سۇنى ئۇلۇغلاش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
سۇنى ئۇلۇغلاش چوڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇشنىڭ ئومۇملاشقان ئىپتىدائىي شەكىللىرىدىن بىرىدۇر.
سۇنىڭ ئىنسان تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئورنى ۋە ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ سىرلىق بولۇشى ئىپتىدائىي ئىنسان چۈشەنچىسىدە «سۇ ئىلاھى» نىڭ كارامىتى، دەپ قارالغان. نەتىجىدە، سۇنى مۇقەددەس بىلىپ، دېڭىز، دەريا، كۆل، بۇلاق، يامغۇر قاتارلارنى ئىلاھىيلاشتۇرۇغان. بۇنداق ئەھۋال قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قويۇق ئەكس ئەتكەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى تارىخىي قەھرىمانلىق داستانى «ئوغۇزنامە» دە ئوغۇزخاننىڭ سۇ ئىلاھىنىڭ قىزى بىلەن نىكاھلىنىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بىر ئوغلىغا «تېڭىز» دەپ ئات قويغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن رىۋايەت - چۆچەكلەردە «سىرلىق سۇ» ئېتىقادى تۈپەيلىدىن، «سىرلىق سۇ» نى ئىچىپ قويۇپ ھايۋان سىياقىغا كىرىپ قالغانلىقىدەك سىرلىق ھادىسىلەر ھېكايە قىلىنىدۇ. ياكى ھالقىلىق سىرلىق ھادىسىلەر ھېكايە قىلىنىدۇ. ياكى ھالقىلىق مىنۇتلاردا «سۇ ئىلاھى» نىڭ ياردىمىدە خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.
شىنجاڭ قۇرغاقچىلىق رايون بولغاچقا، قەدىمدىن باشلاپ سۇنى ئۇلۇغلاش ھەر خىل ئەنئەنىۋى ئادەتلەر ۋە ئەقىدىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي شەكىل بىلەن داۋاملىشىپ كەلگەن «زاراخەتمە» ئۆتكۈزۈش ئادىتىمۇ «سۇ ئىلاھى» دىن مەدەت تىلەشنى مەزمۇن قىلغان. بەزى رايونلاردا تۇيۇقسىز قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، زىرائەتلەر سۇسىراپ كەتكەن مەزگىللەردە يۇرت جامائەتلىرى قۇرۇپ كەتكەن دەريا - كۆللەرنىڭ بويىقا توپلىنىپ بىرەر مالنى قان قىلىدۇ ھەمدە ئاللادىن سۇ تىلەپ دۇئا - تەكبىر ئۆتكۈزىدۇ. بۇ «زاراخەتنە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆتمۈشتە دىنىي خۇراپاتلىق تۈپەيلىدىن، بەزى جايلاردا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ دەريا تۇغانلىرىنى ئېتەلمىسە، يۇرت - مەھەللە بۇيىچە يىغىلىپ «توختى»، «تۇرسۇن» ئىسىملىكلەرئاساسەن نامرات، كەمبەغەللەر ئارىسىدىن تاللانغان، بۇ ناھايىتى ئازئۇچرايدىغان خۇراپىي ئادەت بولۇپ، كېيىنچە پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالغان.
ئۇيغۇرلار يەنە، سۇ ئۈزۈپ چۈش كۆرسەش شۇ ئادەمنىڭ گۇناھى يۇيۇلىدۇ ۋە بەختلىك بولىدۇ، «سۇ يەتتە يۇمىلانسا ھالال»، «سۇغا تۈكۈرسە گۇناھ بولىدۇ»، «سۇغاتەرەت قىلىش ئەڭ ئېغىر گۇناھ»، «ئايىغى چىقمايدىغان توختام سۇنى ئىچكىلى بولمايدۇ»، «ھالال ھايۋانلاردىن كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق قىش ۋاقىتلىرىدا دەيا - كۆللەرگە چۆكۈپ كېتىپ، مۇز ئېرىگەندىن كېيىن تېپىلىپ قالسا، گىلىغا پىچاق سۈرگەندىن كېيىن قان چىقسىلا يېيىشكە بولىدۇ»، «ئېرىق - ئۆستەڭ، كۆللەردە كىر يۇيۇش گۇناھ بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن پەرھىزلەر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. سۇنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ئۆتكەن كۆپلىگەن خانلار ۋە قەھرىمانلار ئۆزلىرىنى «سۇ ئىلاھىنىڭ پەرزەنتلىرى» دەپ بىلىپ،ئىسمىنىڭ بېشىغا «كۆل» (سۇ) سۆزىنى قوشۇپ ئاتاشقانىدى. مەسىلەن، «كۆل ئەركىن»، «ئۇيغۇر قۇتلۇق كۆل بىلگەن قاغان»، «كۆلتېكىن»، «بىلگە كۆل قىدىرخان»، «كۆل تارقان» قاتالىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، «يېتىمبۇلاق»، «شوربۇلاق»، «يانبۇلاق»، «ئويمانبۇلاق»، «مارجانبۇلاق»، «نورۇزبۇلاق»، «قىزىلسۇ»، «ئاقسۇ»، «توقسۇ»، «يەتتىسۇ»، «ئونسۇ»، «يامانسۇ»، قاتارلىق يەر - جاي نامىلىرى ئەنە شۇ سۇ ئېتىقادىنىڭ رېئال تۇرمۇشتىكى ئىنكاسلىرىدۇر. (ئا