ئەنئەنىۋى داۋالاش ئادەتلىرى (ئەم - ئېرەم)
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئۆزىنى داۋالاشنىڭ تۈرلۈك ئادەتلىرى بولۇپ، بۇ ئادەتلەرنىڭ بەزىلىرى كۈچتىن قالغان ياكى قېلىۋاتقان بولسىمۇ، بەزىلىرى يەنىلا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
1) كۆك چۆچۈرىسى يېيىش - ئۇيغۇر خەلقى ئارقا - ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم كۆك چۆچۈرىسى چۆچۈرىسى يېسە، ئادەمنىڭ ئىچى تازلىنىپ، سالامەتلىككە پايدىلىق، دەپ ئادەمنىڭ ئىچى تازىلىنىپ، سالامەتلىككە پايدىلىق، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ھەر يىلى ئەتىيازدا يېڭى ئۈنگەن بېدە بىلەن چۆچۈرە ئېتىپ يېيىش ئادەتكە ئايلانغان. ھەر يىلى ئەتىيازدا يېزىلىقلار بازاردا ئولرۇرۇشلۇق تۇغقانلىرىغا بېدە تېرىپ كىرگۈزىدۇ؛ شۇنداقلا شۇ كۈنلىرىدە بېدە تېرىپ كېلىپ سېتىپ پۇل قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ.
2 ) تېرىگە كىرىش - ئەنگىزى ئېشىپ كەتكەن ئادەملەر قارا ئەركەك قوي ياكى قىرقىلمىغان ئوغلاقنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئىسىق تېرىسىگە ئىسىقلىق دورا - دەرمان سېپىپ،ئىسىق پېتىچە تېرىگەن كىرىپ تەرلىنىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلاردا ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ئادەتتۇر.
3 ) ئىنىگە كىرىش - پۇتى رېماتىزم بولۇپ قالغان، شۇ سەۋەبتىن ماڭالماس بولۇپ قالغان ئادەملەر ئۆلتۈرۈلگەن قوي ياكى كالىنىڭ ئىسىق ئىنىگە پۇتىنى تىقىپ داۋالىنىش ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئادەتلەردىندۇر.
4 ) باشنى تەڭلەش - بوۋاق بالىلار يېقىلىپ چۈشۈپ بېشى چايقىلىپ كەتسە ئۇيغۇرخەلقى بۇنى «بېشى تەڭ بولۇپ قالماق» دەيدۇ. ئۇيغۇرلار تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ماتاغا سۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بېشىنى چۆگىلىتىپ تېڭىپ قويىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرلار «تەڭلەش» دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بالىنىڭ بېشى ئەسلىگە كېلىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار كىچىك بالىنىڭ ئەنگىزى ئېشىپ كەتسە تۇخۇمنىڭ سېرىقىدىن ياغ چىقىرىپ بالىنىڭ چېكىسىگە ۋە ئۈگىلىرىگە سۈرۈپ داۋالايدىغان ياكى كۆيدۈرۈلگەن خەس قوي ماي (كۆيدۈرۈلمىگەن بولسىمۇ بولىدۇ) بىلەن بالىنى مايلاش يولى بىلەن داۋالايدىغان ئادەت ھازىرمۇ داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئەگەر بالا سوغۇقتىن يۆتەل بولۇپ قالسا، قوي مېيىنى قىزىتىپ گېلىنى مايلاپ قويىدىغان ياكى ھەسەلنى گالغا سۈرۈپ ئۈستىدىن ياغلىق بىلەن تېڭىپ قويىدىغان ئادەتمۇ بار.
5 ) ئىسىسىقلىق ۋە سوغۇقلۇق قىلىش - ئۇيغۇر خەلقى سوغۇقى ئېشىپ كەتسە، ئىسىقلىق قىلىش بىلەن مىجەزىنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئېيتايلى، ئىسىسقى ئېشىپكەتكەنلەر قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىدە تاۋۇز يەيدۇ، ياكى تاۋۇزنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدۇ، ياكى گۈرۈچ، ماش قاتارلىقلار بىلەن ماشىخوردا قىلىپ ئىچىدۇ، يۇقىرىقى سەۋەبلەر ئىسسىقلىقنى قايتۇرۇپ مىجەزنى تەڭشەيدۇ. سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەر سېمىز قوي گۆشى بىلەن شورپىلىنىشتىن تاشقىرى، يەنە پىلپىل، قەلەمپۇر، قوۋزاقدا چىن، لاچىندانە، مىقدارچىن قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان «چاي دورىسى» ئىچىپ مىجەزنى تەڭشەيدۇ.
6 ) قان قىلىش ۋە ئۆپكە قىلىش - بىراۋنىڭ غولى ئاغرىسا ياكى پۈتۈن ئەزايىنى قوقاق بېسىپ كەتسە، ياۋا كەپتەرنى بوغۇزلاپ، ئىسسىق قېنىنى ئاغرىغان يەرگە ئاققۇزۇش، ئۆلتۈرۈلگەن قوي ياكى ئۆچكىنىڭ ئۆپكىسىنى ئاغرىغان يەرگە قېقىش - ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى داۋالاش ئادەتلىرىدۇر.
يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر مۇنچە ئىلىمىي ئاساسى بولمىغان ئۆزىنى داۋالاش ئادەتلىرى بولغان. مەسىلەن، بىراۋنىڭ گۈرىنى ئىششىپ قالسا، پىچاق ۋە باشقا تىغنى بىلەپ، ئۇنىڭدىن چىققان لاينى گۈرەنگە سۈرىدىغان ئادەت ھازىرمۇ بار.
