپ ھېسابلىغان، قەدىمكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا ئاتنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادى تۈپەيلىدىن تەڭرىقۇت ياكى سەركەردىلەر ئۆلسە، ئۇلارنىڭ مىنىدىغان ئېتىنىمۇ قوشۇپ بىرگە دەپنە قىلىش ئادىتى بولغان. كۆپلىگەن ئۇيغۇر قەبرىستانلىقلىرىدا ئاتنىڭ باش سۆڭىكىنى مەڭگۈ تاش ئورنىدا بېكىتىپ قويۇش ئادىتى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. قەدىمكى دەۋرلەردە يەنە خەلقىمىز ئاتنى مۇقىم پۇل بىرلىكى ئورنىدا ئىشلەتكەن.
ئۇيغۇرلار ئاتنى ھەقىقەتەن قەدىرلەيدۇ، ئاتنى ئۇرۇش ياكى خارلاشنى ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئاتنى مەخسۇس ئېغىلدا ئەتىۋارلاپ باقىدۇ. ئات ئېغىلىغا پات - پات ئىسرىق سېلىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ مىنىدىغان ئاتنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنداق ئاتلارنى داۋاملىق ئۆستەڭلەرگە ئاپىرىپ يۇيۇپ - تاراپ تۇرىدۇ. يۈگەن، ئېگەر جابدۇقلىرىنىمۇ خىللاپ، ئاتقا تېخىمۇ سالاپەت كىرگۈزىدۇ. ھارۋىغا قاتىدىغان ئاتلارنى ئالاھىدە بېزەيدۇ. ئات گۆشى يېيىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىدا گەرچە مەنئى قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتنى ئۆلتۈرۈپ يېيىش ئومۇملاشمىغان. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئات گۆشىنى ئاساسەن يېمەيدۇ.
دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۈگۈنكى كۈندە قاتناش ئىشلىرى ئاساسەن ماشىنىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئات ئۆزىنىڭ رولىنى يوقاتقىنى يوق. بەلكى يېزا - قىشلاقلاردا ھەتتا شەھەرلەردە ئات ھارۋىلىرى ئاساسلىق قاتناش قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا. خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە كىرا ماشىنىلىرى بىلەن بەس - بەستە قاتناۋاتقان كۆركەم ئات ھارۋىلىرى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن چەت ئەللىك ساياھەتچى دوستلارنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. (ئا)