مىسكەرلىك
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، مىس، تۇچ، ئاليۇمىن، قوغۇشۇن، سىنىك قاتارلىق يۇمشاق جىسىم تىپىدىكى ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك مېتاللاردىن ئائىلە سايمانلىرى، گۈزەل - سەنئەت بۇيۇملىرى، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەپ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا داڭق چىقىرىپ كەلگەن.
مىسكەرلىك سايمانلىرى: بولقا - سەندەل، ئوچاق، كۆيەك، كۆمۈر، ئوت پۆدىگۈچ، چاسا بولقا، كەكە بولقا، بازغان، قىسماق قاچا، تۈز قاچا، سەركۇل، چاق (سىلغايتىش چاقى)، ھەر خىل ئېكەك، ئاق قۇم، (مىس ئاليۇمىن ئېرىتىدىغان سايمان) قاتارلىقلار.
ئىشلەيدىغان بۇيۇملىرى: ئاپتۇۋا، چىلاپچا، چۆگۈن، مانتا قازىنى، مىس قازان، مىس داش قازان، جۈنبۈل، لېگەن، كەپكۈر، چەينەك، مىس چىنە - پىيالە، جام قاتارلىق نەچچە خىل ئائىلە سەيمانلىرى، كولدۇرما، زەنجىر، ئات ئېگەرى، ھارۋا جابدۇقلىرى، ئىشىك - دەرۋازا زىننەت بۇيۇملىرى، چاچ ئاسقۇ، ئۈزۈك، بىلەزۈك، چازا، تاج، قاداق، سوقما، قۇيما ھەيكەل، باسما ھەرپلىرى، تامغا، داچەن پۇل ۋە باشقا قۇيما بۇيۇملار بولۇپ تۆت يۈز سەكسەن خىلدىن ئارتۇق بۇيۇم ئىشلەپ چىقىرىدۇ،
ئىشلەش ئۇسۇلى: مېتالنى خام، پىششىق دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. مىسكەرلىك ئەنئەنىسىدە ئېرىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ئېرىتىش مۇۋاپىق، ئۆلچەملىك بولمىسا، سوققاندا قاسىراق كۆپ چىقىپ كېتىپ قالىدۇ ياكى بولقا تەگكەندە يېرىلىپ، ئۇۋىلىپ كېتىدۇ.
مېتال ياخشى ئېرىگەندىن كېيىن ياسىماقچى بولغان سايماننىڭ ھەر بىر بۆلەكلىرىگە كېتىدىغان ماتېرىي النى پارچىلاپ ئايرىم سوقىدۇ. مەسىلەن، ئاپتۇۋا، چۆگۈنلەرنىڭ چەپچىكى، قورساق، جوغا، تۇتقا، كاناي، قاپقاق، تاج قاتارلىق بۆلەكلىرى ئۆلچەملىك ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپشەرلىنىپ بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئاندىن قىزىل بولسا قىزىل قۇم، ئاق بولسا ئاق قۇم سۈرۈپ پەرداز بېرىدۇ.
تۇچ سايمانلارغا بولسا قىزىل قۇمغا زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇپ سۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇچ سېرىق ۋە قىزىل رەڭ ئالىدۇ. ئاندىن كىگىز سۈرۈپ سىلغايتىدۇ. نەتىجىدە تۇچ ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ.
مىسكەرلىكتە، چاق ئېكەكتە ئۇۋالغان قىرىندىلارمۇ ئىسراپ قىلىنمايدۇ. ئۇنى يىغىپ، ئېرىتىپ يەنە ئىشلىتىدۇ. مىسكەرچىلىك قەشقەر شەھىرىدە ناھايىتى تەرەققىي تاپقان. (ش)