رىسالىچىلىك
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلاردا رىسالىچىلىك بىر قەدەر بۇرۇن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلار يېزىق پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئۆزلىرى ئىختىرا قىلغان ھۈنەر - كەسىپ تارىخىنى، ئۇنىڭدىكى قائىدە - يوسۇن، نىزاملارنى، ئىشلەش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرىدىغان ھۈنەر - كەسىپ رىسالىلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان.
ساقلىنىۋاتقان ئۈچ يۈز نەچچە خىل ھۈنەر - كەسىپ رىسالىسىدە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قەدىمكى زامانلاردا ئەۋج ئالغان ھۈنەر - كەسىپ تۈرلىرى، ئۇنىڭغا ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلار، ئىشلەش تەرتىپلىرى، ھەر قايسى كەسىپنىڭ ئىختىراچىلىرى رىۋايەت شەكلىدە بايان قىلىنغان. بۇ خىل رىسالىلەر ئۇيغۇر ھۈنەر - سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە. رىسالە - خەلق ئارىسىدىكى ئاممىۋى تەزكىرە ئەدەبىياتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. شۇڭلاشقا ھەر قايسى ھۈنەر - كەسىپ رىسالىلىرىنىڭ مەزمۇنى بەزى ئەپسانىۋى، دىنىي قاراشلاردىن خالىي ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، رىسالىچىلىك خەلقىمىزنىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئادىتىنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر - سەنئەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە. (ش)