UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىتوقۇمىچىلىق ۋە بوياقچىلىق

توقۇمىچىلىق ۋە بوياقچىلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى ھۈنەر - سەنئەتكە باي ئۇيغۇر خەلقى يىپەك يولىدىكى سودا - ئالاقىسىنىڭ مۇھىم نىشانىغا جايلاشقان. ئۇلار بۇ مۇنبەت زېمىندا سودا ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تايىنىپ، تاۋار، دۇردۇن، كىمخاب، شايى - ئەتلەس، بەقەسەم، ماتا - چەكمەنلەرنى توقۇپ، يىپەڭ يولى سودىسىنى جانلاندۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا يەتمىش - سەكسەن يىللار ئىلگىرى يەكەن، خوتەن، قەشقەر ئۇستىلىرى توقۇغان، تەيتىللا، كىمخاب، ئاق كالۋۇتۇن، سېرىق كالۋۇتۇنلۇق زەرباب رەختلەر چەت ئەلگە ئېكىسپورت قىلىنغان، كېيىنكى ۋاقىتتا ھاكىمىيەت زوراۋانلىقى، شاگىرت تەربىيىلىمەسلىك نەتىجىسىدە ئۇستىلارنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ، بۇ كەسىپ ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتنىڭ كىمخاب، تەيتىللالىرى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، يەكەن، قەشقەر قاتارلىق رايونلار يىپەكچىلىكنىڭ ئانا يۇرتلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان يىپەكتىن سېرىق، ئات باغرى، قىزىل ئالا، سېرىق ئالا، ئالا قاغا، قارا قاتارلىق كۆپ خىللىق ئەتلەس، تۆمۈررەڭ، يېشىل، يېشىل ئالاقاغا، مۈجەت قاتارلىق يىگىرمە نەچچچە خىل بەقەسەم، ئاق، سېرىق، ئەت رەڭ، قارا، پورەڭ شايى، قوش يىپلىق چەكمەن شايى قاتارلىق رەختلەر، يىپەك گىلەم، جايناماز، مېھراب ياپقۇ، ئاياللار ياغلىقى، چۈمپەردە، پەرىجە، ھەتتا ئەگلەك شايىلارنى توقۇغان. پاختىدىن ھەرخىل كاتەكچە، ھەيرانى ۋە ئانارگۈلى، ئالما گۈلى، يۇلغۇن چېچىكى، توز قۇيرۇقى، يېشىل، نىل رەڭ تولىما، شاتاۋا، ئاق قىرغاق سىماۋى تېرىكە، قوش يىپلىق رەڭمۇرەڭ تېرىكە قاتارلىق يەتمىش - سەكسەن خىل گۈللۈك رەخت، كۆپ خىللىق ماتا - چەكمەن (ماتا - چەكمەن ئاق توقۇلۇپ بويىلىدۇ). ھەرخىل گۈللۈك پالاس، گۈللۈك تاغار، گۈللۈك خۇرجۇن، گۈللۈك ئىشتانباغ قاتارلىق يۈز نەچچە خىل پاختا توقۇلمىلارنى توقۇيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تولانغان يىپتىن تىۋىتلىك توقۇپ، قىزىل، قاراكۆك ياكى نىل رەڭ بىلەن بويىغان چەكمەنلەر ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار يۇڭ توقۇلمىچىلىققىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇلار ساپ تۆگە يۇڭىدىن ۋە تىۋىت ئارىلاشتۇرۇلغان تۆگە يۇڭىدىن چەكمەن (قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قارىغاندا يۇڭ چەكمەننىڭ تۈرى كۆپ). تىۋىت رومال، يۇڭ پالاس، كاشا، ئات ئۇلاغلار ياپقۇسى قاتارلىق كۆپ خىللىق توقۇلمىلار ۋە يۇڭ تاغار، يۇڭ خۇرجۇن قاتارلىق ئىپتىدائىي يۇڭ توقۇلمىلارنى توقۇغان. ئۇيغۇرلار بوياقچىلىققا ماھىر، ئۇلار قىزىل، نىل، قارا، قاراكۆك، زەيتۇنە، چەيزەرەڭ، شاپتۇل چېچىكى، ئانارگۈلى، خورما رەڭ، توپا رەڭ، ئەت رەڭ، توق سېرىق، تۇخۇم سېرىقى، پوررەڭ، كاۋا چېچىكى قاتارلىق كۆپ خىل رەڭ ئىشلىتىدۇ ۋە ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈرىنى كۆپەيتىدۇ، رەڭلەرنى تەڭشەيدۇ. تەڭشەلگەن رەڭلەردە يىپەك، پاختا، يۇڭ رەختلەرنى بويايدۇ، مەشۇت بويايدۇ. ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرى قىزىل چەكمەن چاپان كىيىشنى ئۆزلىرىنىڭ يىگىتلىك غورۇرى ھېسابلايدۇ. ۇيغۇرلارنىڭ نىل بويىقى دۇنياغا مەشھۇر. ئۇيغۇر بوياقچىلىقى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇلار بوياق ئۈچۈن تۇخۇمەك، زاك، زەمچى، ئانار پوستى، يۇلغۇن چېچىكى، ئۆرۈك قوۋزىقى، ياڭاق پوستى، تۆمۈر دېتى، داشقال قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىدۇ. بۇ خىل بوياق ئەسەرلەر بويى توزۇمايدۇ. ئۇيغۇرلار توقۇغان <كونا رەڭلىك گىلەم> نىڭ خەلقئارا بازاردا ئەتىۋارلىق بولۇشى، ئۇنىڭ رەڭ - بوياقلىرىنىڭ ئۆڭمەس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرى
توقۇمىچىلىق ۋە بوياقچىلىق | UyghurWiki | UyghurWiki