UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرىھەر قايسى دىن ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئادەتلەر `

ھەر قايسى دىن ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئادەتلەر `

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن تۇتېم، شامان، زەردۇشت، مانىي، خرىستئال، بۇددا قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. يۇقىرىقىدەك دىنلارنىڭ بەزى ئادەتلىرى ئىسلام ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ كەلدى. مەسىلەن، تۇتېم ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقاد بولۇپ، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر ھايۋانغا ياكى ئۆسۈملۈك، دەل - دەرەخلەرگە چوقۇنغان ۋە ئۇنى شۇ تۇتېم دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىي خەلىقلەردە ئۆزىنى ئۇلۇغلاش ئادىتى كېلىپ چىققان. شۇڭا ئۇيغۇرلار ھەمراھ بولىدۇ، دەپ بۆرە ئوشۇقىنى ئۆز يېنىدا ساقلىشى، بىراق بىر يەرگە سەپەرگە چىققان ئادەم سەپىرىدە ئالدىغا بۆرە ئۇچرىسا «سەپىرىم ئاقيوللۇق بولىدىغان بولدى» دەپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئەگەر تۈلكە ئۇچرىسا «سەپىرىمدە بىرەر كۆڭۈلسىز ئەھۋال يۈز بېرىدىغان بولدى» دەپ، يولىنى داۋاملاشتۇرماي قايتىپ كېلىشى ئەنە شۇ تۇتېم ئەقىدىسىگە كىرىدۇ. ئەگەر بىر ئايالنىڭ كۆزى يورۇغان بولسا، تۇغۇت ئانىسىدىن ئوغۇلمۇ ياكى قىزمۇ؟ دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا «بۆرىمۇ ياكى تۈلكىمۇ» دەپ سوراشمۇ تۇتېم ئەقىدىسى جۈملىسىگە كىرىدۇ. بۆرە تۇتېمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇنداق ئادەتلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ. شامان دىنىدا ئازايىم (ئەپسۇن) ئوقۇپ، جىن _ ئالۋاستى (يامان روھ) لارنى قوغلايدۇ. ئۇيغۇر خەلقىدىكى پېرىخۇنلۇق، داخانلىق ئەنە شۇ شامان دىنىنىڭ ئەنئەنىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە بۆشۈكتىكى بوۋاقلارغا جىن _ ئالۋاستىلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بوۋاقنىڭ بېشىغا پىچاق ياكى تىغ قويۇپ قويۇشى، جىن _ ئالۋاستىلارنىڭ بۆشۈكىگە يولاتماسلىق ئۈچۈن بۆشۈككە ئىسرىق سېلىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئادەتلەر شامان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر خەلقى بۇرۇن زەردۇشت (ئوتقا چوقۇنۇش) دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بۇ دىندا ئوتتىن مەدەت تىلىنىدۇ. بۇ دىننىڭ بەزى تەسىرلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېلىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، بىر ئادەم ساقسىز بولۇپ قالسا، كوچا دوقمۇشلىرىدىن ئەخلەت _ چاۋار تېرىپ كېلىپ، كېسەل بولغۇچىنىڭ بېشىنى بىر نەرسە بىلەن پۈركۈپ قويۇپ، زاۋال ۋاقتىدا ئوچۇقداش؛ يېڭى تويى بولغان قىز يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈپ كەلگەندە قىزنى كۆيۈۋاتقان ئوت دۆۋىسىدىن ئايلاندۇرۇش ئادىتى قاتارلىقلار زەردۇشت دىنىنىڭ ئىپادىسى. ئۇيغۇرلار بۇددا دىنى بىلەن بىر ۋاقىتتا مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بۇ دىن يورۇقلۇقنى مۇقەددەس بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈن، ئاي قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرى ئولۇغلىناتتى، ئۇلاردىن مەدەت تىلىنەتتى. قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېڭى چىقىۋاتقان كۈنگە قاراپ تەزىم قىلىشى بونىڭ مىسالى. بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈن ياكى ئاي كۆيسە يىغا _ زار قىلىشىپ دۇئا _ تەكبىر ئۆتكۈزۈش ئادىتى بار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا كۈنگە قاراپ تۇرۇپ چوڭ _ كىچىك تەرەت قىلماسلىق(ھازىرمۇ ياشانغانلار ئارىسىدا ساقلانماقتا) ، تەرتخانىلارنىڭ شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ سېلىنىشى، يۈزىنى يۇماي تۇرۇپ، بولۇپمۇ ناپاك (جۇنۇپ) تۇرۇپ كۈنگە قارىماسلىق _ بۇلار ئاسمان جىسىملىرىنى ئۇلۇغلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاي، يۇلتۇز، چولپان، يەشىن...» دېگەندەك ئاسمان جىسىملىرىنىڭ نامىنى ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشىمۇ مانىي دىنىنىڭ ئەقىدىسىدۇر. يۇقىرىقىلار ئىستېتىك مەنە جەھەتتىن گەرچە مۇئەييەن بىر دىنىي ئېتىقادقا باغلانسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇ خەلق ئارىسىدا بىر خىل ئادەت شەكىلىدىلا مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. (ر)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرى
ھەر قايسى دىن ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئادەتلەر ` | UyghurWiki | UyghurWiki