سەندەل
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
سەندەل - ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە ئاياغنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا ياكى بىر چېتىگە ئۈستى يۈزى يېرىم كۋادرات مېتر، ئېگىزلىكى يېرىم مېتر كېلىدىغان تۆت پۇتلۇق بىر شىرە قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىغا چويۇن، تۆمۈر ياكى مىستىن ياسالغان چوغدان (سەندەل) قويۇلىدۇ. چوغدانغا كۆيدۈرۈلۈپ ئىسى قالمىغان ئوتۇن كۆمۈرنىڭ ياكى ئىسسىز كۆمۈرنىڭ چوغى ئېلىنىدۇ. شىرە پاختىلىق كۆرپە ياكى يوتقان بىلەن پۈركەپ قويۇلىدۇ. پۇت - قولىنى ئىسسىتماقچى بولغان ئادەملەر پۇتىنى شىرە ئاستىغا تىقىپ ئولتۇرۇپ ئىسسىنىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا يارۇ بۇرادەرلەر يىغىلىپ سەندەل ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ ھەنسۆھبەتتە بولىدۇ، كىتابخانلىق قىلىشىدۇ. بەزىدە يەنە شىرە ئۈستىگە داستىخان سېلىپ چاي ئىچىشىدۇ. قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرى ئاياغ تەرەپنى سەندەلنىڭ ئاغزىغا قارىتىپ ئورۇن تەييارلاپ ئۇخلاشقىمۇ بولىدۇ. سەندەلنىڭ ئۈستىگە بوۋاق بالىلارنىڭ بۆشۈك كۆرپىلىرى يېيىلىپ، ئىسسىغاندا كۆرپىنى بۆشۈككە سېلىپ بوۋاقنى بۆلىسە، بالا تولىمۇ راھەت ھېس قىلىدۇ. سەندەلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ چوغدان قىسمى ئادەتتە چوڭقۇرراق بولۇپ، تۆت ئەتراپى يەر يۈزىدىن ئۈچ - تۆت سانتىمېتر ئېگىزرەك ياسىلىدۇ. (ر)