UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىسىرچىلىق

سىرچىلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان بۇددا دىنىنىڭ بىر مۇنچە ئىزلىرىدىن قارىغاندا، مەسىلەن، بايدىكى قىزىل غارلىرى، كۇچادىكى قۇمتورا، سىم - سىم، قىز قالغان (قىزقاغا)، مازار باغ غارلىرى، قارا شەھەر شىكشىن مىڭئۆي ۋە غارلىرى، تۇرپاندىكى بېزەكلىك، سىڭگىم ئېغىزىدىكى ئىبادەتخانا، تۇيۇق غارلىرى، دۇنخۇاڭ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق جايلاردىكى رەڭلىك ھەيكەل (بۇت)، ھەر خىل رەڭلىك سۈرەتلەر، سىرلانغان تام تورۇس، تۈۋرۈك، لىملار ۋە باشقىلاردىن قارىغاندا ئۇيغۇر سىرچىلىق تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن ۋە ئۆز زامانىسىدا كامالەتكە يەتكەن. تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان ساماۋىي خانغا تەقلىد قىلىنغان رەڭلىك ياغاچ قورچاق بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى ۋە ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ بىباھا سەنئىتى. ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ھەر خىل كاھىشلار، ئويمىلار، ياغاچ تۈۋرۈكلەر، رېشاتكىلار، ۋاسا جۈپ، لىم جەگە، ھاراق پەرمانلىرىغا ئويۇلغان نەقىشلەر، مېۋە - چېۋە شەكلى چۈشۈرۈلگەن قاپارتما ئويمىلارنىڭ ھەممىسى ۋە باشقا ئۆي جاھازلىرى ئۇيغۇر سىرچىلىرىنىڭ كارامىتى بىلەن گۈزەل تۈس ئالغان. سىز ھەر قايسى مەسچىت، مەدرىس، مازار، قەدىمكى ئىمارەتلەر ۋە ئائىلە بىنالىرىنىڭ تام - تۇرۇس، لىم - جەگەلىرىگە قارىسىڭىز، سىر بىلەن بېزەلگەن بېزەكلەرنى كۆرىسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر سىرچىلىقىنىڭ كارامىتى. ئۇيغۇرلار سىرنى ئۆزلىرى ياسايدۇ. ئۇنىڭ خام ماتېرىيالى - سىر تېشى، بۇ خىل تاش قاراڭغۇ تاغ ئېتىكىدىكى لاداق سايلىرىدا بولۇپ، ئاتچىلار ھەر قېتىم چەت ئەلدىن قايتقاندا ئالغاچ كېلىپ ساتىدۇ، يەنە زىغىر مېيى، گۈڭگۈرت، باش پىياز، داشاڭ ۋە ھەر خىل رەڭلەر. زۆرۈر تېپىلغاندا، چەتنىڭ تاش رەڭ دېگەن ماتېرىيالنى ئىشلىتىدۇ. سىر ئىشلەش ئۇسۇلى: سىر تېشىنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ زىغىر مېيى، گۈڭگۈرت، باش پىياز، داشاڭلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پەس ئوتتا ئۇزۇن قاينىتىپ خۇرۇچ تەييارلايدۇ. ئاندىن قايسى خىل سىر لازىم بولسا، تەييارلانغان خۇرۇچقا شۇ خىلدىكى رەڭنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسايدۇ. سىر بىلەن سىرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېڭى تۈرلەر (رەڭلەر) پەيدا قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى بولغان گىل (تاغدىن قېزىلىدىغان جىگەرەڭ سېغىز تاش) دىن قىزىل، ئات باغرى رەڭلەر ياسايدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى سىرچىلىق ئوتتۇزىنچى يىللارغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ ئۇيغۇر يېڭى زامان سەنئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇيغۇر سىرچىلىقى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، سىر تەييارلاش ئۇسۇلىدىن تارتىپ، سىرلاش، نەقىش ۋە كاھىشلارنى ئويۇشقىچە بولغان بارلىق جەريانلار يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ئالتۇن ھەل تەييارلاش ۋە ھەل بېرىش سەنئىتىمۇ ئۇيغۇر سىرچىلىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرى
سىرچىلىق | UyghurWiki | UyghurWiki