سوپۇنچىلىق
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سوپۇنچىلىق كەسپى كەڭ تارقالغان ھەم تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇ ئەنئەنىۋى سودا تاۋارلىرىدىن بىرى.
ئۇيغۇر سوپۇنىنىڭ خام ئەشياسى ئاساسەن چىگىردەك چىقمايدىغان كالا، ئۆچكە يېغىدىن ئىبارەت. ھۈنەرۋەنلەر كەسپىنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن غەيرىي مايلارنى ئىشلەتمەيدۇ. سوپۇننىڭ خۇرۇچى شاخار (كۆيۈك دېگەن ياۋا ئوتنى كۆيدۈرۈپ تەييارلىغان داشقال) ۋە ھاكتىن ئىبارەت.
سوپۇنچىلىق سايمانلىرى: قازان، چۆمۈچ ۋە قېلىپ.
ياساش ئۇسۇلى: قازان ئۈستىگە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدىش قويۇپ ئەتراپىنى لاي بىلەن چاپلايدۇ. يۈز جىڭ مايدا سوپۇن ياساش ئۈچۈن ئەللىك جىڭ شاخار، تۆت جىڭ ھاك تەييارلايدۇ. ماينى قازانغا سېلىپ ئوت يېقىپ ئېرىتكەندىن كېيىن، تەييارلانغان شاخار بىلەن ھاكنى سوقۇپ بىر قىسمىنى ئېرىگەن ماي ئۈستىگە سالىدۇ ۋە مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىدۇ. شاخار ماينى تېخىمۇ ئېرىتىپ ماي مولېكۇلىلىرىنى پارچىلايدۇ. ھاك شاخارنى ئېرىتىش، ماينى ئاقارتىش ھەم ماي دانىچىلىرىنى يىغىش رولىنى ئوينايدۇ. شاخار ئېرىپ قازان ئىچى بىرخىل پاتقاققا ئايلىنىدۇ. قازاندىكى دۇغلار، ماي بەزلىرى ئاستىغا ئولتۇرۇپ، ماي لەيلەيدۇ. بۇ چاغدا ماينى سۈزۈۋېلىپ، قازاندىكى غەلدە - غەشتىلەرنى تازىلاپ، شاخار، ھاك سۈيىنى يەڭگۈشلەپ، ماينى سېلىپ يەنە قاينىتىدۇ. مۇشۇنداق توققۇز قېتىم داۋام قىلغاندا، ماي قول بىلەن يىمىرىلگەندە، قولغا چاپلاشمايدىغان بولىدۇ. بۇ ماينىڭ پىشقان، يەنى ئۆزىدىكى بارلىق رېئاكسىيىلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىغان ۋاقتى بولىدۇ. شۇ چاغدا قازاننى تازىلاپ، سۈزۈك سۇ قۇيۇپ يەنە بىر قېتىم قاينىتىپ، شاخار دۇغلىرىنى تازىلايدۇ. مۇبادا شاخار چايقاپ چىقىرىلمىسا، سوپۇن ئىشلىتىلگەندە رېئاكسىيە بېرىدۇ. ماي تازىلانغاندىن كېيىن قايتا ئېرىتىپ چۆمۈچ بىلەن ئۆلچەملىك قېلىپقا قۇيىدۇ. قاتقاندا ئالىدۇ.
ئۇيغۇرلار قولدا ياسىغان بۇنداق سوپۇننى ئەزەلدىن خاسىيەتلىك ۋە شىپالىق دەپ بىلىدۇ.
ئۇيغۇر سوپۇنىنىڭ كىر يۇيۇشتىكى ئالاھىدىلىكتىن باشقا، يەنە دورىلىق خۇسۇسىيەتلىرىمۇ بار. ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن تەمرەتكە، داغ، بەدەن قېتىشىپ قاسىراق باغلاش، پۇت - قول يېرىلىش، ھەمەل قىلىش - ئىچكى ئەزالارنى يۇيۇش قاتارلىق كېسەللەرگە بۇ سوپۇننى دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، قانچە كىر يۇيسىڭىزمۇ قول يېرىلمايدۇ، ئەكىس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى يۈز، قول، بەدەننى يۇمران قىلىدۇ، تېرىنى پارقىرىتىدۇ. كىرنى ئاقارتىش نىسبىتى توقسان سەككىز پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدۇ. مېيىتنى يۇيۇشقا ھەم بوۋاقنى تۇنجى قېتىم سۇغا سالغاندا مۇشۇ خىل يەرلىك سوپۇن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بىر خىل ئېتىقاد ۋە ئادەت تۈسىدە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. (ش)