UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىھەيكەلتىراشلىق

ھەيكەلتىراشلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى ھەيكەلتىراشلىق ئۇيغۇرلاردا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە تازا تەرەققىي قىلغان. بۇنى كېرىيىدىكى فارا خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان Ⅴ ئەسىرگە ئائىت تاتخاگاتا بۇددا دىنىنىڭ ھەيكىلى، خوتەندىكى يوتقان خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان ساپال قۇش، تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان لاي قورچاق، رەڭلىك لاي ئات ھەيكىلى، ساماۋى خانغا تەقلىد قىلىنغان رەڭلىك ياغاچ ھەيكەل، قارا شەھەردىن قېزىۋېلىنغان ياغاچتىن ئويۇلغان ۋاجرا پالۋان ھەيكىلى، يەنە لايدىن ياسالغان ئەر كىشىنىڭ بېشى ۋە بۇدساتىۋا بېشى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇرلار Ⅹ ئەسىردە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھەيكەلتىراشلىق ھەر خىل دىنىي سەۋەب ۋە چەكلىمىلەر بىلەن قاتاردىن قېلىپ، نەققاشلىققا ئۆزگەرگەن. ھەيكەلتىراشلار ئۆز ماھارىتىنى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىگە قارىتىپ، تام - تۇرۇش، دېرىزە - ئىشىك گىرۋەكلىرىگە، مېھراپلارغا، مۇنار، گۈمبەزلەرگە ھەر خىل گەج ئويما نەقىشلەر بىلەن گۈل سىياقى، غۇنچە پورەكلىرى، مېۋە - چېۋىلەر، بۇغا - ماراللار، چالغۇ ئەسۋابلار، ئۆي بىساتلار، ھۆسن خەتلەرنى چۈشۈرۈش بىلەن نامايان قىلغان. دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن ھەيكەلتىراشلىق تارىخىدىن قارىغاندا ئۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ھەيكەلتىراشلىرى گەج، پولات چىۋىق، ماتا ي اكى پاخال ۋە تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ماتېرىيال قىلىدۇ، گەج ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ھەيكەلتىراشلار گەجنى بېلىق گەج، توم گەج دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. بېلىق گەج ئۇزۇنچاق بولۇپ چىداملىق بولىدۇ. توم گەج ئۇيۇل، يوغان بولىدۇ. ئۇيغۇر ھەيكەلتىراشلار بېلىق گەج ئىشلىتىدۇ. گەج تەييارلاش، بېلىق گەجنى ئۆزلىرى تونۇردا پىشۇرۇپ سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ مەلۇم مىقداردىكى گەجنى سۇغا سېلىپ دوغاپ تەييارلاپ قويۇپ قويىدۇ، بىر قانچە مىنۇتتا گەج لەڭپۇڭدەك قاتىدۇ، ئاندىن ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. ھەيكەلتىراشلىق ئەسۋابلىرى: گۈشتە گەردە (ئەنرىۋە شەكلىدە بولىدۇ)، بۇ رەندە گەردە (موزدۇز بۇ رەندىسىگە ئوخشاش)، نۇكەش گەردە، زىقچى گەردە، ئىسكىنە گەردە قاتارلىق پولات تىغلاردىن ئىبارەت. ھەيكەل ياساش ئۇسۇلى: ئادەم ياكى ھايۋانات ھەيكىلىنى ياسىماق بولسا، ئالدى بىلەن پولات چىۋىقتا ئۇنىڭ جازىسىنى قۇرىدۇ. جازىنى سىرلاپ ئۈستىگە ماتا ياكى پاخال يۆگەپ، ھەيكەلنىڭ ئەزا كۆرۈنۈشلىرىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئاندىن گەجنى ھۆل ۋاقتىدا ماتا ئۈستىگە سۈركەيدۇ. گەم مەلۇم قېلىنلىققا يەتكەندە كېرەكلىك سايمان بىلەن قىرىپ، ھەيكەلنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى پۈتتۈرىدۇ. چاپلىما ھەيكەللەر، مەسىلەن، تامغا چاپلىنىپ بىر يۈزى كۆرسىتىلىپ ياسىلىدىغان ئادەم بېشى ياكى پۈتۈن تۇرقى بولسۇن، بۇ خىلدىكى ھەيكەللەرگە قېلىپ ئىشلىتىدۇ. بىرنى ئەينەن ياساپ ئۇنىڭدىن قېلىپ ئېلىپ قالغانلارنى گەج بىلەن قۇيۇپ قۇرۇتۇۋالىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ھەيكەل پۈتكەندىن كېيىن تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ماتا بىلەن ھەيكەل ئۈستىگە سۇۋاپ پەرداز بېرىدۇ. بۇنىڭدا ھەيكەل پارقىراق، سىلىق بولۇش بىلەن بىرگە يېرىلمايدۇ، يامغۇر نەملىكنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت تۇپراق ئاستىدا تۇرسىمۇ ئەسلى ھالىتى ئۆزگەرمەيدۇ. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرى
ھەيكەلتىراشلىق | UyghurWiki | UyghurWiki