سۇمبۇل چاچلىق قىزلار
ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرى
سۇمبۇل چاچ - ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەللىك سىمۋولىدۇر. دەرۋەقە، ئۇيغۇرقىزلىرى قەدىمدىن باشلاپ ئۇزۇن چاچ قويۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ،چاچ قويۇشتا بىر يۈرۈش ئادەتلەر شەكىللەنگەن.
ئۇيغۇرلاردا ياتلىق بولمىغان قىزلارنىڭ چېچى ئون بەش، ئون يەتتە، يىگىرمە بىر ھەتتا قىرىق بىر تال قىلىپ تاق ئۆرۈلىدۇ، ھەرگىز جۈپ ئۆرىمەيدۇ. ھەمدە بۇنداق توي قىلمىغان قىزنىڭ پېشانىسىدە كوكۇل چېچى بولىدۇ. ئۇنىڭ پاتتاڭ (شىللا) قىسمىدىكى سۇمبۇل چاچنىڭ ئاستى قىسمى ئۈستىرا بىلەن چۈشۈرۈپ تۇرۇلىدۇ. قىزنىڭ تويى بولىدىغان كۈنى ئۇنىڭ شىللا قىسمى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چۈشۈرۈلىدۇ.
توي قىلىپ ئەتىسى ياكى بىر قانچە كۈندىن كېيىن ياتلىق قىلىنغان بۇ قىزنىڭ كوكۇل چېچى ئىككى تەرىپىگە قايرىلىدۇ. ئۇزۇن سومبۇل چېچى قويۇلىدۇ. چاچنى چۈپ ئۆرۈش ياتلىق بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. چاچنى بەدىلىگە «چاچ قوشاق تويى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ياتلىق قىلىنغان ئايال بالىلىق بولغاندا، بالچۇق چاچ (كىچىك ئۆرۈمە چاچ) قويۇلىدۇ. ياڭاق چاچمۇ بولىدۇ.
ئېرىدىن ئايرىلغان ياش ئاياللار جۇۋان دېيىلىپ، ئۇلار ياڭاق چاچ قويۇش بىلەن بىرگە چېچىنى بەش يەتتە توققۇز ... تال قىلىپ تاق ئۆزۈۋالىدۇ. بۇ تۇللۇق بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
نەۋرىلىك بولغان ئاياللارنىڭ بالىچۇق، ياڭاق چاچلىرى بولمايدۇ. ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ ئۇنى چاچتەڭگە بىلەن جۈپلىۋالىدۇ.
چېچىنى بىر تال قىلىپ ئۆزۈۋالغان ئاياللار باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ئۆزىگە ئەر تەلەپ قىلىپ يۈگەن ئايال دەپ قارىلىدۇ ۋە ئۇنداق ئاياللارنى يامان كۆرىدۇ.
دېمەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ تۈرىگەن ۋە سۇمبۇل چېچىنىڭ جۈپ ياكى تاق ئۆزۈلگەنلىكىگە قاراپلا ئۇنىڭ قىز، چوكان، جۇۋن، نەۋرىلىك بولغان ئايال، ياشانغان ئايال ۋە ئەخلاقسىز تۇل ئايال ... ئىكەنلىكىنى پەقلەندۈرۈۋلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاياللارنىڭ چېچىغا ئالاھىدە ئەھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارايدۇ.ل (ئا