قۇش سۆيەر ئۇيغۇرلار
ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرى
شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ قۇش تۈرىدىكى ئۇچار قانات ھايۋانلارنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان ئانا ماكانلىرىدىن بىرى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا شىنجاڭدا قۇش تۈرىدىكى ئۇچار قاناتلار ئۈچ يۈز ئەللىك خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى قۇش تۈرىنىڭ شىنجاڭ ئەنە شۇنداق قۇشلارغا باي رايون بولغاچقا، ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن باشلاپ قۇشلارنى سۆيۈش ۋە ئاسراشتەك ياخشى ئادەت شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى ئېتىقادىدا قۇشلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە خارلاش ئېغىر گۈناھ دەپ قارالغان. قۇشلارغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزمەسلىك بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىدا «سەۋەبسىز بىرەر جانلىقنىڭ جېنىغا زامىن بولساڭ، ئاخىرەتكە بارغاندا ئۇ سەندىن جان تەلەپ قىلىدۇ. خۇدا سېنى سوراققا تارتىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ئاساسەن قۇشلارنىڭ گۆشىنى يېيىشكە ئادەتلەنمىگەن. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قۇشلارنى سۆيۈش ۋە ئاسراش روھىدا تەربىيىلەيدۇ. بالىلار قۇشقا ئامراق بولغاچقا، ئۇۋىسىدىن قۇشلارنىڭ بالىلىرىنى تۇتۇپ كەلسە، ئۇنى ناھايىتى ئاۋايلاپ بېقىپ چوڭ قىلىشقا، ھەرگىز ئۆلتۈرۈپ قويماسلىققا دالالەت قىلىدۇ. قولدا بېقىپ چوڭ قىلىنغان قۇش بالىلىرى ئۇچۇرما بولغان مەزگىلدە ئۇنى قەپەستىن بوشىتىپ ئەركىنلىك ئالىمىگە قويۇۋېتىدۇ. بۇنى بىر ساۋابلىق ئىش دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە كەپتەر، قارلىغاچ، بۇلبۇل، تۇمۇچۇق، كاككۇك، شاتۇتى، قارا قۇشقاچ (قارىغۇجا)، پاختەك قاتارلىق قۇشلارنى ئالاھىدە ئەتىۋارلايدۇ ۋە ئۇلۇغلايدۇ. بۇ قۇشلارنىڭ بەزىلىرىنى تۇتۇپ قەپەستە ئەتىۋارلاپ باقىدۇ. بۇ قۇشلارنىڭ ئاۋازى ناھايىتى يېقىملىق بولغاچقا ئۇنىڭدىن روھىي قۇۋۋەت ئالىدۇ. بەزى قۇشلارنىڭ ئەركىن كۆپىيىشى ئۈچۈن ئۆيىگە ياكى ھويلا - ئاراملارغا مەخسۇس ئۇۋا ياساپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ قارلىغاچ بىلەن كەپتەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولۇپ، ئۇلار ئالاھىدە «ئىمتىياز» غا ئىگە. كۆپچىلىك ئائىلىلەردە قارلىغاچ ئۈچۈن ئۆينىڭ تورۇسىغا ياكى ھويلا پېشايۋانلىرىغا مەخسۇس ئۇۋا ياساپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا ئۇۋىلىشىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قەتئىي مەنئى قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىدە «قارلىغاچ ئۇۋىلىغان ئۆيدە بالا - قازا بولغايدۇ. قارلىغاچ بەخت، خۇشاللىقنىڭ ئەلچىسى، ئىنساتىيەتنىڭ ساداقەتمەن دوستى» دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئەقىدە نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتلىق كېمىسىدە قارلىغاچنىڭ ئادەمنى توپان بالاسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكى ئېنىق. مۇشۇ ئەقىدە تۈپەيلىدىن ئائىلىلەرگە ئۆگەنگەن ئېنىق. مۇشۇ ئەقىدە تۈپەيلىدىن ئائىلىلەرگە