UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىجۇۋىچىلىق

جۇۋىچىلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى ئۇيغۇرلاردا جۇۋىچىلىقنىڭ تارىخى ئۇزۇن، بۇنىڭدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇنلا كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا، چارۋا مال بېقىلغان، ئىپتىدائىي كۆن - خۇرۇم ئىشلەنگەن ... ئاشلانغان تېرىدىن كىيىم تىكىلگەن. ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىپ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشلاپ جۇۋىچىلىق مەخسۇس كەسىپلەشكەن. ئۇيغۇر جۇۋىچىلىقىنىڭ تۈرى كۆپ. رەختى، رەڭگى خىلمۇ خىل، ئۇيغۇرلار قوي، تۈلكە، بۆرە، سۈلەيسىن، تىيىن، قاما، سۇغۇر، سۆسەر، كەمچەت، ئەلتېرە قاتارلىق سەكسەن نەچچە خىل ھايۋان تېرىسىدىن جۇۋا تىكىدۇ. ئۇيغۇر جۇۋىلىرى تاشلىق، تاشسىز ئىككى خىل بولىدۇ. تاشلىق جۇۋىلارغا مەخمەل، دۇخاۋا، مويىت، سارجا، باستون، كىبرىكوت، ھەرخىل تېرىكە، چېپەرقۇت، چەكمەن قاتارلىقلارنى تاش قىلىدۇ. تاشسىز جۇۋىلارنى تېرە بويى ئاق قالدۇرىدۇ ياكى قارا، سېرىق، پوررەڭ، ياكى جىگەررەڭ بىلەن بويايدۇ. جۇۋىچىلىق سايمانلىرى: قايچا(رەخت كېسىشكە ئىشلىتىدۇ)، تېرە كېسىدىغان پىچاق، ئەندىزە، يىپ، يىڭنە، ئويماق، مېتر، شىلىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تېرە پىششىقلاش ئۇسۇلى: جۇۋا تىكىدىغان ھەرقانداق تېرە ئالدى بىلەن سۇغا چىلاپ يۇمشىتىلىپ تېرىدىكى ماي، گۆش، شۇللۇق ئەتلەر قىرىۋېلىنىدۇ. ئاندىن ئۇن بىلەن ئاشلايدۇ، تېرە ئاشتىن چىققاندىن كېيىن ئەيلەيدۇ ۋە ئۇۋۇلاپ يۇمشىتىدۇ. تېرە سىقىمغا سىغقۇدەك يۇمشىغاندا، تېرىنىڭ يۈزىگە سۇ پۈركۈپ تېخىمۇ يۇمشىتىپ تېرىنى تارتىشتۈرۈپ، قۇرۇق، قىياچ ئورۇنلىرىنى تۈزەپ تامغا تارتىپ مىخلاپ كېرىيدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېرىدىكى ئۆلچەمسىز ئورۇنلار تۇزلىنىدۇ. كېسىش ئۇسۇلى: تېرىنىڭ يۈزى تەرىپىدىن ئەندىزە قويۇپ، تېرە كېسىش پىچىقى بىلەن كېسىدۇ. رەخت كىيىم كەسكەندەك پارچە بولىدۇ، ئاندىن تىكىدۇ. تىككەندە تېرىنىڭ يۇڭىنى ئىچىگە قىلىپ يۈزى تەرەپنى جۈپلەشتۈرۈپ يىپ بىلەن يۆمەيدۇ. پەش، ياقا، يەڭ ئولتۇرغۇزۇشلار چاپان تىكىشكە ئوخشىشىدۇ، جۇۋىنىڭ تېشىنى قايچا بىلەن كېسىپ ئىلگىرى قول بىلەن ھازىر ماشىنا بىلەن تىكىپ پۈتتۈرۈپ، جۇۋىنىڭ ئۈستىگە كىيدۈرگەندىن كېيىن، ياقا، ئېتەكلىرىنى يۆمەيدۇ. ئەگەر چوڭ ياقىلىق ياكى كەمچەت، قاما، تۈلكە، ياكى كۆرپە ياقا بولسا بۇنى ئايرىم ئولتۇرغۇزىدۇ. تاشسىز جۇۋىلارنىڭ ياقىسىدىن تارتىپ ئالدى پەش ۋە ئاستى تەرەپ پۇچقاقلىرىغا، شۇنداقلا يەڭ ئۇچلىرىغا ئىككى سانتىمېتر كەڭلىكتە بىرخىل رەڭلىك ئەلتېرىدىن زىغزىق تۇتىدۇ. زىغزىغنىڭ لېۋىگە تېرىدىن تىرناق چوڭلۇقىدا ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك نەقىش ئويۇلىدۇ. تاشسىز جۇۋا ئاساسەن تون شەكىلدە تىكىلىدۇ. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرى
جۇۋىچىلىق | UyghurWiki | UyghurWiki