UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىتونۇر

تونۇر

ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى ھۈنەر - كەسىپنىڭ بىر ت ۈرى بولغان تونۇر - نان يېقىش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان قۇرۇلما، تونۇر ئۇيغۇرلاردا ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى <ئۆي تونۇرى> دەپ ئاتالسا، يەنە بىرى <ناۋاي تونۇرى> دەپ ئاتىلىدۇ. تونۇر مۇنداق ياسىلىدۇ: سېغىز توپىغا قوي يۇڭى ياكى كالا يۇڭى ئارىلاشتۇرۇلۇپ تۇز سۈيى بىلەن لاي قىلىنىدۇ. لاينى دەسسەپ، چەيلەپ ئوبدان پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان لاي بىلەن تونۇرنىڭ ئاستى بىلەن ئاغزىنىڭ دىئامېترى ئوخشىغان دەرىجىدە قورساقلىق قىلىپ، تونۇر ياسىلىدۇ. مۇشۇ شەكىلدە چوڭ ھەم كىچىك تونۇرلار ياسىلىدۇ. بۇ خىل تونۇر خەلق ئارىسىدا <ناۋاي تونۇرى> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تونۇرنىڭ كىچىكلىرىنى ئائىلىلەردىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئائىلىلەردە پىششىق خىش ياكى ئوتقا چىداملىق خىش بىلەن ياسالغان تونۇلارمۇ بولىدۇ. بۇلار <ئۆي تونۇرى> دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقىرىقىدەك تونۇرلار ئۇيغۇرلار شەھەرلەشكەندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇلار <يەر تونۇرى> نىڭ تەرەققىي قىلغان شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەر تونۇرىدا بىر قېتىمدا بەش - ئون نان پىشۇرغىلى بولىدۇ. يەر تونۇرى مۇنداق ياسىلىدۇ: يەرگە تېيىز ئورەك كولىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىغا ياپىلاق ياكى يۇمىلاق تاش گۈمبەز شەكلىدە تىزىلىدۇ. ئۇنىڭغا بىر ئېغىز، بىر مورا قويۇلىدۇ. تونۇرنىڭ تەكتىگە چوڭ ياپىلاق تاش ياتقۇزۇلىدۇ ياكى بولمىسا تۈپتۈز قىلىپ لايلىنىدۇ. تونۇرنىڭ سىرتى لاي بىلەن سۇۋۇلىدۇ. ئوت قالىنىپ (ئوتۇن قالىنىدۇ) تونۇر قىزىغاندا، چوڭ ۋە كۈللەر تارتىپ چىقىرىۋېتىلىپ، راسلانغان نان تونۇر ئىچىگە تىزىلىدۇ. تونۇرنىڭ ئاغزى بىلەن مورىغا تاش قويۇپ ئېتىپ، سىرتى لاي بىلەن سۇۋۇلىدۇ. شۇ تەرىقىدە ئىككى - ئۈچ سائەتتە نان پىشىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر خەلقى شەھەرلەشكەنگە قەدەر نانغا بولغان ئېھتىياجىنى يەر تونۇرى ئارقىلىق قامداپ كەلگەن. (ر)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرى
تونۇر | UyghurWiki | UyghurWiki