«قىبلە» نى ئۇلۇغلاش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
پۈتۈن مۇسۇلمانلاردا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا «قىبلە» تولىمۇ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بەيتۇللا _ مەككە قىبلە تەرەپتە بولغىنى ئۈچۈن، شۇڭا ئۇيغۇرلار ھەرگىز قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ چوڭ _ كىچىك تەرەت قىلمايدۇ. ھاجەتخانىلارمۇ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئولتۇرۇشقا ماسلاشقان. ئاخشىمى ياتقاندا پۇتىنى ھەرگىز قىبلە تەرەپكە قىلىپ ياتمايدۇ. باشنى قىبلە تەرەپكە قىلىپ ياتىدۇ. شۇنداقلا مۇردا گۆرگە قويۇلغاندىن كېيىن يۈزىنى قىبلە تەرەپكە قىلىپ قويىدۇ. مال بوغۇزلىغاندىمۇ مالىنىڭ بېشى قىبلە تەرەپكە توغرىلاپ بوغۇزلايدۇ.
خۇددى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىت، خانىغا مېھرابلىرىغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي قۇرۇلمىسىدىكى مېھمانخانا ئۆيىنىڭ قىبلە تەرىپىگە ئورۇن _ كۆرپىلەرنى تىزىپ قويىدىغان مېھراب ئويۇلىدۇ. ئۆيدە ناماز ئوقۇشقا توغرا كەلگەندە ئەنە شۇ مېھرابقا قاراپ ناماز ئوقۇلىدۇ. ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى قىبلە تەرەپكە قارىتىلمايدۇ، بەلكى ئىشىك شەرق تەرەپكە قارىتىپ قويۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى «قىبلە» نى ئۇلۇغلىغانلىقنىڭ ئىپادىلىرىدۇر.
«قىبلە» نى ئۇلۇغلاش نوقۇل ئىسلام دىنىدىن كېيىن پەيدا بولغان دىنىي ئادەت ئەمەس. ئۇيغۇرلار تەبىئەتكە چوقۇنغان ئىپتىدائىي دەۋرلەردە تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىنى چۈشىنەلمىگەچكە، ئۇنى «ئىلاھىيلاشتۇرۇپ» تەسەۋۋۇر قىلغان. كۆك(ئاسمان) كە چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان ئاشۇ ئىپتىدائىي دەرۋردە بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز كۆككە بولغان ئېتىقادىنى كۈن (قۇياش) گە مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇياشنى پۈتكۈلكائىناتقا يورۇقلۇق بەرگۈچى باش «تەڭرى» دەپ،ئۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارىغان. قۇياشنىڭ شەرقتىن كۆتۈرلۈپ غەربكە پېتىشىنى ئۇلار «تەڭرىنىڭ قۇدرىتى» دەپ بىلگەچكە، بۇ ساددا چۈشەنچىدىن تۆت تەرەپنىڭ «خاسىيىتى» ھەققىدە سىرلىق قاراشلار شەكىللەنگەن، يەنى قۇياش پاتقان غەرب تەرەپنى «تەڭرىنىڭ ئۆيى» دەپ قاراپ، «قۇياش تەڭرىسى» گە بولغان يۈكسەك ئېتىقادى تۈپەيلىدىن غەرب (قىبلە تەرەپ) ئالاھىدە ئۇلۇغلانغان، مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن. مۇشۇ ئىپتىدائىي ئېتىقاد ئادەتلىرى كېيىنچە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ «قىبلە»نى ئۇلۇغلاش بىر خىل ئادەت شەكلىدە داۋاملىشىپ كەلگەن. (ر)