قىزىل رەڭ ۋە سېرىق رەڭ چۈشەنچىسى
ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلار قىزىل رەڭنى ياخشىلىقنىڭ، خۇشاللىقنىڭ، بەخت - سائادەتنىڭ، گۈزەللىكنىڭ، جەڭگىۋارلىقنىڭ، غەلبىنىڭ سىمۋوللۇق بېشارىتى، دەپ قارايدۇ.
ئۇيغۇرلاردا قىزىل رەڭنىڭ يۇقىرىقىدەك مەنىلەرگە ئىگە بولۇشى ئۇلارنىڭ ياشىغان جۇغراپىيىلىك شارائىتى، ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادلىرى ۋە تارىخىي كەچۈرمىشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەدرىجىي ھالىدا، نىسپىي مۇقىم مەنىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىدە ئەكس ئەتكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە توي - تۆكۈن بولسا «ئاشسۈيى» ھېسابىدا قىز تەرەپكە ئاپىرىدىغان قوينىڭ بېشىغا قىزىل رەخت باغلاپ قويۇلىدۇ، توي كۆچۈرۈش ھارۋىسىغا قوشۇلغان ئاتلارغا ياكى ھازىرقى زاماندىكى توي كۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ ئالدىغا قىزىل رەخت باغلىنىدۇ. ھەتتا توينىڭ ناغرا - سۇنايلىرىغىمۇ قىزىل رەخت باغلاپ قويۇلىدۇ. سۈننەت توي مۇراسىمىدا سۈننىتى قىلىنغان بالىنىڭ بېلىگە گۈل چىقىرىلغان قىزىل پوتا باغلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەسۋىر ۋاستىلىرىدە قىزلارنى قىزىلگۈلگە ئوخشىتىدۇ. قىزلار، ياش چوكانلار قىزىل رەڭلىك كۆڭلەك كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قىزىل رەڭنى - ياشلىقنىڭ بەلگىسى، دەپ قارايدۇ.
قىزىل رەڭگە بولغان مۇشۇنداق ھېرىسمەنلىك تۈپەتلىدىن شەرقىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قىزىل دوپپا كىيىش ئادىتى تارىختىن بۇيان ساقلىنىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ تۇرپان ئۇيغۇرلىرى قىزىل رەڭگە تېخىمۇ ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. قەدىمكى زەدۈشت دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن ئوتقا چوقۇنغان تۇرپان ئۇيغۇرلىرى يىراقتىن قارىسا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان، ئوتقا ئوخشىشىدىغان قىزىل توپىلىق يالقۇنتاغنى «قۇتتاغ» (بەخت بەرگۈچى تاغ) دەپ ئاتاپ، ئۇنى ئۇلۇغلىغان ۋە چوقۇنغان ھەمدە «قۇتتاغ» نىڭ قىزىل رەڭ ھالىتىنى قىزىل دوپپا كىيىش ئادىتى ئارقىلىق نامايان قىلغان.
سېرىق رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىك ئادىتىدە قۇياشقا، مول ھوسۇلغا، ئالىيجانابلىققا سمۋول قىلىندۇ. ئۇيغۇرلار سېرىق رەڭنى ئالتۇن رەڭ دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرىدا قۇياشنىڭ نۇرلانغا مەزگىلى«ئالتۇندەك پارلىغان قۇياش» دەپ تەرىپلىسە، مول ھوسۇللۇق بۇغدايلارنى «ئالتۇن باشاقلىق بۇغدايلار» دەپ سۈرەتلەيدۇ. يەنە ئەدەب - ئەخلاقلىق، ياخشى بالىلارنى «ئالتۇندەك بالا - دە» ياكى «ئالتۇندەك قىز» دەپ ئالتۇنغا ئوخشىتىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنۋاتقان «ئالتۇن» ماددا ھالىتىدىكى مېتال ئۇقۇمى بولماستىن، بەلكى ئالتۇن رەڭ - سېرىق رەڭ چۈشەنچىسىنى بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ رەڭگىمۇ ئالتۇن رەڭنى ئاساس قىلىدۇ. ئەنئەنىۋى نەققاشچىلىق سەنئىتىدە ھەشىمەتلىك ئىمارەتلەرنىڭ گىرۋە نەقىشلىرىگە ئالتۇن رەڭدە ھەل بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ چۈشەنچىسىدە سېرىق رەڭنى ياخشى كۆرۈش ئادىتى ئۇلارنىڭ قەدىمكى قۇياش تەڭرىسىگە سېغىنىشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
لېكىن بەزىدە سېرىق رەڭ چۈشكۈنلۈككە، روھسىزلىققا، پەرىشانلىققا سمۋول قىلىنغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇنداق زىددىيەتلىك مەنە كۆپرەك ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى تەسىۋىر ۋاستىلەردە كۆزگە چېلىقىدۇ. (ئا)