UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرىچۈنچە

چۈنچە

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى تۇرپاننىڭ كىشمىش ئۈزۈمى ئۆزىنىڭ شېرىن تەمى، پوستىنىڭ نېپىزلىكى، مەھسۇلاتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھەممىدىن بۇرۇن پىشقانلىقى، بولۇپمۇ قۇرۇتۇلۇپ ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا بولىدىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. تۇرپاندا شەھەر سىرتىدىكى ئېگىز يەرلەرگە، ئۆگزىلەرگە سېلىنغان تۆت تېمى كۈنگۈرىلىك ئۆيلەر كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ئۆيلەر ئۈزۈم قۇرۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ «چۈنچە» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنچە ئومۇمەن شامال ئۇرۇپ تۇرىدىغان يەرلەرگە سېلىنىدۇ. چۈنچىنىڭ تۆت تېمى مەلۇم ئۆلچەمدە تۆشۈك بولۇپ، تېمىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ - تۆت مېتر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئۈستى ياپما بولىدۇ. چۈنچىنىڭ ئىچىگە بويىدىن بويغا بادرا ئورنىتىلىدۇ. بادرىلارغا تۆشۈك تېشىلىپ قوزۇق قېقىلىدۇ. بۇ قوزۇق «تىكەن» دەپ ئاتىلىدۇ (تۇرپاننىڭ بەزى يەرلىرىدە بولسا «چاققا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئۈزۈم پىشقاندا (8 - ئاينىڭ 15 - كۈنلىرىدىن باشلاپ) مەخسۇس ئۇستىلار تەرىپىدىن ئۈزۈم ساپىقى بىلەن ئاشۇ تىكەنگە ئېسىلىدۇ. ئۈزۈم قىرىق - ئەللىك كۈندە قۇرۇيدۇ. ئۈزۈم قۇرۇغاندا تىكەننى سىلكىگەندە ئۈزۈم يەرگە تۆكۈلىدۇ. ئۈزۈم قۇرۇغاندا تىكەننى سىلكىگەندە ئۈزۈم يەرگە تۆكۈلىدۇ. ئۈزۈم سايە يەردە، شامالدا قۇرۇيدىغانلىقى ئۈچۈن رەڭگى يېشىل، سۆسۈن بولىدۇ. بۇ خىل ئۈزۈمنى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ. بىر چۈنچىدە بىرەر يۈز، ئىككى يۈز، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىكەن بولىدۇ. تىكەنگە قاراپ بىر چۈنچىدىن قانچىلىك ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. دېمەك، «چۈنچە» تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى. (ر)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى
چۈنچە | UyghurWiki | UyghurWiki