ئىدىقۇت باغرىدىكى كەشپىياتلار
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى
ئىدىقۇت _ قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، مەنىسى «بەخت (قۇت) بەرگۈچى تەڭرى» دېمەكتۇر. بۇ جاي ھازىرقى تۇرپان ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۇرپان ئويمانلىقى دېڭىز يۈزىدىن بىر يۈز ئەللىك تۆت مېتر چوڭقۇر بولۇپ، قۇرغاق ھاۋا كېلىماتىغا ئىگە.
ئىدىقۇت _ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئانا يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيەت تارىخى بار. ھازىرغىچە ئىزى ئۆچمىگەن يارغول قەدىمكى شەھىرى، ئىدىقۇت خارابىلىكى، بېزەكلىك مىڭ ئۆي قاتارلىق ئاسار ئەتىقە ئورۇنلىرى ئىدىقۇت مەدەنىيىتىگە گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرىدۇ.
ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى قەيسەر ۋە ئەمگەكچان خەلق بولۇپ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ئىگە بۇ مۇنبەت زېمىننى گۈللەندۈرۈش يولىدا نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ياراتقان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغان. مەسىلەن:
كارىز _ ئىدىقۇت خەلقلىرىنىڭ پەم - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئۆزىگە خاس كەشپىياتى. ئىدىقۇت تېخى باغرىدىكى ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى ئىجادقىلغان مۇشۇ كارىزغا تايىنىپ بۇ ۋادىنى بۈگۈنكىدەك مۇنبەت بوستانلىققا، دۇنياغا مەشھۇر «ئۈزۈم شەھىرى» گە ئايلاندۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىقۇت خەلقى كارىزنى «ھاياتلىق مەنبەسى» دەپ تەرىپلەيدۇ.
تېخى يېقىنقى يىللارغىچە تۇرپان ۋادىسىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى كارىز ئىدى. كارىز خۇددى ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلاردەك تۇرپان، پىچان، توقسۇن رايۇنلىرىغا مەركەزلەشكەن.
كارىز، ئونلىغان، يۈزلىگەن يەر ئاستى سۇ قۇدۇقلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشىدىن ياسالغان يەر ئاستى سۈيىنى يەر ئۈستىگە باشلايدىغان ئاجايىپ مۆجىزىلىك بىر خىل ئېرىق بولۇپ، ئۇ پەقەت ئىدىقۇت باغرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىگە ماسلاشقان.
ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئىدىقۇت تاغ باغرىدا سۇلۇق بۇلاق بولغان، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇلاق سۈيى يەر ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقالماي، سۇ قاتلىمى پەسلەپ كەتكەن، كىشىلەر سۇنى چىقىرىش مەقسىتىدە يەرنى چوڭقۇر كولاپ، بۇلاق سۈيىنىڭ راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپكى بىر قۇدۇقلۇق كارىز بارلىققا كەلگەن. كېيىن سۇنى كۆپەيتىش ئۈچۈن قۇدۇق بىلەن قۇدۇقنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان يەر ئاستى ئېرىق چېپىپ، ئېرىق ئىچىدىكى توپىلارنى سىرتقا يۆتكەش ئۈچۈن «تۈڭلۈك» ئاچقان. مۇشۇ تۈڭلۈك ئارقىلىق قۇدۇقنى تۇتاشتۇرىدىغان يەر ئاستى قانالنىڭ توپىلىرىنى ياغاچ چىغرىق ياكى قول كۈچى بىلەن يەر ئۈستىگە تارتىپ چىقارغان. ھازىرغىچە «يەتتە قىز» نىڭ تاش ھەيكىلى بار تاغ باغرىدىكى قۇرۇپ كەتكەن بىر قۇدۇقلۇق، ئىككى قۇدۇقلۇق كارىز ئىزلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. كارىزلار يەر تەكشىلىكىگە ئاساسەن، ئېگىزلىكتىن پەسلىككىچە قاراپ كولىنىدۇ. باش تەرىپى چوڭقۇر بولۇپ، بارغانسېرى تېيىزلىشىپ ئاخىرى يەر ئۈستىگە ئۇلىنىدۇ. ھازىرغىچە بۇ يۇرتتا قېزىلغان كارىزلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى ئون كىلومېتر ئەتراپىدا بولۇپ، ئىككى يۈزگە يېقىن قۇدۇقى بار. پىچان ناھىيىسىنىڭ چىقتىم يېزىسىدىكى كىچىك كارىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتتە يېرىم كىلومېتر بولۇپ، بىر يۈز ئاتمىش بەش قۇدۇق بار. پىچان لەمجىندىكى «سەپتە گور» كارىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.75 كىلومېتر بولۇپ، بىر يۈز سەكسەن قۇدۇق بار. پىچان دالانكارىزىدىكى «ھۇلۇڭ» كارىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەككىز كىلومېتر بولۇپ، بىر يۈز توقسان بەش قۇدۇق بار. مۇشۇنداق كارىزلاردىن تۇرپان ۋادىسىدا نەچچىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بەش مىڭ كىلومېتردىن ئاشىدۇ.
كارىز سۈيى ھەم سوغۇق، ھەم سۈزۈك بولغاچقا، تۇرپاننىڭ قىرىق گرادۇستىن ئاشىدىغان يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە كارىز ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇش ۋە ئىچىش، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
گەرچە ھازىر سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇرپان ۋادىسىنىڭ سۇ مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان بولسىمۇ، كارىز ئىدىقۇت باغرىدا يەنىلا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
قىسقىسى، خۇددى روسىيە ئالىمى گرۇم گرژىمايلوپ ئېيتقاندەك: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ پاراسەتلىك بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك قەدىمىي كارىز سۇ ئىنشائاتى _ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زامانلاردىلا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كارىز مىسىرلىقلارنىڭ پىرامىداسىدىن قېلىشمايدىغان، قايىل قىلارلىق كۈچكە ئىگە سۇ ئىنشائاتىدۇر». (شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى) نىڭ ئۇيغۇرچە 29 - تومىغا قاراڭ. (ئا)