UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىئاياللارنىڭ گىرىم قىلىش ئادىتى

ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىش ئادىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرى گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، گۈزەلىككە ئىنتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاياللىرى گۈزەللىك يارىتىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۆزىگە خاس مىللىي گىرىم قىلىش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن: ئوسما: ئوسما قويۇش ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان گىرىم قىلىش ئادىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ ئائىلىلەر ھويلا - ئاراملىرىغا مەخسۇس ئوسما تېرىيدۇ، ھەتتا قىش كۈنلىرىمۇ گۈل تەشتەكلىرىدە ئوسما ئۆستۈرىدۇ. ئوسما قۇلاق بولغاندا ئۇنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، پىلىتكۈچ بىلەن قېشىغا قويىدۇ. قىشلىق ئوسما ئۈچۈن ياز كۈنلىرى كۆك ئوسمىنى سىقىپ سۈيىنى ئۆچكە يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئوسما قاتمىسى (تاش ئوسما دەپ ئاتىلدۇ) تەييارلىۋالىدۇ. ئوسما قاشقا سىڭىپ قۇرۇغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇ بىلەن بىر قېتىم يەڭگىل يۇيۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاش تەبىئىي كۆرۈنىدۇ. بەزى جايلاردا كۆپرەك قىزلار ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىسى (قوشۇمىسى ) غا ئوسمىدا خال (مەڭ) چېكىۋالىدۇ. ئوسما قويۇشتا ھېچقانداق ياش چەكلىمىسى يوق، ھەتتا يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنىڭ قېشىغىمۇ ئوسما قويۇش ئادىتى بار. ئوسمىنىڭ تەبىئىتىدىن قارىغاندا، ئۇ يالغۇز قاشنى قارايتىش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، يەنە تۈك بەزلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ قاشنى قويۇقلاشتۇرۇش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرئاياللىرىنىڭ قېشى ھەم قارا، ھەم قويۇق بولىدۇ. سۈرمە : سۈرمە - پامېر تاغ تىزمىلىرىنىڭ قەشقەرگە تۇتاش بىر قىسىم جايلىرىدىن چىقىدىغان تەبىئىي كان بايلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمدىن تارتىپ ئۇنىڭدىن گىرىم بۇيۇمى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلگەن. ئۇلار كۆزلىرىنى يوغان، نۇرلۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن كىرپىك ۋە قاپىقىغا سۈرمە تارتىشقا ئادەتلەنگەن. سۈرمە يالغۇز گۈزەللىك رولىنى ئويناپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى كۆزنىڭ روشەن ۋە نۇرلۇق بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەزى ئەرلەرمۇ كۆزىگە سۈرمە تارتىدۇ (ئەرلەر كېچىسى ئۇخلاش مەزگىلىدە ئىشلىتىدۇ). ھازىر ئۇيغۇر تىبابىتىدىمۇ سۈرمە كۆز ياشاڭغىراش، ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرىگە دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. خېنە: قولغا خېنە قويۇش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەللىك ئادەتلىرىدىن بىرى. خېنە بىر خىل ئالاھىدە گۈل بولۇپ، كۆپچىلىك ئائىلىلەر خېنىگۈلنى ئەتىۋارلاپ ئۆستۈرىدۇ. گۈل ئېچىلىشتىن بۇرۇن، خېنىنىڭ غولىنى ئۇششاق چاناپ ياكى سوقۇپ، زەمچە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قولىنىڭ ئالقىنىغا قويۇپ، ئۈستىدىن ياغلىق بىلەن مەھكەم چىگىپ قويۇلىدۇ. بۇ خېنە قويۇش دېيىلىدۇ. خېنە كۆپىنچە كېچىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن قويۇلىدۇ. بىر كېچە تۇرغاندىن كېيىن، ئەتىسى ئورنىدىن تۇرغاندا ياغلىقنى يېشىپ، قولنى سوغۇق سۇدا يۇيۇۋېتىدۇ. خېنە ئىچكەندىن كېيىن قول، تىرناقلارنىڭ رەڭگى قىزىل ياكى قىزغۇچ سېرىق ھالغا كىرىدۇ. خېنىنىڭ رەڭگى قولدا خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلىنىدۇ. خېنە قويۇش ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىل رەڭنى ئالاھىدە ياخشى كۆرۈش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خېنە بىر تەرەپتىن، قول ۋە تىرناقلارنى تەبئىي قىزارتىپ گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن قول تەرلەش ۋە يىرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قولنى سىلىقلاشتۇرۇپ تىرناقنى پارقىرىتىدۇ. ئۇپا - ئەڭلىك: مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئەڭلىك» (1 توم، 156 - بەت) كە «خوتۇنلارنىڭ مەڭزىگە سۈرتۈلىدىغان ئاچ قىزىل بوياق»، «ئۇپا - يۈزىگە سۈرتۈلىدىغان ئۇنسىمان ئاق نەرسە» («تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - توم، 117 - بەت) دەپ ئىزاھلايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى بۇ مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئەڭلىك بىر خىل مەڭىزنى قىزارتىدىغان بوياق، ئۇپا يۈزنى سىلىقلاشتۇرىدىغان «گىرشەن» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇنسىمان نەرسە بولۇپ، بۇ مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇپا - ئەڭلك سۈرتۈش تارىخىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. چاچ پەردازلىرى: چاچ - ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئۆلچەملىرىدىن بىرى. شۇڭا ئۇلار چاچلىرىنىڭ كۆپ ۋە ئۇزۇنلۇقى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. چاچلىرىنى كۆپ ۋە ئۇزۇنلۇقى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. چاچلىرىنى ئاسراشقا ھەممىدىن كۆپ ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار چاچنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر يۈرۈش يەرلىك ئادەتلەرنى ياراتقان. ئاياللار چاچنى كۆپەيتىش ۋە قاريتىش ئۈچۈن، بادام مېغىزى ۋە شاپتۇل مېغىزىنى چالا كۆيدۈرۈپ «ياغلىقار» ياساپ، ئۇنى چېچىغا سۈرىدۇ. ئادەتتە، قاشنى قارايتىش ۋە قويۇقلىتىش ئۈچۈنمۇ ئاشۇ «ياغلىقار» نى ئىشلىتىدۇ. چېچىنى تېز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن زەيتۇن يېغىنى سۈرىدۇ. چاچنى پارقىرىتىش، چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توملۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، جىگدە يېلىمىنى سۇيۇق مەلھەم قىلىپ چاچقا چاپىدۇ. جىگدە يېلىمىنى سۇيۇق مەلھەم قىلىپ چاچقا چاپىدۇ. جىگدە يىلىمى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان تەبىئىي «چاچ مېيى» دۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، چېچى شالاڭ ۋە قىسقا ئاياللار جالا چاچ (سۈنئى چاچ) سالىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا سۈنئى چاچ سېلىشنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرى تونۇشتۇرۇلغان؛ بىرى، ئۇزۇن چاچ سېلىش، يەنە بىرى، ماڭلاي چاچ سېلىش. مەھمۇت قەشقەرى ئاياللار سالىدىغان مۇنداق سۈنئىي چاچلارنىڭ چۇپۇردىن ياسىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. يۈزنى سىلقلاش شەكىلىدىكى پەردازمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا خېلى كەڭ ئومۇملاشقان. بۇنداق پەرداز ئاساسەن يۈزىدىكى سېرىق تۈكلەرنى يىپلاپ تېرىشنى ۋە تەكشى ئۆسمىگە قاشلارنى تېرىپ تەكشىلەشنى كۆرسىتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇنداق پەرداز ئادىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق مەلۇمات بەرگەن: مەڭدەشتى - يىپ سېلىشتى. ئىككى خوتۇن يىپ سېلىشتى. يەنى يىپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ يۈزىدىكى تۈكلەرنى ئېلىشتى. بۇ ئادەت ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، بەزى جايلاردا ھەتتا «يىپلاش تويى» ئۆتكۈزۈلۈپ، بەلگىلىك دەرىجىدە مۇراسىم تۈسىنى ئالغان. ئۇيغۇر ئاياللىرى يۈزىدىكى تۇغۇتتىن قېپقالغان داغنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، كاۋاش سۇمۇق (زەمچە) قا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئېزىپ يۈزىگە سۈرتىدۇ. بۇ ئارقىلىق داغنى يوقىتىپ يۈزنى پارقىرىتىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئەتىۋارلايدۇ. ئىپار، سەندەل، ئەمبەرلەرنى يېنىدا ساقلايدۇ. بۇ دورىلار مەززىلىك پۇراپ، ئادەم بەدىنىدىكى سېسىق پۇراقلارنى يۇقىرىقىدەك بىر يۈرۈش تەبىئىي پەرداز بۇيۇملىرى نوقۇل ھالدا گۈزەللىك ئۈچۈن ئەمەس، شۇنداقلا يەنە ساغلاملىق ۋە سالامەتلىك ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلغان. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرى