UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىسەرگەزچىلىك ۋە گۈل بېسىش

سەرگەزچىلىك ۋە گۈل بېسىش

ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى ئۇيغۇرلار گۈزەل سەنئەت ئويمىچىلىقى، بىناكارلىقتىلا بولۇپ قالماستىن، رەختلەرگە ھەرخىل گۈل بېسىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. سەرگەز، ھەمزەك، زەدىۋاللار بۇنىڭ دەلىلى. سەرگەزنىڭ رەختى ئاق ماتا بولۇپ، گۈلى ياغاچ ئويما نەقىشلىرىنىڭ نۇسخىسى شاخچا گۈل، چارچە گۈلدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسىي خۇرۇچى يەرلىك ئۇسۇلدا تەييارلىنىدىغان كاتاپ قارا بولۇپ، ئۇ مۇنداق تەييارلىنىدۇ: ئوتتۇز جىڭ سۇغا بىر جىڭ ئۇن سېلىپ قاينىتىلىدۇ. تۆمۈر دېتى، داشقال، سوققان يېلىمنى خالتىغا سېلىپ ئۇنىڭغا قوشىدۇ. ئۇ، يازدا سەككىز - ئون كۈن، كۈزدە ئون - يىگىرمە كۈن تۇرغاندا جىگەر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭغا زەمچىنى ئېرىتىپ قاينىتىلغان تۇخۇمەكنى قوشقاندىن كېيىن داسقا ئېلىپ، ئۈستىگە دۇغ ئۆتمەسلىك ئۈچۈن كىگىز، ماتا قويۇپ نەم ئۈستىگە چىققاندا رەڭ چوتكىسى بىلەن ئۆرۈپ قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مازغاپلىشىدۇ. ئەنە شۇ مازغاپلىق بىرىكمە <كاتاپ قارا> دېيىلىدۇ. كاتاپ قارا بىلەن گۈل بېسىشتىن بۇرۇن ئاق ماتانى شاخار سۈيى بىلەن قاينىتىۋالغاندىن كېيىن بۆرەك شەكىلدە ياسالغان كۆتەكنىڭ ئۈستىگە قويۇپ <دوككاڭ - دوك> (ياغاچ بولقا) بىلەن سوقۇپ ئۇنى يۇمشىتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، تەخمىنەن ئون ماتاغا يۈز گرام ھېلىيلىنى ئېرىتىپ سۈيىگە ماتانى چىلاپ ھېلىيلە سۈيىنى ماتاغا سىڭدۈرىدۇ. ماتانى قۇرۇتۇپ، گۈل بېسىش تاختىسىغا يايىدۇ. تەييارلانغان كاتاق قارىغا قېلىپنى تەگكۈزۈپ ماتا ئۈستىگە باسىدۇ. كاتاپ قارىغا قايسى رەڭنى سالسا، سەرگەز رەڭگى شۇ رەڭدە بولىدۇ. سەرگەزنى يەنە سۈزۈك سۇدا چايقاپ دۇغلارنى چىقىرىپ يەنە سوقىدۇ، سەرگەز يۇمشاپ ئەسلىگە كېلىدۇ. بىر قانچە قېتىملىق سۇدا چايقالغان بۇ سەرگەزنىڭ رەڭگى نەچچە ئەسىر تۇرسىمۇ توزۇمايدۇ. ھەمزەك - ئۇنىڭ رەختى ئاق ماتا، ماتا شاخار سۈيى بىلەن قاينىتىپ يۇمشىتىلىدۇ. ئاندىن ئۆلچەملىك ھاك، سوپۇن، يېلىمنى بىرلەشتۈرۈپ ئېرىتىپ تەشتەككە سېلىنىدۇ. ھەمىزەك قېلىپى تۆمۈر تۇنىكىدىن ياسالغان بولۇپ، گۈل ئورنى ئويۇق بولىدۇ. تەشتەككە تەييارلانغان ھاك، سوپۇن ئېرىتمىسىنى چوتكا بىلەن سۈرگەندە، ماتادا ئاق ئىزى قالىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەمزىكى مىڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ ئىچكى ئۆلكىلەرگە تارقالغان بولۇپ، بۇ خىل ھەمىزەك ئىچكىرىدە ھازىرغىچە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىدىكى زەدىۋالمۇ ئەسلىدە ئاق رەخت بولۇپ، ئاپتۇۋا - چىلاپچا نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن تۆمۈر قېلىپ بىلەن ھەمزەك ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ئىشلەيدۇ. ھەمزەك ئۇيغۇر ئائىلىسىدە يوتقانغا ئىشلىتىلسە، زەدىۋال ھەربىر ئۆينىڭ تېمىغا تارتىلىدۇ. جايناماز، مەرەپ ياپقۇلارنىڭ گۈل نۇسخىسى قۇببە. مېھراب شەكىلدە بولۇپ مەسچىت دەرۋازىسى ياكى مېھرابلىرىنى ئەسلىتىدۇ. بەزى ئۇستىلار بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ شەكلىنى چۈشۈرىدۇ. بۇلارنىڭ خام ئەشياسى يەنىلا ئاق ماتا بولۇپ، ماتانى شاخار سۈيىدە قاينىتىپ، سوقۇپ يۇمشىتىپ، داۋا، يۇلغۇن چېچىكى، ئانار پوستىنى زاك بىلەن قاينىتىپ كاتاپقا ئارىلاشتۇرۇپ گۈل باسىدۇ. گۈلدىن چىققان جايناماز، مېھراب ياپقۇلارنى سۈزۈك سۇدا يۇيۇپ دۇغلارنى چىقىرىپ قايتا سوقۇپ ماتانى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دوپپا، ياغلىق، كەشتىلەرگە گۈل ئىزىنى چىقىرىش ئۇيغۇر گۈل بېسىش سەنئىتىدە ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرى