جۇۋازچىلىق
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ جۇۋازچىلىقى ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، شەكلى ئاددىي، تەننەرخى ئەرزان، مېيى سۈپەتلىك.
جۇۋازچىلىق سايمانلىرى: ئاددىيغىنا بىر ئېغىز ئۆي، گۇندا، باچكا، قايچا، ئوق، لەنگەر، بوڭ، چۈلۈك، پوتلا بويۇنتۇرۇق، ياغ ئېلىش قاچىسى، تېڭىق ئۈچۈن ئارقان، قايچا ياغاچ كۆتىكىگە ئىلىپ قويىدىغان تاش، ياغ ساقلاش ئۈچۈن تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان تېرە (تۇلۇم)، چاۋا (مايلىق كۈنجۈرە يۇڭ قېتىلمىسىدىن ياسالغان كوزا) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، جۇۋازنىڭ ئاساسىي سايمانلىرى ياغاچتىن ياسىلىدۇ.
جۇۋازنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى: بىر مېتردىن ئېگىز قۇچاق يەتمەيدىغان كۆتەك ئۆي ئوتتۇرىسىغا بېكىتىلىدۇ. كۆتەكنىڭ ئۈستى كەڭ، ئاستى تەرەپ تار قىلىنىپ ئويۇق ئويۇلۇپ ئاستىغا ئامۇت ياكى ئالما ياغىچىدىن ئاغزى كىچىك، قورسىقى يوغان (تۈكۈرۈك قاچىسى شەكلىدە) ئويۇلغان باچكا قويۇلىدۇ. كۆتەكنىڭ ئاستىنقى بىر تەرىپى ئويۇلغان بولۇپ، بۇ ياغ تۇڭى قويۇش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆتەك گۇندا دەپ ئاتىلىدۇ. ئاچا شەكلىدە ئۆسكەن قارىغاي ياغىچىدىن قايچا ياساپ گۇندىغا ئاچىنى تىرەپ قويىدۇ. ئاچىنىڭ كۆتىكى تەرەپنى ياپىلاق قىلىپ ئوتتۇرىسىغا بىر ئويۇق ئويۇپ، ئويۇققا قىلچاڭ دەپ ئاتايدىغان ياغاچنى تىك بېكىتىپ، ئۇنىڭ ئۇچىغا ئېچىلغان تۆشۈككە چۈلۈك ياغاچ ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ (ئۇنى پوتلا دەپ ئاتايدۇ). قىلچاڭ ئۇچىغا بۆك دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچ ئويمىنى يىپ ئارقان بىلەن تېڭىپ تۇرغۇزىدۇ. ئاندىن ئوق ياغاچنىڭ بىر ئۇچىنى گۇندىدىكى باچكىغا، يۇقىرىقى ئۇچىنى چوتلا ياغاچقا تېڭىپ قويۇلغان ياغاچ ئويما - بۆك ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تىك تۇرغان ئوق ياغاچ قايچا (ئاچا) ياغاچنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. گۈندىنى ئارىغا ئېلىپ تۇرغان قايچا ئاچىسىنىڭ تاشقى تەرىپىگە بويۇنتۇرۇق بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئات ياكى كالا قوشۇلىدۇ (جۇۋازغا كۆپرەك كالا قوشۇلىدۇ).
ماي چىقىرىش ئۇسۇلى: ماي چۈشىدىغان باچكا ئىچىگە مايلىق دان چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەيدەشتىن بۇرۇن قايچا ياغاچنىڭ كۆتەك تەرىپىگە تاش ئېلىپ قويىدۇ. تاش ئېغىرلىقى چوڭ تىك تۇرغان ئوق ياغاچ قىرىق بەش گرادۇسلۇق يانتۇلۇق ھاسىل قىلىدۇ. كالا ھەيدەلگەندە جۇۋازچى چىگىتنى ئوق ئاستىغا ئىتتىرىدۇ. ئوق تاشنىڭ ئېغىرلىق بېسىمى بىلەن چىگىتنى يانجىيدۇ. چىگىت كۈنجۈرىگە ئايلانغاندامايلىق دان سېلىنىدۇ. جۇۋاز ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ، ئوق ئاستىدا دان يانجىلىدۇ. دان يانجىلىپ بولغاندا، چىغ بېسىلىدۇ. چىغنىڭ يانجىلىش بېسىمى ئارقىلىق داندىن ماي تامىدۇ. دان ۋە چىغ يانجىلىپ بولغاندا گۇندا ئىچىدە بىر قاتماللىق پەيدا بولىدۇ، بۇنى جۇۋازچى بوشىتىۋېلىپ پارچىلاپ، ئايلانما ئوق ئاستىغا باسىدۇ. بۇ چاغدا دەسلەپ جۇۋازچى قولى مايلىشىدۇ. ماي پىشقاندا، قول قۇرۇقلىشىدۇ. جۇۋازچى بۇنىڭدىن ماينىڭ ئېلىنىپ بولغانلىقىنى بىلىپ جۇۋازنى توختىتىدۇ.
ماي ئېلىپ ساقلاش ئۇسۇلى: بىر جۇۋاز كۈنىگە بىر قېتىم ئۇلاغ ئالماشتۇرۇش بىلەن ئون - ئون ئىككى كىلوگرام ماي ئالىدۇ. پىشقان ماينى بەزىلەر ئوقنى چ ىقىرىۋېتىپ باچكىدىن سۈزۈۋالىدۇ. بەزىلەر گۇندا ئاستىدىكى ئويۇققا قويۇلغان ماي قاچىسىغا، باچكا ئاستىدىكى ماي چۈشۈش تۆشۈكىدىن چۈشۈرۈپ ئالىدۇ. جۇۋازدا ھەيدەلگەن ماي <پىششىق ماي> دېيىلىپ، ئاسانلىقچە بۇزۇلۇپ قالمايدۇ. جۇۋاز ھەم كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولغان ياغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ ھەم ھايۋانلارنى بورداش ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك يەم - خەشەك بولغان كۈنجۈرە تەييارلايدۇ.
جۇۋازغا قاتىدىغان چارپايلار كەچكىچە جۇۋاز ئوقىنى مەركەز قىلىپ، بۇ يولدا ئايلىنىۋېرىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئۇنىڭ كۆزىنى لاتا بىلەن باغلاپ قويىدۇ. (ش)