شەخسىي تازلىق ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى يېزا - قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن ياشاپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ شەخسىي تازلىق شارائىتى زامانىۋىيلاشقان شەھەر خەلقلىرىنىڭ تازلىق شارائىتىنىڭ سېلىشتۇرغاندا ناچار. لېكىن شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي، ئۇلاردا شەخىسي تازلىق ئېلىپ بېرىشىنىڭ بىر يۈرۈش مىللىي، ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى شەكىللەنگەن. بۇ ئادەتلەرنىڭ بەزىلىرى دىنىي ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بولسا، بەزىلىرى شۇ خەلقنىڭ پىسخىك تەبىئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىىك؛ ئالايلۇق:
1 ) تەرەت ئېلىش: ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا ھەر كۈنى بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن «پەرز» دەپ بېكىتىلگەن ھەمدە تەرەتسىز ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقى، تەرەتسىز ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقى، تەرەت ئېلىشنىڭ شەرتلىرى تەپسىلىي كۆزسىتىلگەن.
تەرەت ئېلىش ئالدى بىلەن ئىستىنجا )مەقئەتنى سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇش( قىلىشتىن باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى قولنى جەينەككىچە ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئېغىزغا سۇ ئېلىپ ئۈچ قېتىم غاقىراتماق قىلىپ چايقايدۇ، يۈزنى پېشانە ۋە قۇلاقنىڭ ئارقىسىغىچە قوشۇپ ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئىككى پۇتنى ئوشۇققىچە ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەرەتنىڭ شەرتى ئادا بولىدۇ. تەرەت ئۈچۈن پاكىز ۋە سۈزۈك سۇ ئىشلىتلىدۇ. ئەگەر شارائىت يار بەرسە پۈتۈن بەدەننى يۇيۇشمۇ )ئۇيغۇرلادا غۇسۇل قىلىش، بويىنى سۇغا سېلىش دېيىلىدۇ( تەرەپ ئالغانلىق ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ناماز ئوقۇشنىڭ شەرتى قىلىنغان تەرەت ئېلىش شەخسىي تازىلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك ئەنئەنىۋى شەكلىدۇر. دەرۋەقە، يۈگۈنكى بەش ۋاخ ناماز ئۈچۈن بەش قېتىم تەرەت ئېلىش ئادىتى شەخسىي تازلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك كاپالىتى بولغاچقا، شەخسىي بەدەن تازىلىقى بىۋاسىتە ئالاقىدار بولغان گېمورروي كېسەللىكىلىرى يېزا - قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى ئارىسىدا ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ. گەرچە خەلقىمىز تەرەت ئېلىشنى ئاڭلىق ھالدا «تازىلىق» دەپ قارىمىسىمۇ، تەرەتسىز يۈرۈشنى «پاسسىقلىق» دەپ ئەيىبلەپ، بالا - چاقىلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا تەرەتلىك يۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. «تەرەتسىز ئۆيدە بەرىكەت بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ.
2 ) بويىنى سۇغا سېلىش: سەرراپ (مۇنچا) پەقەت شەھەرلەردىلا ئومۇملاشقان بولۇپ، يېزا - قىشلاقلاردا بۇنداق شارائىت يوق. شۇ سەۋەبتىن كۆپچىلىك ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى بىرى ئېرىق - ئۆستەڭلەردە يۇيۇنۇشنى، يەنە بىرى ئۆز ئۆيىدە «بويىنى سۇغا سېلىش» نى ئادەت قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي قوشۇپ ياسىلىدۇ. بۇ قازناقنىڭ ئوتتۇرىسىغا «ئەۋرەز» كولىنىپ، ئۈستى پىششىق كېسەك ياكى تاش بىلەن يېپىلىدۇ. ئەۋرەزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۆشۈك بولىدۇ. مۇۋاپىق پەيتتە ئائىلە ئەزالىرى مۇشۇ قازناققا كىرىپ «بويىنى سۇغا سالىدۇ». يۇيۇنغان سۇ ئەۋرەز ئىچىگە سىڭىپ كېتىدۇ. بۇ مۇنچا شارائىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى يۇيۇنۇش شەكلى بولۇپ، ئەر - ئاياللار بىر ئورۇندا بولغاندىن كېيىن چوقۇم «بويىنى سۇغا سېلىش»؛ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كەم بولغاندا ھەپتىسىگە بىر قېتىم ئاشۇ يەرلىك «مۇنچا» دا «بويىنى سۇغا سېلىش» - مۇسۇلمانچىلىقنىڭ شەرتى قىلىنىپ ئەنئەنىۋى نىزامغا ئايلاندۇرۇلغان.
3 ) يۈز - قولنى يۇيۇش؛ ئۇيغۇرلار يېمەك - ئىچمەك تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندىن تاشقىرى، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا قولنى يۇماي تۇرۇپ داستىخان ئالدىغا كەلمەيدۇ. مەيلى ئۆز ئۆيىدە بولسۇن. ياكى مېھماندارچىلىققا بارسۇن، ئۆي ئىگىسى مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىشنى ھەم ھۆرمەت، ھەم ساۋاب دەپ بىلىدۇ. ھەتتا ھۆرمەت، ھەم ساۋاب دەپ بىلىدۇ. ھەتتا مېھماندارچىلىقتا ھەربىر تاماق ئالدىدا مېھماننىڭ قولىغا بىر قېتىم سۇ بېرىدۇ. مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىشنى بىر خىل ئەخلاق دەپ قارىغاچقا، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىگە باشقىلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىشنىڭ قائىدە - نىزاملىرىنى ئالاھىدە ئۆگىتىدۇ. مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىشتە مۇتلەق كۆپچىلىك ئەئىلىلەر ئاپتۇۋا، چىلاپچا ئىشلىتىدۇ. چۈنكى ئاپتۇۋا - چىلاپچا يۇندا چاچىرىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە
ئۇيغۇرلار يۈز - قو يۇغاندا داستىكى سۇ بىلەن يۇيۇشقا ئادەتلەنمىگەن. ئۇلار داستىكى سۇ بىلەن يۈز - قولىنى يۇيۇشنى بىر خىل غەيرىيلىك ھېس قىلىپ، ئېغىر ئالىدۇ. (ئا)