شامچىلىق
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلاردا شامچىلىق ئۇزۇن تارىخقا ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇيغۇر شامچىلىق رىسالىسىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار: <ئەييۇپ ئەلەيھىسالام كېيىك گۆشىنى يۇلغۇن ياغىچىغا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپ قىلدى، كەچ كىرىپ، تۈن قارا رومالىنى ئارتتى، غار قاراڭغۇلۇققا چۆمدى. شامال زەربىسىدىن قوقاس يالتىرىدى، مايغا مىلەنگەن زىخ لاپپىدە ياندى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. ئەييۇپ ئەلەيھىسالام خۇشال بولۇپ زىخقا ياغ سۇۋاپ ياقتى. شۇندىن بۇيان ياغاچ نۆكچە - شام چىراغ پەيدا بولۇپ، شامچىلىق كەسپىگە ئايلاندى. بۇ كەسىپتە دۇنيادا ئون پىرى كامىل (ئۇستا كاسىپ) بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭ توققۇزىنچىسى شەمسىدىن قەشقەرىدۇر. ئۇلارنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا پاك، ساپ دىل، راستچىللىق بىلەن كەسىپنى داۋام ئەتكەن مەرىپەتچى كاسىپلارنىڭ بىرى شەيخ ھەسەن قەشقەرى ئىدى> دېيىلگەن. بۇ گەرچە رىۋايەت بولسىمۇ، ئۇنىڭدا شامچىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى كەسىپ ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن شامچىلىق كەسپىدە، ئۇيغۇرلار كالا، ئۆچكە يېغى ۋە باشقا ھالال ماللارنىڭ تاشلاندۇق مايلىرى بىلەن شاخار ۋە يىپنى خۇرۇچ قىلىپ ياسايدۇ.
ماي تەييارلاش ئۇسۇلى: شامچىلار كۆيۈك دېگەن دالا ئۆسۈملۈكىنى ھۆل ۋاقتىدا كۆيدۈرۈپ، ۇنىڭدىن شاخار ياسايدۇ. شاخارنى تالقانداپ، سۇ قوشۇپ كالا، ئۆچكە ۋە باشقا تاشلاندۇق مايلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىدۇ. شاخار ماينىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىدۇ ۋە دۇغلىرىنى تارىتىپ قازان تېگىگىچە ئولتۇرىدۇ، ئېرىگەن ماي لەيلەپ چىقىدۇ. ماينى سۈزۈۋېلىپ قازاندىكى شاخار دۇغىنى تازىلايدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە قېتىم ماينى شاخار بىلەن قايناتقاندا، ماي سۈزۈك سۇ بىلەن بىر قېتىم قاينىتىپ، چايقاپ، شاخار دۇغلىرىنى تامامەن چىقىرىۋېتىپ، ساپ ماينى سۈزۈۋالىدۇ.
شام تۈرى ۋە قېلىپ ياساش: شام ئاق، قىزىل ئىككى خىل بولىدۇ. شامنىڭ ئەڭ چوڭلىرى قىرىق سانتىمېتر ئۇزۇن، كەتمەن سېپى چوڭلۇقتا بولىدۇ. بۇ خىل شام ئوردا، شەھەر دەرۋازىسى، خانىقا، مەسچىتلەرگە يېقىلىدۇ. پانۇس، پوۋىسكا (پوچتا) شاملىرى ئوتتۇز سانتىمېتر ئەتراپىدا ئۇزۇن بولىدۇ. يۇقىرىقى شاملار تاۋار سۈپىتى بىلەن قىزىل ياسىلىدۇ. ئادەتتىكى شاملار يىگىرمە - يىگىرمە بەش سانتىمېتر بولىدۇ. رەڭ تاللىمايدۇ. ياسىلىدىغان قېلىپ يۇقىرىقى ئۆلچەمگە لايىق بولۇپ، بىر ئۇچى ئۇچلۇق، بىر ئۇچى دۈگىلەك تۇرۇبا شەكلىدە بولىدۇ.
شام قۇيۇش ئۇسۇلى: قېلىپقا ئۆلچەپ تۆشۈك تېشىلگەن تاختايغا قېلىپنىڭ ئۇچلۇق ئۇچىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرغۇزۇپ، قېلىپ ئوتتۇرىسىغا پىلىك يىپى تارتىلىپ، تەييارلانغان ساپ ماينى ئېرىتىپ قۇيىدۇ، قۇيۇلغان ماي قىشتا ئون مىنۇتتا، يازدا يىگىرمە مىنۇتتا قاتىدۇ. شامنى قېلىپتىن ئېلىپ بازارغا سالىدۇ. بۇنداق ماي شامنىڭ كۆيۈشى ئاستا، يورۇقى كۈچلۈك بولىدۇ.