UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىتاقىچىلىق

تاقىچىلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى تاقىچىلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئاتنى قولغا كۆندۈرۈش دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى <ئات يۈك كۆتۈرىدۇ، تاقا ئاتنى كۆتۈرىدۇ> دېگەن ماقال بۇنىڭ دەلىلى. بولۇپمۇ قاتناش - سودا ترانسىپورتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى تاقىچىلىق كەسپىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن تاقىچىلىق بىر خىل كەسىپكە ئايلىنىپ تۆمۈرچىلىكتىن ئايرىلىپ چىقتى. تاقىچىلىقنىڭ سايمىنى ئاساسەن، ئوچاق، كۆيەك، قىسقاچ، بولقا، بازغان، سەندەل، قەلەم، سۈنبە سومتىراچ، ئاتنىڭ تاقىسىنى شىلىدىغان ئۇستىرا، دار، ئارغامچا قاتارلىقلار. ئۇلار مۇشۇ سايمانلار بىلەن تاقا ياسايدۇ ۋە ئات - ئۇلاغ تاقىلايدۇ. ھايۋانات تۈرىگە، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە يولغا قاراپ تاقىنىڭ تۈرى بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئات، قېچىر، ئېشەك، بۇغا تاقىسى قاتارلىقلار. تاقا يەنە تاشلىق يول، توپىلىق يول، مۇز يولغا قاراپ ئايرىم سوقۇلىدۇ. تاشلىق يول (ئۇزۇن يول) تاقىسىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئۈچ يۈز گرام تۆمۈر ئىشلىتىپ قېلىن سوقۇلسا، توپىلىق يول ئۈچۈن ئىككى گرام تۆمۈر ئىشلىتىپ سىپتە سوقۇلىدۇ. مۇزلۇق يول تاقىسى مىخلىق بولىدۇ. ياسىلىشى: تۆمۈر ئۆلچەملىك كېسىلىپ، قىزىتىلىپ ئىككى بېشىغا زەي (مىخ ئورنى) تارتىلىپ، يەنە بىر تەرىپىگە ئۈچتىن تۆشۈك ئېچىپ قاتىنى ئېگىدۇ. تۆمۈرنى قىزىتىپ ئۇچىنى ئۇچلۇق قىلىپ سوزۇپ كېسىپ، قېلىپقا سېلىپ، بىر تەرىپىگە باش چىقىرىپ تاقا مىخى ياسايدۇ. تاقا قېقىش: ئۇچ تال ياغاچتىن ياسالغان دار ئىچىگە ئاتنى ئۇزۇنىغا تۇرغۇزۇپ، ئارقان باغلاپ قولتۇق ۋە تېقىم ئارىلىقىدىن دارغا باغلاپ، ئارقان ئۇچىنى دار قوزۇقىغا باغلاپ قوڭيىدۇ. ئاندىن تاقىلايدىغان پۇتنىڭ تۇياق ئۈستىدىن ئارقان بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، سوتىراچ بىلەن تۇياقنى ياساپ تاقىنى قويۇپ مىخلاپ، تۇۋاق چۆرىسىنى تاقا يۈزىگە جىپسىلاپ ياسايدۇ. ئۇيغۇر تاقىچىلىرى يالغۇزلا تاقا ياساش، تاقىلاش بىلەن بولماي، بەلكى ھايۋانات دوختۇرلۇقىنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، ئۇلاغلاردا بولىدىغان چاشقان يارىسى، ئالىقاراق، تۇياق يېرىلىش، يىرىڭداش، ھەر خىل سۇلۇق يېغىر، جۆجەي ۋە باشقا جاراھەتلەر، ئۆسمىلەرنى ئۇيغۇر تاقىچىلىرى يەرلىك ئۇسۇل، يەرلىك دورىلار بىلەن داۋالايدۇ ۋە ئوپېراتسىيە قىلىدۇ. تەجرىبىلىك تاقىچىلار ھايۋانلارنىڭ يۈرۈش، تىنىش ئەھۋالىغا قاراپ كېسەللىكى ۋە بولغۇسى كېسەللىكلىرىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئېشەكمۇ ئاتقا ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە قاتناش قورالى. شۇڭا تاقىچىلىقنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرى ئېشەك تاقىلاش بولۇپ، ئۇنىڭ جەريانلىرى ئاتنى تاقىلاشقا ئوخشىشىدۇ. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرى
تاقىچىلىق | UyghurWiki | UyghurWiki