بىر ئادەم (تولىراق بالىلار) نىڭ مىجەزى ئۆگىرىپ تولا ئەسنىسە، كۆزدىن ياش ئاقسا ياكى پۈتۈن ئەزايى كىرىشىسە، بۇنى «ئاش كىرىپ قالدى»، دەپ ياشانغان قېرى ئاياللارغا «ئاشلىتىدىغان» ئادەت داۋاملىشىپ كەلمەكتە. «ئاشلىغۇچى» بىر قاچىغا ئىسسىق كۈل ياكى كېپەك ئېلىپ، ئۈستىنى يېپىپ بىمارنىڭ قورساق تەرىپىگە يوناش ئارقىلىق «ئاش كىرىپ قالغۇچى» نى ئاشلايدۇ. «ئاشلاش» جەريانىدا ئاشلىغۇچى ۋە ئاشلانغۇچى قانچە كۆپ ئەسنىسە ۋە چىنىدىكى كېپەك ياكى كۈل يىمىرىلسە «ئاش چىقتى» دەپ بىلىدۇ.
بىرى ئانگىنا بولۇپ قالسا «تامىقى چۈشۈپ قاپتۇ» دەپ بىگىز قولىنى قازاننىڭ قارىسىغا سۈركەپ تاماقنى كۆتۈرۈپ قويىدىغان ئادەتمۇ بار.
بوۋاق تولا يىغلىغانلىق سەۋەبىدىن غولىغا يەل تۈرۈپ قالسا «پاقا بولۇپ قاپتۇ» دەپ، پاقا بارماقلىق قېرى ئايالغا ئۇنىڭ غولىنى ئۇۋۋىلىتىدىغان ۋە قارا كىگىزنى پاقا شەكلىدە كېسىپ بالىنىڭ غولىغا توغرىلاپ، كىيىمگە تىكىپ قويىدىغان ئادەت داۋاملىشىپ كەلمەكتە،
بىراۋنىڭ كۆزىگە ئاق چۈشۈپ قالسا، بۇغداي قاتارلىق دان بىلەن كۆزنى «بۇرغىلايدىغان» ئادەتمۇ ساقلانماقتا.
ئۇيغۇرلاردا يەنە بىر ئۆت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسا «كۆزدىكى سېرىقنى ئالىدۇ» دەپ بويىنىغا سېرىق قەھۋا ئېسىۋالىدىغان ياكى سۇدىكى بېلىقلارغا قارايدىغان ئادەتلەرمۇ بولغان. بولۇپمۇ، بالىلار بىر يەردىن يىقىلىپ قاتتىق قورقۇپ، «سۈك» بولۇپ قالسا، «روھىي چىقىپ كەتتى» دەپ ، ئۇنىڭ كىيىمىنى سۆرەپ يۈرۈپ، ئىسىمىنى ئاتاپ «روھ چاقىرىدىغان»ئادەتلەرمۇ بولغان.
بىر ئادەم روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا «جىن چاپلاشتى» دەپ، پېرىخۇنلارغا پېرە ئوينىتىدىغان، بۇت قەلەندەرلىرىگە ئوقۇتىدىغان ئادەتلەر ھازىرمۇ بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا داۋاملاشماقتا.
بىراۋنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ يۈز - كۆزىنى يارا بېسىپ كەتسە ئۇدۇملۇق تەقۋا ئايال تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا «چاچراتقۇ» سالدۇرىدۇ. بۇنىڭ جەريانى مۇنداق: ئاق ئۇن بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ، ياڭاق چوڭلىقىدا كۇمىلاچ قىلىنىدۇ. كۇمىلاپ قازاندىكى ياغقا سېلىنىدۇ ياكى قوقاس ئوتقا كۆمۈلىدۇ. ئايال ئەپسۇن ئوقۇپ قازانغا ياكى قوقاسقا «سۈپكۆچ» قىلىپ تۇرىدۇ. خېمىر قىزىغانسېرى ئېتىلىشقا باشلايدۇ. خېمىر ئېتىلسا يارا تۆكۈلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ «چاچراتقۇ سېلىش» دەپ ئاتىلىدۇ.
بەزى بالىلار تۇرۇپلا تاماق يېمەس بولۇپ قېلىپ، كۈندىن - كۈنگە جۈدەپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى «جىن چاپلىشىۋالغان» دەپ بىلىدۇ. بۇ كېسەلنى باشقا يوللار بىلەن داۋالىيالىمىغاندا «ئاۋاق ئېشى» بىلەن داۋالىماقچى بولىدۇ. بۇنىڭ جەريانى مۇنداق: يەتتە ئۆيدىن ئۇن تىلەيدۇ. ئۇ ئۇن بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ يايىدۇ. خېمىرنى ئۇششاق كېسىپ سۇيۇقئاش ئېتىدۇ. ئاش پىشىقاندا ئاۋاق بالىنى يالىڭاچلاپ، پۈتۈن ئەزايىنى پۈركەپ، ھور چىقىۋاتقان قازانغا مىندۈرۈپ ھورلاندۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئاشتىن بالىغا بىر قاچا ئىچكۈزىدۇ. قالغان ئاشنى تۇتۇلمىغان قاچىغا قويۇپ، تۇتۇلمىغان قوشۇقنى سېلىپ يولنىڭ دوقمىشىغا قويۇپ ئارقىغا قارىماي يېنىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، بالىغا چاپلىشىۋالغان «جىن»، «ئاۋاق ئېشى» ئىچىمەن دەپ بالىنىڭ تېنىدىن ئاجرىلار ئىمىش. شۇنىڭ بىلەن بالا كېسەلدىن خالاس بولارئىمىش. (ر)