UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرىمەۋلۇت ئوقۇش

مەۋلۇت ئوقۇش

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھېيت - بايرام مۇراسىملىرىمۇ بىزگە سىڭىپ كىردى. ئەنە شۇنداق دىنىي مۇراسىملارنىڭ بىرى مەۋلۇت ئوقۇش مۇراسىمىدۇر. ئادەتتە، ھەر يىلى رەببئۇل ئەۋۋال ئېيى (ئىسلام كالېندارىدا 3 - ئاي) نىڭ ئون ئىككىنىچى كۈنى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، بۇ خاتىرە ئېيىغا بېغىشلاپ، «مەۋلۇت مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ كۈنى كىشىلەر ئۆي - ئۆيىگە يىغىلىپ مۇھەممەت پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ئامىنەنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇئان - تىلاۋەت، خەير - ساخاۋەت قىلىدۇ. شائىرلار پەيغەمبەرلەرگە بېغىشلانغان مەدىھىيە نامىلىرىنى ئوقۇيدۇ. ھاپىزىلار جەم بولۇپ ھۆكمەت ئېتىدۇ. رەببىيەلئاۋۋال ئېيى ئادەتتە «مەۋلۇت ئېيى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇشۇ ئاي ئىچىدە بەزى ئائىلىلەردە مەخسۇس مەۋلۇتچى موللىلارنى چاقىرىپ ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «مەۋلۇت چېيى» ئۆكۈزۈلىدۇ. مۇراسىم ئۈچۈن ئالاھىدە داستىخان تەييارلاپ، پوشكال، قانت - گېزەك ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى تىزىدۇ ھەمدە بىر تەخسىگە ئەتىر چېچىلغان يېڭى پاختا پارچىلىرىنى تىزىپ قويىدۇ. موللىلار مەۋلۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەممە كىشى دۇئا - تەكبىر قىلىدۇ. مەۋلۇتكە قاتناشقان ھەر بىر كىشى «دەمىدە» قىلىنغان پاختا پارچىلىرىنى بىر تالدىن ئېلىپ پۇرايدۇ ۋە ئاۋايلاپ خاس يانچۇقلىرىغا سېلۋالىدۇ. داستىخاندىكى قەنت - گېزەكلەردىنمۇ ئىككى - ئۈچ تالدىن ئېلىشىدۇ. ئۆيلىرىگەن قايتقاندىن كېيىن بالا - چاقىلىرىغان بۇ خاسىيەتلىك «دەمىدە» نى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. مەۋلۇت ئوقۇغان مۇللىلارنى چاقىرغۇچى كىشى مەۋلۇتنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە پۇل ياكى باشقا سوۋغا - سالاملار بىلەن ئۇزىتىدۇ. مەۋلۇت ئوقۇش بىر خىل دىنىي ئادەت بولۇپ، ئۇنى ھەممە كىشىنىڭ ئۆتكۈزۈشى شەرت ئەمەس. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرى
مەۋلۇت ئوقۇش | UyghurWiki | UyghurWiki