UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرىئوۋچىلىق

ئوۋچىلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى ئوۋچىلىق ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تۇنجى تارىخى پائالىيىتىگە ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن ئىگىلىك شەكىلى. ئۇ قېلىن تاغ - ئورمانلاردا ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاشتىن تاشقىرى دەريا - كۆللەردىن بېلىق، ئۇچار - قاناتلارنى ئوۋلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئىنسانلار ئەجدادلىرى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئوۋچىلىق ئارقىلىق قاندۇرۇپ كەلگەن. بۇ جەريانىدا ئۇلار ئوۋچىلىق ئەمگىكىنىڭ خۇسۇسىيتىگە مۇناسىپ تاياق - توقماق، ئىلمەك، گۆلمە (بېلىق تورى) مانجا، سانجاق، ئوقيا ۋە ھەر خىل تاش سايمان قاتارلىق ئەمگەك قوراللىرىنى ياساپ چىققان. شۇنىڭدەك شۇنىڭغا مۇناسىپ ئالاھىدىلىك ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ شەكىللەنگەن. بۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمەن ئەنئەنە ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى كۆزەتسەك، ئۇنىڭ قەدىمكى زاماندىلا يەنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق ھاياتى دەرۋىدە شەكىللىنىپ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ناھايىتى روشەن ئايان بولىدۇ. 1970 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى رايونىمىزنىڭ ئارخېئولوگلىرى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنى ۋادىسىدىن بۇنىڭدىن 4750 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بىر قەبرىنى تاپقان. قەبرىدىن جەسەت بىلەن بىللە قويۇلغان بىر دانە قومۇش ئوقيانىڭ سۇنىقى ۋە گۆلمە پارچىسى چىققان. 1985 - يىلى چەرچەننىڭ زاغۇنلۇقىتىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بىر قەبرىدىن جەسەت بىلەن قويۇلغان ئاخىرەتلىك بۇيۇملار قاتارىدا ياغاچ زىخقا ئۆتكۈزۈلۈپ پىشۇرۇلغان گۆش، كاۋاب چىققان. بۇ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى بىرىنچىدىن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ جاھالەت دەۋرىدە ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە قورال ئوقيا ياساپ ئۇنىڭدىن پايدىلانغانلىقىنى جۈملىدىن مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى بىر قەدەم قويغانلىقىنى ئىسپاتلىسا، ئىككىنچىدىن، ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ گۆشىنى خام يېيىشتىن مەخسۇس ئۇسۇلدا پىشۇرۇپ يېيىش ئادىتىنىڭ شەكىللىنىپ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى بويىچە ئاللىبۇرۇنلا يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئوۋچىلىق تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھايۋانلارنى كۆيدۈرۈپ بېقىپ بىر قەدەر تۇراقلىق تۇرمۇش مەنبەسىنى ھەل قىلىش شارائىتىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاشۇ جەريانىدا ئەجدادلىرىمىزدا نۇرغۇن گۈزەل ئەنئەنىلەر يېتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە پەخىرلىك بىلەن تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، باتۇرلۇق، باتۇرلۇقنى قەدىرلەش، ئەلا بىلىش ۋە چىداملىق، سەۋرچانلىق ئادىتىدىن ئىبارەت. مۇنداق گۈزەل ئادەت - ئەنئەنىلەرنىڭ يېتىلىشىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى تۇرمۇش شارائىتى بەلگىلىگەن. مەلۇمكى ئوۋچىلىق مۇشەققەتلىك ۋە جاپالىق ئەمگەك. ئۆز دەۋرىدە تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. چۈنكى ئوۋ ئوبيېكتىلىرىنىڭ تۈرى ۋە ئۇلارنىڭ مىجەز - خۇلقى، ياشاش، ھەرىكەتلىنىش قانۇنىيىتى ھەر خىل بولغاچقا ئۇنى ئىگىلەش ھەر قايسىسىغا مۇناسىپ چارە - تەدبىر تېپىش ئۈچۈن چاپالىق جىسمانىي، مەنىۋى ئەمگەك سەرپ قىلىشقا توغرا كەلگەن، ئۇلار شۇنداق جاپالىق ئەمگەك سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئوۋ ئوبيېكتلىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ئۇسۇل، تەدبىرلىرىنى