ئۈزۈمچىلىك
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى
مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا، تۇرپان «ئۈزۈم ماكانى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. دەرۋەقە ئۈزۈم ھەقىقەتەن بۇ ۋادىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەھسۇلاتى. تۇرپان ۋادىسىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆزگىچە ھاۋا ئىقلىمى ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى باب كېلىدۇ.
ئۈزۈم ھەققىدە گەپ بولغاندا ئىدىقۇت خەلقى ئۇنى تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن «يەتتە قىز رىۋايىتى» بىلەن باغلايدۇ. بۇ رىۋايەتتە: «يەتتە قىز تاشقا ئايلىنىش ۋاقتىدا بويۇنلىرىدىكى ئۈنچە - مارجانلىرىنى چېچىپ بۇ ۋادىدا ئۈزۈمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇ سەۋەبتىن قىزىل سايۋا قىزىل ياقۇتتەك يالتىراق، كىشمىشلىرى ئۈنچە - مارجانلاردەك كۆركەم. ئۈزۈمنىڭ ھەر ساپىقى يەتتە قىزنىڭ بوينىغا ئېسىلغان ئۈنچىلەردەك غۇژمەك» دەپ ھېكايە قىلىدۇ. يۇقىرىقىلار ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان ئۇقۇملار بولسىمۇ، بۇ ۋادىدا زامان - زامانلاردىن بۇيان ئۈزۈم ئۆستۈرۈلۈپ كەلگەنلىكى ھەممىگە ئايان.
تۇرپاندا «ئۈزۈمى يوق كىشىنىڭ جېنى يوق» دېگەن نەقىل بار. دېمىسىمۇ، تارىختىن بۇيان بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي ئىگىلىكى ئۈزۈمچىلىك بولۇپ كەلگەن.
تۇرپان ئۈزۈمى تەمىنىڭ شېرىنلىكى «قەنت تەركىبى يىگىرمە بەش پىرسەنتكە يېتىدۇ»، سورتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەھسۇلاتدارلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرپان كىشمىش ئۈزۈمى شىنجاڭ بويىچە ھەممىدىن بۇرۇن پىشىپ، بازارنى ئىگىلەيدۇ.
بۇ ماكاندا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان ئۈزۈم سورتلىرى كىشمىش، ئۇزۇن كىشمىش، يوغان كىشمىش، ئۇزۇنلۇق كىشمىش، قىزىل سايۋا، سايۋا ئۈزۈم، ئاق ئۈزۈم، قارا ئۈزۈم، غۇنچە ئۈزۈم، بىجاقى ئۈزۈم، قىزىل بېلىقى ئۈزۈم، ئاق بېلىقى ئۈزۈم، قاشقىر ئۈزۈم، بوغۇم سايۋا، ھىمىرىك سايۋا، يۇمىلاق سايۋا، قاپاق سايۋا، كەنجى ئۈزۈم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
تۇرپاننىڭ ياز پەسلى ئۇزۇن، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز بولغاچقا، بۇ رايون قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىشقا ناھايىتى باب كېلىدۇ. شۇڭا تۇرپان ۋادىسىدىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆگزىسىدە، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئوچۇقچىلىقتا قەد كۆتۈرگەن ئۈزۈم قۇرۇتۇش چۈنچىلىرى بولىدۇ. ئەمگەكچان تۇرپان خەلقى ئۈزۈم قۇرۇتۇش تېخنىكىسىغا ماھىر. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرپاننىڭ قۇرۇتۇلغانكىشمىش ئۈزۈمى يېشىل مەرۋايىتتەك كۆركەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتى سۈپىتىدە خەلقئارا بازاردا سېتىلىدۇ. (ئا)