<سەكسەنخالتا>
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
<سەكسەنخالتا> دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر دورا، دەرمانچىلىقى، ئۇيغۇر خەلقىدە كەڭ ئومۇملاشقان كەسىپ بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇيغۇر مىللىي تىبابەتچىلىكى دورىخانىسىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دورىپۇرۇشلار ھەر خىل دورا - دەرمان سېتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، تومۇر تۇتۇپ ھەر خىل كېسەللەرگە دىئاگنوز قويىدۇ ۋە ئالدىن تەييارلاپ قويغان شىپالىق دورىلارنى بېرىدۇ. بەزى كېسەللەرگە تەييار دورا بولمىغاندا، ھەر خىل دورا ماتېرىياللىرىدىن نىسبىتى بويىچە تەڭشەپ ئۇنى تەييارلاش ۋە ئىستېمال قىلىش ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي ئۆگىتىپ قويىدۇ. مۇشۇنداق دورىپۇرۇشلۇق دۇكىنىدا سېتىلىدىغان دورا - دەرمانلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ھەر بىر خىل دورا ئايرىم خالتىغا قاچىلىنىپ تىزىپ قويۇلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى خەلق <سەكسەنخالتا> دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.
ئۇيغۇر دورا - دەرمانچىلىرىنىڭ خالتا نامى سەكسەن دېيىلگەن بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر قانچە يۈز ياكى قانچە مىڭغا يېتىدۇ.
ئەگەر ھەر قانداق دورا - دەرمانچىنىڭ ئالدىغا بارسىڭىز، ئۇنىڭ يايمىسىدىن ئاقمۇچ، قارىمۇچ، زىرە، ئارپىبەدىيان، پىننە، پىلپىل، قەلەمپۇر، قوۋزاقدارچىن، لاچىندانە، گۈلدارچىن، قاقىلە، كۆك لاچىندانە، قۇرۇتۇلغان يىلان، يىلان قاسىرىقى، موزا، كاۋاۋىچىن، سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە، پەرگە دارچىن، خولىنجان، ئاقچاچكار، چامغۇر، زەنجىۋىل، سىرە، سورۇنجان، بوز يېغى، جويۈز، ئىتئۈزۈمى، غۇنچە ئۈزۈم، سانا، ئەپيۇن غوزىكى، ئىسەپغۇل - قارا توغرىغا، قىزىلقۇلتۇق پاقا، كىلە - كەسلەنچۈك، زەمچە، نۆشۈدۈر، ئادراسمان ئۇرۇقى، رەۋەن، گۈڭگۈرت، قارىغاي يېلىمى، قارا ئەندىز، ئەقىل قارا، سەرستان، سىماب، سىر، كەپسىرىس، ئالماس، ھۆل - قۇرۇق بۇغا مۈڭگۈزى، بۆكەن مۈڭگۈزى، ئىپار، زەپەر، مېھرىگىياھ، زەيتۇن مېيى قاتارلىق نەچچە يۈز خىل دورا چىقىشتىن تاشقىرى، ھەر خىل سەي ئۇرۇقى، ماش، پۇرچاق، خىلمۇ خىل شىپالىق يوپۇرماق، پوتلا، خىلمۇ خىل چېچەك قاتارلىق شىپالىق دورىلارنى كۆرىسىز. ئۇيغۇرلار پەسىل خاراكتېرى ۋە مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان چاي دورىسىنى تاللاپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەچكە، دورىپۇرۇشلارنىڭ ئاساسلىق تىجارەت شەكلى چاي دورىسىنى تەييارلاشتىن ئىبارەت. (ش)