UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىقاسساپلىق

قاسساپلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ - ئادىتى بويىچە گۆش ھالال دەپ قارالغان قوي، ئۆچكە، كالا، قوتاز، تۆگە، ئات قاتارلىق كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلارنى، شۇنداقلا ئارقار، كېيىك، بۇغا - مارال قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسى بويىچە سويۇپ گۆشىنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن. مۇشۇنداق ماللارنى سويۇپ سېتىشنى كەسىپ قىلغۇچىلار <قاسساپ> دەپ ئاتالغان. خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەردە، قاسساپلارنىڭ پىرى جەئغەرى سادىق دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ نامىدا تارقالغان قاسساپلىق رىسالىسىدە: قاسساپلارنىڭ پاكىز، پاك، راستچىل بولۇشى، ھەپتىدە بىر قېتىم رىسالە نىزاملىرىنى ئوقۇپ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشى، مال سويغاندا تىغنى بىلەپ ئىتتىك تۇتۇشى، مالنىڭ ئايىغىنى باغلاپ، بېشىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ، دۇئا - تەكبىر بىلە پىچاق سۈرۈشى، مالنىڭ قېنى چىقىپ بولغۇچە كۈتۈشى، پايدىنىڭ ئوندىن بىرىنى خەير ساخاۋەت قىلىشى، ېغىر - بېسىقلىق بىلەن شاگرىت تەربىيىلىشى، گۆشنى كانارىغا ئېسىپ قائىدە بويىچە، ئۆز تەرتىپى بىلەن پارچىلىشى ۋە ھارام دېيىلگەن بەزلىرىنى ئېلىپ تاشلىشى، بوغۇزلانمىغان، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مال گۆشىنى يېمەسلىكى ۋە ساتماسلىقى، قان، يىرىڭ، يۇلۇن، ئۆت ۋە ئۆت قېپى، يۈرەكنىڭ ئىككى قۇلىقى، بەز، مېڭە قېپى، كۆز قارىسى، مالنىڭ جىنسىي ئەزالىرى قاتارلىقلارنى كېسىپ تاشلىۋېتىش ...قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. ئۇيغۇر قاسساپلىرى بۇ نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بوغاز مال ۋە ھەرخىل كېسەل ماللارنى سويمايدۇ. مال سويغاندا مالنىڭ ئىككى قول ۋە سول پۇتى (ئۈچ ئايىغى) نى باغلاپ، بېشىنى قىبلىگە قىلىپ سول يانچە ياتقۇزۇپ تەكبىر بىلەن پىچاق ئۇرىدۇ. قېنى چىقىپ بولغاندا، ئوڭ پۇتىنىڭ تىزى ئۈستىدىن تېرىدىن تۆشۈك ئېچىپ پۈۋدەپ، مالنىڭ تېرىسىنى قورسىقىدىن كانىيىغا ئۇدۇللاپ يېرىپ، تېرىنى ئىككى تەرەپكە قايرىپ ئاجرىتىدۇ. ئاندىن مالنىڭ بېشىنى ۋە ئىككى قول پاقالچىقىنى كېسىۋېتىپ، ئارقا پۇتىدىن بېشىنى تۆۋەن قىلىپ كانارىغا ئېسىپ تېرىسىنى ئاجراتقاندىن كېيىن مالنىڭ قارنىنى يارىدۇ. قىزىلئۆڭگەچنى چىگىپ قويۇپ ئاچچىق ئۈچەينى ئۈزمەي سىيرىۋالىدۇ، ئاندىن پىچاق تەگكۈزمەي قېرىن ۋە ئۆپكە - زاسۈيلىرىنى ئالىدۇ. ئۆپكىگە تۇتاش چىققان يۈرەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا پىچاق ئۇرۇپ يۈرەك قېنىنى چىقىرىۋېتىدۇ. ئاخىرىدا مالنىڭ قارنىدىكى شۇللۇق ئەت، سېرىق سۇ ۋە گۆشكە چاپلاشقان قىللارنى تازىلاپ قائىدە بويىچە پارچىلايدۇ ياكى پەشلەيدۇ. قوينىڭ قۇيرۇق مېيىنى پۈتۈن كېسىۋالىدۇ. ئىچ مېيىنى بۆرەك بىلەن قوشۇپ تەككى شەكلىدە يۆگەپ قويىدۇ. ئۇيغۇر قاسساپلىرىنىڭ مال سويۇشقا ئېپى بار ۋە قولى چاققان بولۇپ، ئۇستا قاسساپلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون - ئون بەش مىنۇتقىچە بىر قوينى سويۇپ بولالايدۇ. ئۇيغۇر قاسساپلىرىنىڭ مال سويۇش ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇلار ھەربىر مالنىڭ چوڭ - كىچىك ئۇستىخان قۇرۇلمىسى، بېغىش ۋە ئومۇرتقىلىرى بىلەن بەش قولدەك تونۇش. شۇڭا ئۇلار مالنىڭ ئۈستىخان، ئۈگىلىرىنى سۇندۇرماي، ئەپچىللىك بىلەن ئاجرىتىۋېتەلەيدۇ. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرى
قاسساپلىق | UyghurWiki | UyghurWiki