باققاللىق
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
شىنجاڭ - مېۋە - چېۋە ماكانى بولۇپ، ئۇيغۇرلار مېۋە - چېۋە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى <باققال> دەپ ئاتايدۇ. باققاللىق كەسپى ھۆل مېۋىچىلىك، قۇرۇق مېۋىچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.
ھۆل مېۋە باققاللىرى، ئۆرۈك، شاپتۇل،م توغاچ، ئەنجۈر، ئالما، ئانار، ئامۇت، نەشپۈت، بېھى، ئالىگرات، ئالۇچا، ئەينۇلا، ئۈزۈم، ئۈجمە، گىلاس قاتارلىق كۆپ خىللىق مېۋە، قوغۇن تاۋۇز قاتارلىقلارنى ئېلىپ ساتىدۇ. بۇ خىل مېۋىلەر بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ 5 - ئاينىڭ 12 - ئايغىچە، بەزىلىرى يىل بويى سېتىلىدۇ.
باققاللار كۈندىلىك توپ سېتىۋېلىش ياكى باغ كۆتۈرە ئېلىشتەك ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن توپ ئېلىپ پارچە ساتىدۇ.
باققاللارنىڭ ھۆل مېۋە - چېۋىلەرنى سېتىشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھەر قانداق باققال ۋە مېۋە ساتقاندا، توۋلاپ خېرىدار چاقىرىپ مېۋىنى سۈپەتلەيدىغان ئىدىئوملۇق سۆزلەر بىلەن ساتىدۇ، شۇنداقلا مېۋە دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىلەرگە <پۇل ئالمايمەن، بىر تال يەپ باقسىلا> دەپ يېگۈزۈپ تەمىنى تېتىتىپ ساتىدۇ.
قۇرۇق مېۋە باققاللىرى قۇرۇتۇلغان مېۋىلەرنى توپ ئېلىپ پارچە ياكى توپ ساتىدۇ. بۇ مېۋىلەر قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم، گۈلە، جىگدە، ياڭاق، پىستە، بادام، قاق، چىلان، قارىئۆرۈك قاتارلىق خىلمۇ خىل بولۇپ، ئۇلار يەنە قوشۇمچە قەنت، ناۋات، پاتاسا، يەشمەكلەرنىمۇ ساتىدۇ.
قۇرۇق يېمىشچىلەر مېۋىنىڭ سۈپىتىگە ۋە تا زىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش باققاللارنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى، باققاللار كەڭ قورساق بولۇپ خېرىدارلار بىلەن بىھۇدە باھا تالاشمايدۇ. ھۆل مېۋە ساتىدىغان باققاللاردا جىڭلاپ سېتىش ئادىتى بولمىغان. بازار ئىقتىسادىي ئىگىلىكىگە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مېۋە سودىسىدا جىڭ ئىشلىتىشتەك ئۆلچەملىك سودا ئادىتى ئومۇملاشماقتا. (ش)