تاپقان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ قۇراللارنى ياساپ چىققان ۋە ئات، قوي قاتارلىق بىر تۈركۈم ياۋا ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ بېقىش، پايدىلىنىشىنى بىلىپ يەتكەن. ئات دەۋرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق پائالىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كېڭىيىشى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. بۇنىڭ بىلەن ئەجدادلىرىمىزدا ئاتلىق ئوقيا ئېتىش ئادەت - ماھارىتى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئەنئەنىسى شەكىللەن. ئەجدادلىرىمىز ئوغۇل بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بىرەر باتۇرلۇق كۆرسەتمىگۈچە ئۇنىڭغا رەسمىي ئات قويمايدىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى كىچىكىدىنلا ئات - ئۇلاغقا مىندۈرۈپ چېنىقتۇرىدىغان، قىرغاۋۇل قاتارلىق ئۇچار - قاناتلارنى ئوۋلىتىدىغان ئادەتلەر شەكىللەنگەن. مۇنداق مۇھىت كىشىلەردە باتۇرلۇققا ئىنتلىدىغان، باتۇرلۇقنى قەدىرلەيدىغان روھىي ھالەتنى يېتىشتۈرگەن. بۇندىن باشقا ئەجدادلىرىمىزدىكى سۈرلۈك، باتۇر ھايۋانلار ۋە كۆركەم، ھەيۋەتلىك تەبىئەت شەيئىلىرىنىڭ نامىدا، لەقەم قويۇش ئادەت - ئەنئەنىسىمۇ ئۆز دەۋرىدىكى تۇرمۇش شارائىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە، مەسىلەن، ئارسلان، ئارسلان خان، قاراجان ، قاراخان، يۇلتۇز، سادىر پالۋان، ئەمەت مەرگەن، قاينام ئۆركىشى،تۇرسۇن بۇقا قاتارلىقلار. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا ئوۋچىلىق ئاللىبۇرۇنلا ئۆز رولىدىن قالغان بولسىمۇ، ھازقى زامان باشقا مىللەت خەلقلىرىنىڭكىگە ئوخشاش تۇرمۇشتىكى بىر خىل زوق - ھەۋەس ۋە قوشۇمچە كەسپ سۈپىتىدە يەنىلا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بەزى رايونلادا ئالايلۇق، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق دەۋرىدىكى قىسمەن ئادەت - ئەنئەنىلىرى تېخن يېقىنقى دەۋرلەرگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن: لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئەسىرىمىزنىڭ 30 - 40 - يىللىرىغا قەدەر تويلىشىشتا ئالدى بىلەن توققۇز دانە بېلىق بېشىنى پىشۇرۇپ داستىخان ئاپىراتتى. تويلۇق ئۈچۈن بەلگىلىك ساندا خام بېلىق، گۆلمە، كىمە قاتارلىق بېلىق ئوۋلايدىغان قورال - سايمان، جەرەن - كېيىك گۆشى، تۈلكە، مولۇن تېرىسى سالاتتى. روشەنكى بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق دەۋرىدە شەكىللەنگەن ئادەت - ئەنئەنىلىرىنىڭ داۋامى. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى نىكاھلىنىش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى تەتقىق قىلىشىمىزدا بىزنى قىممەتلىك ماتېرىيالىغا ئىگە قىلىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىقتا تاياق - توقماق، ئىلمەك، ياغاچ نەيزە قاتارلىق قوراللاردىن باشقا يەنە قانداق قورال ئىشلەتكەنلىكى بىزگە نامەلۇم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىقتا ئىشلەتكەن، بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن قوراللاردىن تاپان تۇزاق، قىلتاق، قاپقان (قىسماق، توزاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، مىلتىق، نەيزە، قارچىغا، بۈركۈت، ئىت (تايغان) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ، تاپان تۇزاق، قىلتاق، قارچىغا بىلەن ئاساسەن قىرغاۋۇل، كەكلىك، توشقان قاتارلىقلارنى، قاپقان، بۈركۈت، مىلتىق بىلەن ئاساسەن بۇغا - مارال، جەرەن - كېيىك، تۈلكە، بۆرە قاتارلىقلارنى ئوۋلاپ كەلگەن. قاپقان پولاتتىن چىشلىق، چىشسىز قىلىپ ئىككى خىل ياسىلىدۇ، ئۇ ئاساسەن ھايۋانلارنىڭ ئورمان، چاتقاللار ئارىسىدىكى ئۆتەر يولىغا قۇرۇلىدۇ. تاپان تۇزاق، قىلتاق پىششىق چېگە يىپ ۋە ئات قۇيرۇق قىلىدا ياسىلىدۇ. بۇ قوراللار يېزا - قىشلارقلاردا ھازىرمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى
ئوۋچىلىق | UyghurWiki | UyghurWiki