پىلىچىلىك
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۈجمە ئۆستۈرۈپ، پىلىچىلىك، يىپەكچىلىك، مەشۇتچىلىك ۋە يىپەك توقۇلمىچىلىقتىن ئىبارەت كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىچكى - تاشقى بازارنى تەمىن ئېتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پىلىچىلىك ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بىر يۈرۈش جەريانلاردىن ئۆتىدۇ.
ئۇرۇق ساقلاش: يىغىۋېلىنغان ئۇرۇق پاكىز داكا خالتىغا ئېلىنىپ، ئىسسىق ۋە نەملىكى مۆتىدىل بولغان جايدا، كېلەر يىلى 4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، يەنى ئۈجمە يوپۇرمىقى قۇلاق تارتقۇچە ساقلىنىدۇ. پىلە ئۇرۇقىنى ساقلىغان ئۆينىڭ ھاۋاسى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدا تەڭشەپ تۇرۇلىدۇ. 2 -، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە پىلە قۇرتى تىرىلىشقا باشلايدۇ. بەزى ئۇرۇقلار يېرىلىپ قۇرت چىقىشقا باشلايدۇ. بۇنى پىلىچىلار <خەۋەرچى قۇرت> دەپ ئاتايدۇ. 4 - ئاي كىرىش بىلەن ئۈجمە يوپۇرمىقى قۇلاق تارتىپ تەڭگىدەك بولىدۇ. دەل مۇشۇ چاغ پىلە قۇرتلىرىنىڭ ئاساسەن تىرىلىشكە باشلىغان مەزگىلى بولىدۇ. پىلىچلار ئۈجمىنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرىنى توغراپ چوڭ داسقا سېلىپ، ئۈستىگە پىلە ئۇرۇقىنى تەكشى سالىدۇ ۋە ئۇرۇقنىڭ ئۈستىنى يەنە غازاڭ بىلەن ياپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرىنچىدىن، پىلە ئۇرۇقىنىڭ يېرىلىپ قۇرت چىقىشتا تەلەپ قىلىدىغان قاراڭغۇلۇق ھەل قىلىنسا، ئىككىنچىدىن، چىققان قۇرتلارنى غازاڭ بىلەن (قۇرت تۇخۇمىدىن چىقىپ ئىككى - ئۈچ سائەت ئۆپچۆرىسىدە غازاڭ يېيىشكە كىرىشىدۇ) تەمىن ئېتىدۇ. تۇخۇمدىن چىققان قۇرتلار غازاڭ يېيىشكە كىرىشىپ تېزلا چوڭىيىشقا باشلاپ، چۈمۈلسىمان بولۇپ ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يېتىلىپ، ئۆرلەشكە باشلىغان قۇرتلارغا خوتەن قەغىزى قويۇپ بېرىدۇ. قۇرتلار قەغەز ئۈستىگە چىقىدۇ. بۇ چاغدا تۇيدۇرماي قەغەزدىكى قۇرتنى ئىككىنچى داستىكى ئۈجمە غازىڭى ئۈستىگە قويىدۇ. دېمەك، يېتىلگەن قۇرتلار شۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە قېتىم يۆتكىلىش ئارقىلىق بىرقانچە داسقا ئېلىنىدۇ. بۇ چاغدا بېرىلىدىغان غازاڭ قۇرتلارنىڭ چوڭىيىش دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ. كىچىكلىرىگە يۇمران ياكى توغرالغان غازاڭ، چوڭلىرىغا ئادەتتىكى غازاڭ بېرىلىدۇ. پىلە قۇرتى ئۇرۇقتىن چىقىپ تەڭشەلگەندىن كېيىن سۇجەك ياساپ (قەۋەتلىك پىلە بېقىش چەللىسى) ھەربىر قەۋىتىگە بورا سېلىپ داسلاردىكى يېتىلگەن قۇرتلار سۇجەككە يۆتكىلىدۇ. غازاڭ يەنىلا دەرىجىسىگە قاراپ بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار پىلە باقىدىغان ئۆينىڭ ۋە پىلە باققۇچىلارنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. خەلق ئارىسىدا پىلە بېقىشتا رىئايە قىلىدىغان مۇنداق تۈزۈملەر يولغا قويۇلغان:
① ئۇيغۇرلار پىلەخانىغا ناپاك كىشىلەر، ئاغرىغان ئاياللارنى كىرگۈزمەيدۇ. پىلەخانىدا ناشايان ئىش، ھەتتا تاماكا چېكىش، ئىس - تۈتەك تارقىلىشقا يول قويمايدۇ. ② چاڭ - توزانلىق يوپۇرماق ۋە قىغ، ئەخلەت ئالغان سېۋەتكە يوپۇرماقنى پىلىگە بەرمەيدۇ. ③ كېچە - كۈندۈز پىلە يېنىدىن ئايرىلماي پىلە قۇرتلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ۋە ھاۋا ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىدۇ. ④ پىلە باقىدىغان ئۆيگە مۇناسىۋەتسىز غەيرىي كىشىلەرنىڭ كىرىپ - چىقىشى مەنئى قىلىنىدۇ، ⑤ پىلەخانىغا پات - پات ئىسرىق سېلىنىدۇ.
پىلە قۇرتى يېتىلگەندە، ھەرىكەت دائىرىسى ئاشىدۇ. بۇ چاغدا پىلە قۇرتىغا قامغاق سېلىپ بېرىدۇ. قۇرتلار قامغاققا يامىشىپ يىپەك - غوزا يۆگەيدۇ. غوزا يۆگەپ بولغان قۇرت تېپىرلايدۇ ۋە غوزىنى تېشىپ چىقىپ ئۇرۇقلايدۇ، پىلىچىلار غوزىنى ئېلىپ قۇرۇتىدۇ. پىلە قۇرتىنى پاكىز خالتىغا دەرىجىسى بويىچە سېلىپ كېلەر يىلغا ساقلايدۇ. شۇنداق قىلىپ پىلە ئۇرۇقى يىپەككە ئايلانغۇچە بىر يۈرۈش مۇرەككەپ ئەمگەك جەريانلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. (ش)