كىگىزچىلىك
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدە كىگىزچىلىك ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر كىگىزچىلىكى تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، رەڭدارلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.
ئۇيغۇرلارنىڭ يۇڭىنىڭ ئەسلى رەڭگىنى ئاساس، گۈل بېشىنى قوشۇمچە قىلىپ خىلمۇ خىل كېگىز ئېتىدۇ. ئاق يۇڭدا جاينامازغا ۋە گۈللۈك چۇچىلىق ئاق كىگىز، قارا يۇڭدا قارا كىگىز ۋە ھەرخىل گۈللۈك كىگىز، ناماتمان، شىرداق قاتارلىقلارنى ياسايدۇ.
كىگىزنىڭ ماتېرىيالى: قوي يۇڭى، ئۆچكە يۇڭى، سۇ، كۈنجۈرە ۋە ھەرخىل بوياقلاردىن ئىبارەت.
سايمانلىرى: چىغ، ساۋاق، يۇڭ ئاتىدىغان دۇكان، سالغۇ، پالاس، ئارقان، سۈپۈرگە، كاسپىنىڭ بىلەك ۋە پۇت كۈچى.
كىگىز ئېتىش ئۇسۇلى: يۇڭ رەڭگى بويىچە تاللىنىدۇ. تاللانغان يۇڭ يۇيۇپ قۇرۇتۇلىدۇ. قۇرۇغان يۇڭنى ساۋاق بىلەن ساۋاپ يېتىلدۈرۈپ يۇڭ ئاتىدىغان دۇكان بىلەن ئاتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تەييارلانغان چىغنى يەرگە يېيىپ چىغ ئۈستىگە ئېتىلغان يۇڭنى سالغۇ بىلەن تەكشى سېلىپ، ئۈستىگە كۈنجۈرە چىلانغان ئىسسىق سۇ سېپىدۇ، چۆرىسىگە چۇچا قويىدۇ. ئۈستىگە ئىككىنچى قەۋەت يۇڭنى سالغاندىن كېيىن، يۇڭنى چىغ ئارىسىغا ئېلىپ تۈتەكلەپ يۆگەيدۇ. ئۈستىدىن پالاس يۆگەپ ئاغامچا بىلەن تېڭىپ ئىككى كىشى پۇتى بىلەن تەكشى تېپىپ يۇمىلىتىدۇ. يۇڭ كىرىشكەندىن كېيىن يۇڭنى تەتۈر ئۆرۈپ، تېڭىپ يەنە دۇمىلىتىدۇ. بۇنداق دۇمىلىتىش ئۈچ - تۆت قېتىم تەكرارلانغاندا يۇڭ پىشىدۇ. ئاندىن، ئىككى كىشى بىلىكى بىلەن دۇمىلىتىپ سىلغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ. كىگىز تەييار بولغاندا يېشىپ قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، سۈپۈرۈپ ياۋا قىللارنى تازىلاپ، كىگىزنىڭ يۈزىنى تەكشىلەيدۇ.
گۈل بېسىش: گۈل ئۈچۈن قايسى رەڭ لازىم بولسا، شۇ رەڭدە بويالغان يۇڭنى كىگىز قىلىپ پىشۇرۇۋالىدۇ. لازىم بولغان نۇسخىنى ئويۇپ، كىگىز يۇڭى سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن نۇسخا ئورنىغا قويۇپ كىگىز بىلەن بىرلىكتە پىشۇرىدۇ.
شىرداق كىگىزنى ئالدى بىلەن پىشۇرۇۋالىدۇ. قويۇلىدىغان گۈل نۇسخىلىرى تەييار بولغاندىن كېيىن كىگىز ئۈستىگە تىزىپ، قول بىلەن تەكشى تىكىلىدۇ. شىرداق ئادەتتىكى كىگىزلەرگە قارىغاندا ھەم قېلىن، ھەم چىداملىق بولىدۇ. (ش)