UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرىئاشلىق ساقلاش

ئاشلىق ساقلاش

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئاشلىقنى تاغار، خانپا (ياغاچ ساندۇق)، باداڭ (چىۋىق توقۇلما سېۋەت) قاتارلىقلاردا ساقلايدۇ. يۆتكەش ئىمكانىيىتى بولمىغان كۆپرەك يىرىك ئاشلىقنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاشقا توغرا كەلگەندە مەخسۇس ئورا ياساپ ساقلايدۇ. ئاشلىق ئورىسى ئۈچۈن قۇرۇق يەر تاللىنىدۇ. ئاشلىق ئورىسى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ئۈستى ئوچۇق تۈز كولانغان ئورا، يەنە بىرى، ئىچ گۆر قازغانغا ئوخشاش ياسالغان گەمە. ھەر ئىككىسىنىڭ ئىچ تەرىپى ھاك، تۇز ئارىلاشتۇرۇلغان سامانلىق لاي بىلەن سوۋۇلىدۇ. بۇنداق سۇۋاقتىن چاشقان، ئاغمىخان قاتارلىق ئاشلىق بۇزۇلمايدۇ. ئورىنىڭ ئاغزى توپا چۈشمەيدىغان ۋە ھاۋا كىرمەيدىغان قىلىپ مەھكەم ئېتىلىدۇ. تارىم ئەتراپىدىكى قۇملۇق كەنتلەردە دېھقانلار ئارتۇق ئېشىنچا ئاشلىقلىرىنى تال ياكى توغراق چىۋىقلىرىنى ياسالغان چوڭ باداڭ (گۈمبەز شەكلىدە توقۇلغان سېۋەت) غا قاچىلاپ ئاغزىنى مەھكەم بېكىتىپ، ئۇنى قۇم ئاستىغا كۆمۈپ ساقلايدۇ. بۇنداق ساقلانغان ئاشلىق نەچچە يىللار تۇرسىمۇ بۇزۇلمايدۇ. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ئادەتلىرى
ئاشلىق ساقلاش | UyghurWiki | UyghurWiki