UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرىئوتنى ئۇلۇغلاش

ئوتنى ئۇلۇغلاش

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى ئوتقا بولغان سېغىنىش ئىنسانلار ئارىسىدا نىسبەتەن كەڭ يېيىلغان ئىپتىدائىي ئېتىقاد ئادەتلىرىنىڭ بىرى. مەلۇمكى، ئوتنىڭ ئىنسان تۇرمۇشى بىلەن زىچ ئالاقىسىنىڭ بالىققا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ ياۋايىلىق باسقۇچتىن مەدەنىيىلىك باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئوتنىڭ دەسلەپكى بايقىلىشى ئىنسان ئۈچۈن ناھايىتى سىرلىق تۇيۇلغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي ساددا چۈشەنچسىدە ئوتمۇ مۇئەييەن بىر ئىلاھىي كۈچنىڭ قۇدرىتى، دەپ قارالغان. شۇنىڭ بىلەن ئوتقا چوقۇنۇشنى تۈپ مەزمۇن قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئوتقا چوقۇنۇشنى تۈپ مەزمۇن قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئوتقا چوقۇنۇشنى تۈپ مەزمۇن قىلغان ئوتپەرەسلىك دىنى (زاروئاستىر دىنى) بارلىققا كەلگەن. قەدىمكى دەۋىلەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۇ دىننىڭ تەسىر قۇيۇق بولغان. ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئوت ئېتىقادىنىڭ بەزى تەسىرلىرى ئادەتكە ئايلىنىپ ھازىرغىچە داۋاملاشقان. مەسلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن ئادەتلىرىدە قىزنى كۆچۈرۈش ۋاقتىدا ھويلىغا ياكى ئىشىك ئالدىغا ئوت يېقىلىدۇ، قىزنى كۆرپىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ئىككى كىشى كۆرپىنىڭ ئىككى بېشىنى تۇتۇپ ئوت ئۈستىدىن ئايلاندۇرىدۇ، قىزنى كۆچۈرۈپ ماڭىدىغان يولغىمۇ بىر قانچە ئورۇندا گۈلخان يېقىلىدۇ، گۈلخان ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنى ياققا كىشىگە قىز تەرەپ بەزى سوۋغا - سالاملارنى بېرىپ، قىزنى گۈلخاندىن ئاتلىتىپ ئۆتكۈزۈش شەرت قىلىنىدۇ. قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئەكەلگەندە، ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا قىزىل يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئەكەلگەندە، ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا قىزىل تاۋاردىن پايانداز سېلىپ، قىزنى شۇ پاياندازغا دەسسىتىپ ئۆيگە ئەكىرىدۇ ۋە بۇ تاۋارنى تويغا قاتناشقان يىگىت - قىزلار تەرەپ - تەرەپتىن تاتىشىپ، پارچە - پارچە يىرتىپ ئېلىشىدۇ. قولىغا چىققان بۇ پارچە تاۋارنى توي تەۋەرۈكى قىلىپ ساقلايدۇ ياكى قولىنىڭ بېغىشىغا چىگىۋالىدۇ. بۇ قىزىل تاۋار ئەنە شۇ ئوتنىڭ بەلگىسىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىل رەڭنى ئەتىۋارلىشىمۇ ئوتقا بولغان ئەقىدە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەزى رايونلاردا ئۆتكۈزۈلدىغان مەشرەپلەر (دولان مەشرىپى، قۇمۇل تاغلىقلار مەشرىپى قاتارلىقلار) دىمۇ ئوچۇق سورۇنغا گۈلخان يېقىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا چەمبەر ياساپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئادەتلەر بار؛ بارات ئېيىدا ئۇزۇن ياغاچنىڭ ئۇچىغا ياغ قاپىقىنى ئورنىتىپ ئۇنىڭغا ئوت ياققاندىن كېيىن ئېگىز تام ياكى ئۆگزىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ناخشا - قوشاقلار بىلەن «ۋەششەمىسى» توۋلاش (بۇ ئادەتتە «قاپاق كۆيدۈرۈش مۇراسىمى» دەپ ئاتىلىدۇ) ئادىتىمۇ ئوتقا بولغان ئېتىقادنىڭ دىنىي خۇراپىي ئادەتلەرمۇ ساقلانغان. بۇ بىر خىل ئېرەملىك ئادەت بولۇپ، يەتتە ئۆيدىن يورۇڭ(پاختا) تىلەپ ئۇنى كۆيدۈرۈپ، تاسادىپىي قورسىقى ئاغرىپ قالغان ياكى سانجىق تۇتۇپ قالغان بالىلارنىڭ بېشىدىن ئۆرۈيدۇ.بۇنى «ئوت كۆچۈرۈش» نى ئادەت قىلغان ئۇدۇملۇق مۇمايلار ئىشلەيدۇ. ئوت بىلەن مۇنسىۋەتلىك بۇنىڭغا ئوخشاش ئادەتلەر خەلق ئارىسىدا خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوتنى ئۇلۇغلاش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرى