قۇيمىچىلىق
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلار مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، كۈمۈش تاۋلاپ ئۇنىڭدىن ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىشلەپ چىققان ۋە قۇيمىچىلىق كەسپىىنى باشلىۋەتكەن.
ئۇيغۇرلاردا قۇيمىچىلىقنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئىشلەپ چىقارغان نەرسىلىرى ئۆلچەملىك ۋە سۈپەتلىك. ئۇيغۇر ئۇستىلار قازان، داڭقان، تاۋا، ساپان، مەش، ھارۋا قازىنى، ھارۋازىخچا ۋە ھەر خىل قوڭغۇراق قاتارلىق تۇرمۇش ۋە دېھقانچىلىق، قاتناش ۋە باشقا ساھەلەردىكى سايمانلارنى قۇيۇپ چىقىرىدۇ.
قۇيمىچىلىقنىڭ ماتېرىيالى چۆيۇندىن ئىبارەت. قۇيمىچىلىق سايمانلىرى ئوچاق، كۆمۈر، كۆيەك، قىسقاچ، بولقا، بازغان، چويۇن ئېرىتىدىغان بوتا ۋە قۇمدىن ئىبارەت.
ئىشلەش ئۇسۇلى: ئۇيغۇر قۇيمىچىلىرى ئالدى بىلەن ماتېرىيال تاللايدۇ. چويۇنغا تۆمۈر، مىس، قەلەي قاتارلىق ھەر - قانداق غەيرىي مېتال ئارىلاشماسلىقى شەرت. تۆمۈر ئارىلىشىپلا قالسا قويۇلغان سايمان يېرىلىپ كېتىدۇ ياكى قويغۇچە تېرىلىپ كېتىدۇ. يەنە ئۇيغۇر ئۇستىلار رودىدىن ئېلىنغان پېتى ئىشلىتىلمىگەن چويۇننى خام چويۇن دەپ ھېسابلايدۇ. ئىشلىتىلگەن (سايمان ياسالغان) چويۇننى پىششىق چويۇن ھېسابلايدۇ. ئۇلار خام چويۇن ئالغاندا ئېرىتىشكە دىققەت قىلىدۇ. ئېرىتىشتە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەندە ئاندىن ئىشلىتىدۇ.
قۇيمىچىلىق كەسپى ئاساسەن ئېرىتىش، قۇيۇش، قېلىپ قىلىپ ياساشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئېرىتىش ياخشى بولسا قويۇش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. قېلىپ يېرىلمايدۇ. قۇيۇلغان ماتېرىيالنىڭ سۈپىتى، تەكشىلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
قېلىپ ياساش: قۇيمىچىلىق قېلىپى قۇمدىن ياسىلىدۇ، قۇيماقچى بولغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئىچ ۋە تاش قېلىپى بولىدۇ. مەسىلەن، قازان قۇيغاندا، قۇيماقچى بولغان قازان ئۆلچىمىدە گۈمبەز ياساپ ئىچ قېلىپىنى پۈتتۈرىدۇ، ئاندىن تاش قېلىپ ياسايدۇ. تاش قېلىپنىڭ چوققىسى داچەندەك تۆشۈك بولىدۇ، ئېرىتىلگەن چويۇن ئاشۇ تۆشۈكتىن قۇيۇلىدۇ. چويۇن قۇيۇلۇپ مىنۇت ئۆتمەي قاتىدۇ، بۇ چاغدا، قۇيۇش ئاغزىدا پەيدا بولغان ئەمچەكنى ئۈزۈپ چۈشۈرۈۋېتىپ قىزىق ۋاقت ىدا سىلغايتىدۇ. قازان قۇلىقى، داڭقان پۇتى بار جايلارغا قېلىپ ياسىغاندا پۇت، قۇلاق ئورنى قويۇپ قويىدۇ.
قۇيمىچىلىق كەسپىدە بۇزۇلغان چويۇن ماتېرىيالى قايتا ئېرىتىلىپ قۇيۇلىدۇ.
ئۇيغۇر قۇيمىچىلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ساپ چويۇن بولۇشى بىلەن قازان قۇسمايدۇ، ئاشقا ئىس كەتمەيدۇ، تاماق تەملىك بولىدۇ. دېھقانچىلىق ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنىڭمۇ سۈپىتى ياخشى ئۆزى چىداملىق بولىدۇ. بۇ خىل يەرلىك ئۇسۇلدىكى ئەنئەنىۋى قۇيمىچىلىق ھۈنەر - كەسىپ تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. (ش)