دوپپىچىلىق
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك ئۇيغۇر قىز - چوكانلىرىنىڭ ئون قولى ئون گۈل، ئۇلار يىڭنە بىلەن يىپنى قولغا ئالغاندا، ھەقىقەتەن ھەربىر قولىنىڭ كىرەشمىلىرىدىن خىلمۇ خىل گۈل ئۈنۈپ، دوپپا ئۈستىدە چېچەكلەپ ئېچىلىپ، كىشىلەرنىڭ زوق - شوقىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.
ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، رەڭگى خىلمۇخىل بولۇپ، گۈل نۇسخىلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ تولىمۇ ئازادە. ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئەر - ئايال، قېرى، ياش دېگەندەك پەرقلەرگە قاراپ نۇسخا، گۈل چەكمە ۋە رەڭلەردە ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. دوپپىلارنىڭ گۈل نۇسخىلىرىدا تەبىئەت گۈزەللىكى ئەكىس ئېتىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر بادام دوپپىسىنىڭ يۇمىلاقلىقى يەر شارى - شەھەر، قەلئەلەرگە تەقلىد قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭغا ئاق مەشۇتتىن چېكىلگەن بادام گۈلى ئايغا، كېزەك گۈللىرى يۇلتۇزلارغا تەقلىد قىلىنغان. يەنە چېكە دوپپىسىغا چېكىلگەن چىمەن گۈللەر تەبىئەت ھۆسنىگە تەقلىد قىلىنغان. ئۇنىڭدىكى ئاق، يېشىل، توغرا ـ ئۇزۇن سىزىقلار قىيپاش بەلگىلەر ۋەتەننىڭ تاغ، دەريا، گۈزەل ئورمان، گۈل - گىياھلىرىغا تەقلىد قىلىنغان. يەنە، بەزى دوپپىلارغا غازان بولۇۋاتقان گۈل - گىياھ زىمىستان شەكلى چۈشۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئالدىنقىسى شاد - خۇرام، باياشات تۇرمۇش سىمۋولى قىلىنسا، كېيىنكىسى، ئۆز تەقدىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئىزھار قىلغان، يەنى ئۇيغۇر دوپپىسىغا شادلىقمۇ، قايغۇمۇ مۇجەسسەملەشكەن.
دوپپىنىڭ ماتېرىيالى ھەر خىل رەڭدىكى دۇخاۋا، مەخمەل، تاۋار - دۇردۇن، ئەستەر ئۈچۈن شايى ئەتلەس ياكى ئاددىي يىپ رەخت، مەشۇت يىپ (يىگىرمە تۆتتىن ئوتتۇز ئىككى خىلغىچە)، ئاق خەسە، قەغەز، شىلىم، ناۋات، جىيەك، قېلىپ، پىلتىكۈچ، گۈل نۇسخا تامغىسى (ئويما) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
تىكىش ئۇسۇلى: رەخت تاللاش، نۇسخا تاللاش، يىپ تاللاش، تىكىش، ئەستەرلەپ سىزىق - سىزىق ئارىلىقىدىن پىلتىكۈچ بىلەن قەغەزدە پىلتە بېرىش، قوندۇرۇش، قېلىپقا سېلىش، ئىچىگە ناۋات شىرنىسى پۈركۈپ پات بېرىش.
ئۇيغۇر دوپپىچىلىقىدا، دوپپا تىكىش بىر ئىش، ئۇنى قوندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم ئىش. دوپپا ياخشى قوندۇرۇلمىسا ئىسكەتسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر دوپپىچىلىرى دوپپا قوندۇرۇشنى مۇھىم بىلىدۇ.
ئۇيغۇر دوپپىلىرى ھەممە كىشىگە ماس كېلىش ۋە يارىشىملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئالەمگە مەشھۇر. (ش)