ئۆگەنگەن قارلىغاچلار تاسادىپىي سەۋەبلەر بىلەن ئىككىنچى باھاردا كەلمەي ئۇۋىسىدىن تېزىپ كەتسە، قارلىغاچقا ئاتاپ ئىسرىق سېلىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ، ئۇۋىسىنى ھەرگىز بۇزمايدۇ. ئۆيگە ئۆگىتىلگەن كەپتەرلەرگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. قاراقۇشقاچ ئۈچۈن ئىشىك ئالدىدىكى قېرى دەرەخلەرنىڭ ئۇچىغا بوران - چاپقۇن ۋە باشقا خەۋپ - خەتەردىن دالدا بولىدىغان قاپاقلارنى ئېسىپ بىخەتەر ئۇۋا ياساپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قۇشلار ھەققىدە ناھايىتى نۇرغۇرن قىزىقارلىق ئاپسانە - رىۋايەتلەر بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە قۇشلارغا سېغىنىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاش ئىدىيىسى ئالغا سۈرۈلگەن. خەلق ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشلاردا «بۇلبۇل ياخشى روھلارنىڭ سىمۋولى»، «كاككۇك بىلەن زەينەپ مۇرادىغا يېتىلمىگەن ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ سىموۋولى»، «قارلىغاچ - خۇدانىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى، دوستلۇقنىڭ، مېھرىبانلىقنىڭ سىمۋولى...» دېيىلگەن. شۇ سەۋەبتىن «قارلىغاچنى تۇتسا قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ» دەيدىغان ئەقىدە بارلىققا كەلگەن.
ئۇيغۇرلار يەنە بەزى قۇشلارغا ئاددەتتىن تاشقىرى سىرلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. مەسىلەن، سېغىزخان سايرىسا ئۆيگە مېھمان كېلىدىكەن، دەپ ئىشىنىدۇ، ھۇقۇش ھۇۋلىسا، بىرەر شۇملۇقنىڭ بېشارىتى، دەپ بىلىپ ھۇقۇشنى دەرھال قوغلىۋېتىدۇ. ھەتتا ھۇقۇش قونغان دەرەخنى كېسىۋېتىدۇ. ھۆپۈپنىڭ بېشىدىكى تاجىسىنى سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ تەۋەررۈكى دەپ بىلىپ، ھۆپۈپنىڭ ئۇۋىسىغا ھەرگىز تەگمەيدۇ، ھۆپۈپ كۆپىنچە قارىياغاچ (سىدە) نىڭ كاۋىكىدا ئۇۋىلىغاچقا، قارىياغاچ دەرىخىنى سىرلىق ئېرەملىك دەرەخ ھېسابلايدۇ.
ئۇيغۇرلاردا ئوۋچىلىق دەرۋرىدىن باشلاپ بەزى يىرتقۇچ گۆشخور قۇشلارنى قولغا ئۆگىتىدىغان ئادەت بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن كەسپىي قۇشچىلار يېتىشپ چىقىپ، قۇش بېقىش ۋە كۆندۈرۈشنىڭ بىر باقىدىغان قۇشلار بۈركۈت، قارچىغا،لاچىن قاتارلىق يىرتقۇش قۇشلاردىن ئىبارەت. بۇ قۇشلار ئارقا،كېيىك، قىرغاۋۇل، توشقان قاتارلىق ئاسانلىقچە تۇتقىلى بولمايدىغان ھايۋانلارنى ئوۋلاش مەقسىتىدە مەخسۇس بۇرۇنقى خان - پادىشاھلارنىڭ ئوردىسىدا مەخسۇس قۇشچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى قۇشلارنى قولغا كۆندۈرۈش ۋە ئوۋغا سېلىش ئىدى. خانلار ۋە شاھزادىلەر ئوردا قۇشچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا چەت جايلارغا بېرىپ قۇش سېلىشنى ئەڭ كۆڭۈللۈك سەيلە - ساياھەت قۇشلاش ئادىتى توغرىسىدا مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈكىي تىللار دىۋانى» نامىلىق ئەسىر بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىمۇ بەزى مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قۇشلارنى مەدھىيلەيدىغان ناخشا - قۇشلارنىڭ كۆپ بولۇشىمۇ ئۇلارنىڭ قۇشلارغا بولغان ھېرىسمەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. (ئا)