سمۋوللۇق رەڭ چۈشەنچىلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرى
رەڭ - ماددىي دۇنيانىڭ قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلىشتىكى ئاكتىپچانلىقى ياكى پاسسىپلىقى بىلەن ئىنسان سەزگۈسىدە ئىپادىلەنگەن خىلمۇ - خىل كۆرۈنۇشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ماددىي ئوبيېكتىپلىققا، سەزگۈ دۇنياسىدا سۇبيېكتىپلىققا ئىگە. بىز بۇ يەردە رەڭدىن ئىبارەت ئاشۇ كونكرېت نەرسىگە ئىنسان ئۆز سەزگۈسى ئارقىلىق مەلۇم سىمۋوللۇق مەنە بەگەنلىكىدىن ئىبارەت ئادەت خاراكتېرىنى شەرھلەيمىز.
ئۇيغۇرلار ھەر خىل رەڭدىن ئۆزگىچە ئېستېتىك لەززەت ئېلىپلا قالماستىن، رەڭدىكى كىشىگە بېرىدىغان ئوخشاشمىغان تۇيغۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۇرمۇش ئادىتىدىكى تۈرلۈك پائالىيەت ۋە چۈشەنچىلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۇرمۇشىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ سمۋوللۇق بېشارىتى سۈپىتىدە قوللىنىپ ئىشلەتكەن. ھەرخىل رەڭلەرنىڭ ئىچىدە ئاق، كۆك، قىزىل، سېرىق رەڭلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىك پائالىيتى ۋە دىنىي ئەقىدىسىگە زىچ ماسلاشقان ھالدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادىتىدىن بىر قەدەر گەۋدىلىكىرەك رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ قەدىمىيلىكى ۋە ئىزچىللىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىدە مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ شەكىللەنگەن.