UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىتازىلىق ۋە ساغلاملىق ئادەتلىرى

تازىلىق ۋە ساغلاملىق ئادەتلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرى خوتۇن - قىزلارنىڭ سەھەردىكى ئەنئەنىۋى تازىلىق ئادەتلىرى: تازلىق - ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزۈكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى بىلىش دەرىجىسىنىڭ ئىپادىسى، مەنىۋى گۈزەللىكنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى، ساغلاملىق ۋە روھلۇق بولۇشنىڭ كاپالىتى. تازلىق - ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ ئامىللارنىڭ بىرى. «ساغلام تەندە - ساغلام ئەقىل» دېگەن ماقال ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن باشلاپ تازىلىققا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مىللىي پىسخىكىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئەنئەنىۋى ئىش تەقسىماتى نەتىجىسىدە خوتۇن - قىزلار بالا بېقىش، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ئائىلە تازىلىقى ۋە مۇھىت تازلىقى قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسىدە تازلىق مەركىزىي نۇقتا قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۈندىلىك ئائىلە ئىشلىرىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى سەھەردىن ئاممىۋى تازىلىق پائالىيىتىدىن باشلايدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «بۇ ئايالنىڭ قېشىغا قاراڭ، قاچىسىنىڭ تېشىغا قاراڭ»، «ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھۇرۇن خوتۇن ئۇخلاپ تۇرۇپ كۇلۇڭ كولايدۇ» دېگەن تەمسىلنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ سەۋەبسىز ئەمەس. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا تازلىقنى ئاياللارنى باھالايدىغان ئاساسىي ئۆلچەم قىلغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئەرنىڭ ياقىسىنىڭ كىر ياكى پاكىزلىقىغا قاراپ، ئايالنىڭ قانداق تەبىئەتلىك كىشى ئىكەنلكىنى مۆلچەرلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئانا بولغۇچى قىزىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئائىلە ئىشلىرىغا بولۇپمۇ تازىلىق قىلىشقا ئۆگىتىدۇ. ھەمىشە ئۆز پەرزەتلىرىگە «سەھەر تۇرۇپ تازلىق قىلساڭ ساۋاب بولىدۇ، ھويلا - ئارام ۋە يوللارنى سۈپۈرسەڭ بەختىڭ ئېچىلىدۇ» دەپ تەربىيە نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا - قىشلاق، شەھەر - بازارلاردا ھەر كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن تەڭلا ھەممىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئايال - قىزلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز - كۆزىنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى ئۆيئىچى، ھويلا - ئاراملىرىنى ۋە ئۆي ئەتراپىدىكى چوڭ - كىچىك كوچىلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ سۇ سېپىدۇ، تەتخانىلارنى پاكىز تازىلايدۇ، ھويلا - ئارامدىكى گۈللۈكلەرگە ۋە گۈل تەشتەكلىرىگە سۇ قۇيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىلەر ۋە يۇرت - مەھەللىلەر ئادەمگە بىر خىل جۇشقۇن كەيپىيات بېغىشلايدۇ. بىر كۈنلۈك ھاياتىنىڭ مۇقەددىمىسى ئەنە شۇنداق پاكىز مۇھىت ۋە ساپ ھاۋا بىلەن ئېچىلىدۇ. شەھەرلەردىكى ھازىرقى زامان قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىمۇ ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى تازلىق ئادىتى بويىچە ئۆزى ئولتۇرغان قەۋەتلىك بىنانىڭ پەلەمپەيلىرىدىن تارتىپ شۇ قەۋەتنىڭ ئالدى ھەتتا كەينىگىچە پاكىز سۈپۈرۈپ تازىلايدۇ. ئاممىۋى دېرىزىلەرنى پىداكارلىق بىلەن سۈرتىدۇ. بۇنداق ئادەت بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلانغاچقا، بۇ خىزمەتكە ھېچقانداق ئائىلە مەجبۇرلانمايدۇ. بەلكى قوشنىلار ئارا ئىختىيارىي ۋە تەبىئىي ھالدا ھەممىدىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاممىۋى تازلىق قىلىشنى شەرەت ھېس قىلىشدۇ. بۇنداق تازلىق قىلىشنى شەرەپ ھېس قىلىشىدۇ. بۇنداق تازلىق ئادىتى قانداقتۇر بىر كوللېكتىپ ياكى مەلۇم تەشكىل ئورۇنلارشتۇرغان مەجبۇرىي پائالىيەت بولماستىن، بەلكى ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىش نەتىجىسىدە پسىخىك ئەنئەنىگە ئايلانغان مەنىۋى كەلگەن ئائىلە ۋە مۇھىت گۈزەللىكى ھەر كۈنى سەھەردە قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ھاياتلىققا مۇھەببەت ئويغىتىدۇ، ئۆزئارا ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، كوللېكتىۋىزىملىق روھىنى مۇستاھكەملەيدۇ. شۇنداق قىلىپ سەھەردە باشلىنىدىغان ئاممىۋى تازىلىق ئارقىلىق بەرىكەت ۋە نۇسرەتكە يول ئاچىدۇ، ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشنى تىلەيدۇ، كېسەللىكنىڭ مەنبەسىنى يوقىتىشقا تىرىشىدۇ. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرى