ئىسلام دىنى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
ئىسلام دىنى ئەرەبىستاندا مىلادى 610 - يىلدىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن. ئۇ، زامانىۋى دىنلار ئىچىدە بىر قەدەر كېيىن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ناھايىتى كەڭ تارقالغان دىنلاردىن بىرى، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئىچىگە كەڭ تارقالغان دىنلاردىن بىرى. ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئىچىگە Ⅹ ئەسىردىن ئېتىبارەن تارقلىشقا باشلاپ 15 - ئەسىردىن كېيىن بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلار سىقىپ چىقىرىپ، ئاندىن ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئۆتۈش بىلەن پۈتۈن مىللەت دىنىغا ئايلاندى. ئىسلام دىنى ئۆز دەۋرىدىن باشلاپ ئەسىرىمىزنىڭ 50 - يىللىرىغا قەدەر بولغان ئۇزۇن تارىخىي جەريان ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ بىر قىسمى قەدىمكى ئادەت - ئەنئەنىلىرىمىز بىلەن مۇجەسسەملىشىپ مىللىي ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا، بىر قىسمى گەرچە مىللىي ئادەت شەكلىدە ئىپادىلەنسىمۇ يەنىلا نوقۇل دىنىي خاراكتېرىنى ساقلىغان ھالدا بۈگۈنگە قەدەر ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، نىكاھ ئوقۇش، مېيىت نامىزى چۈشۈرۈش قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق نوقۇل دىنىي خاراكتېردىكى ئادەت پائالىيەتلىرىدىن. بۇنىڭدىن باشقا 50 - يىللاردىن بۇرۇن يىلىغا ئۆشرمزاكات بېرىش ئادىتىمۇ داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. ئۆشرمزاكات ئەمەلىيەتتە خەلق ئۈستىدىكى دىنىي باج - سېلىق بولغاچقا، ئازادلىقتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتىك ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
ئىسلام دىنى <تەقدىر ئىلاھلىق> يادرو قىلىنغان بىر ئىلاھلىق دىن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ۋەكىللىكىدىكى دىنلار ئەھكاملىرىنىڭ قىسمەن ئەقىدىلىرى بىلەن شامان، بۇددا دىنلىرىنىڭمۇ قىسمەن ئەقىدىلىرى سىڭگەن. مەسىلەن، <ئادەم تۇپراقتىن يارالغان>، <ئادەم ئۆلسىمۇ روھى ئۆلمەيدۇ>، <جەننەت - دوزاخ> مەۋجۇتلۇقى، جانلىقلارنى ئۆلتۈرمەسلىك قاتارلىق ئەقىدە - قاراشلار ئاشۇ دىنلارنىڭ ئاساسلىق ئەھكاملىرى جۈملىسىدىن.
ئىسلام دىنى ھازىرقى زامان دىنلىرى ئىچىدە بىر قەدەر كېيىن مەيدانغا كەلگەن. ئۇمۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقى دىنلارغا ئوخشاش تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇ مەزھەپلەر ئىچىدە سۇننى، شىئە مەزھىپى تەسىرى چوڭ مەزھەپلەردىن بولۇپ، بۇ مەزھەپلەردىنمۇ يەنە نۇرغۇن مەزھەپلەر كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلار سۇننى مەزھىپىدىن كېلىپ چىققان ئىمام ئەزەم مەزھىپىگە ئەمەل قىلىدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ مەزھەپتىن ئىشانلار، غوجىلار مەزھىپى كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە بىر مۇددەت ئۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان، بۇلار كۆرۈنۈشتە ئاللاھنىڭ بىرلىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرھەقلىقىنى تەكىتلىسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ كۆرسىتىدۇ.
ئىشانلار (<ئىشان> ئەرەبچە، توغرا يولغا باشلىغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) ئۆزلىرىنى توغرا يولنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ ئالەمدىكى بارلىق راھەت - پاراغەت، جاپا - مۇشەققەت، بايلىق - گادايلىقنى تەقدىر ئىلاھىغا باغلاپ <تەقدىرگە تەن بېرىپ، ئىتائەتمەنلىك، ساداقەتمەنلىك بىلەن ئاللاغا سېغىنىش، تائەت - ئىبادەت قىىش ئارقىلىق ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش>، <ئىشانلارغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەر قانداق گۇناھىنى ئاللا مەغپىرەت قىلىپ، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىدۇ> دېگەن تەشەببۇس بىلەن ئوتتۇرىغا چىقسا، غوجىلار ئۆزلىرىنى مۇھەممەد پەيغەمبىرىمنىڭ < ئەۋلادى> يەنى <سەئىد ئەۋلادى> قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە قول بەرگەنلىك <خۇداغا ئىمان كەلتۈرگەنلىك>، ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلىك <مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يولىدا ماڭغانلىق> دېگەندەك تەشەببۇس بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلار مۇشۇ يول ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ كۆرسىتىش بىلەن ئۆزلىرىگە مۇرت توپلاپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆز ئارا ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىپ، ئاتالمىش <غازات> ئۇرۇشىنى قوزغاپ خەلققە سانسىز ئېغىر كۈلپەتلەرنى كەلتۈرگەن.
ئىشانلار ئۆز تەشەببۇسلىرىنى يولغا قويۇشتا، كۈنىگە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئۆشرە - زاكات بېرىشنى ئاشكارا ئىجرا قىلىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغان پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا مەخسۇس تەشكىلىي تۈزۈم ئارقىلىق مەخپىي ئېلىپ باراتتى. بۇ <سۈلۈك> دەپ ئاتىلاتتى. ئىشانلار ئۆز دائىرىسىنى بىر نەچچە دىنىي رايونغان بۆلۈپ، ھەر بىر رايونغا ئىشان، خەلىپە قاتارلىق خادىملارنى تەيىنلەپ، ئايرىم مەسچىت، خانىغا بىنا قىلىپ، شۇ خادىملارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شۇ مەسچىت خانىقالاردا پائالىيەت ئېلىپ باراتتى. بۇ خادىملار جايلاردا مەخپىي قەسەمياد قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇرت توپلايتتى. مۇرىت بولغۇچىلار: <مەخپىيلىكىنى ساقلايمەن>، <مال - دۇنيانى، راھەت - پاراغەتنى دوست تۇتمايمەن>، <بەش ۋاخ نامازنى تەرك ئەتمەيمەن>، <كىشى ھەققىنى يېمەيمەن>، <ئەرگە جاۋاب ياندۇرمايمەن> دېگەن مەزمۇندىكى ماددىلارنى ئوقۇپ تۇرۇپ قەسەم بېرەتتى. ئۇلار ھەپتىدە بىر قېتىم تۆۋەت بىلەن ئۆز مۇرتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە ناھايىتى سۈلۈك ئۆتكۈزەتتى. شۇڭا ئىشانلار مەزھىپىنىڭ پائالىيىتى ناھايىتى سۈرلۈك تۈس ئالغان. ئازادلىققا قەدەر ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرى تەرەققىي قىلىپ 200 مىڭدىن ئاشقان. غوجىلار گەرچە ئىشانلاردەك سىرلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارمىسىمۇ، ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى ئۆزىگە خاس تەشكىلىي تۈزۈمى ئارقىلىق ھوقۇق - مەنپەئەت يولىدا، ئىشانلار بىلەن جىددىي رىقابەتلىشىپ كەلدى.
بۇرۇنقى چاغلاردا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىسلامىيەت تەشكىلىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ھاكىميەت - تەشكىلىي تۈزۈم تۈسىنى ئالغان. ئىپادىسى:
1( ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلار چوڭ يۇرت - شەھەرلەر )قەشقەر، يەكەن، خوتەن، كۇچا، كورلا، تۇرپان، ئىلى قاتارلىق( نى ئاساس قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك؛ ئادەتتىكى ناھىيىلەرنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك؛ چوڭ يېزا - قىشلاقلارنى ئاساس قىلغان تۆۋەن دەرىجىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك دىنىي رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۈچ دەرىجىلىك دىنىي رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۈچ دەرىجىلىك مەھكىمە شەرئىي، ئىككى دەرىجىلىك پائالىيەت سورۇنى، ئۈچ دەرىجىلىك مائارىپ تۈزۈمى تەسىس قىلىنغان.مەھكىمە شەرئى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى جىنايى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەتتىكى دەۋا - ماجىرا، نىكاھلىشىش، ئاجرىشىش، مۈلۈك ۋارىسلىقى، ھۈججەت - توختام قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇراتتى. ھەر دەرىجىلىك مەھكىمە قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇراتتى. ھەر دەرىجىلىك مەھكىمە شەرئىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى بولۇپ شەرىئەتنىڭ ئىجراسى شۇلار ئارقىلىق نازارەت قىلىناتتى. ئۇلار: ① قازى كالان )قازى قۇززات دەپمۇ ئاتىلىدۇ(. بۇ يۇرت - شەھەر بويىچە ئەڭ چوڭ دىنىي ھوقۇقدار بولۇپ، شۇ يۇرت - شەھەرگە قاراشلىق ناھىيە، چوڭ يېزا - قىشلاق دەرىجىلىك مەھكىمە شەرئى خادىملىرىنى تەيىنلەش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈم - پەتىۋالىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ② ئەلەم )ئەلەم ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ(. قارى كالاننىڭ ئورۇنباسارى. ③ مۇپتى ، مەھكىمە شەرئىنىڭ باشلىقى، ھۆكۈم چىقارغۇچى. ④ قازى. سوراقچى. ⑤ قازى رەئىس. مەھكىمە شەرئىنىڭ ئىجرائىي تەپىتىشى.
ئىككى دەرىجىلىك پائالىيەت سورۇنى ئاساسىي قاتلام - مەھەللە، يېزا - كەنت مەسچىتلىرى بىلەن بازار - ناھىيە مەسچىتىدىن ئىبارەت. ئاساسىي قاتلام مەسچىتلىرىدە ئوقۇيدۇ. ئاساسىي قاتلام مەسچىتلىرى بىر قەدەر ئاددىي، كىچىك بولۇپ، ئادەتتە قىرىق - ئەللىكىتىن يۈزگە قەدەر ئادەم سىغىدۇ. بازار - ناھىيە مەسچىتى ئادەتتە <ئازنا مەسچىت> ياكى <جامە> دەپ ئاتىلىدۇ. ئازنا مەسچىت ئادەتتە چوڭ، بىر قەدەر ھەشەمەتلىك بولۇپ نەچچە يۈز، ھەتتا مىڭدىن ئوشۇق ئادەم سىغىدۇ، ئازنا مەسچىتكە شۇ مەسچىت يېنىدىكى جامائەتنىڭ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەپتىدە بىر ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزى، يىلدا بىر ئوقۇلىدىغان ئىككى ھېيىت نامىزى يۇرت بويىچە مەخسۇس مۇشۇ مەسچىتتە ئوقۇلىدۇ. شۇڭا بۇ مەسچىت <جامائە> دەپمۇ ئاتالغان. ھەر بىر مەسچىتتە بىردىن ئىمام، مەزىن بولىدۇ.
ئۈچ دەرىجىلىك مائارىپ تۈزۈمى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا ئاساسەن دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ، دىنىي ئىز باسارلار تەربىيلىنەتتى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئاساسىي قاتلام مەسچىتلىرى ئاساسىدا مەسچىت يېنىدا تەسىس قىلىنىپ ئاساسەن ئەرەبچە ئېلىپبە، پەنسۇرە، ھەپتىيەك قاتارلىق دىنىي ساۋات دەرسلىكلىرى ئۆتۈلەتتى. ئوقۇش مۇددىتى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇقۇش نەتىجىسىگە قاراپ بېكىتىلەتتى. بەزى جايلاردا مەسچىتنىڭ ئىمامى قوشۇمچە دەرس ئۆتسە، بەزى جايلاردا مەسچىتنىڭ ئىمامى قوشۇمچە دەرس ئۆتسە، بەزى جايلاردا جامائەت تەرىپىدىن مەخسۇس مۇئەللىم تەكلىپ قىلىناتتى. دەرس ئۆتكۈچى ئادەتتە <موللام>، <خەلپىتىم>، ئوقۇغۇچى <تالىپ> ياكى <تەلەبە> دەپ ئاتىلاتتى.
ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ <مەدرىس> دەپ ئاتىلىپ، سانى چەكلىك، ئايرىم جايلاردا (مەسىلەن، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، كۇچا، كورلا، تۇرپان، ئىلى قاتارلىق جايلاردىلا) تەسىس قىلىنىپ كەلگەن. مەدرىس ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگىتىپ داۋاملى ق ئوقۇشنى خالىغانلار كېلىپ ئوقۇيتتى. مەدرىسكە شۇ جايدىكى قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەدرىسلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەر دەرس ئۆتۈپ كەلگەن. شىنجاڭ بويىچە ئالىي مەكتەپ قەشقەردە بولۇپ، جايلاردىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپنى تۈگىتىپ داۋاملىق ئوقۇشنى خالىغانلار كېلىپ ئوقۇيتتى. ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەدرىستە ئاساسلىق شەرىئەت قائىدىلىرى، قۇرئان ۋە قىسمەن ئەدەبىي تۈس ئالغان پارىسچە - ئەرەبچە ئەسەرلەر ئۆتۈلسە، ئالىي دەرىجىلىك مەدرىستە ئاساسەن ئىسلام ئەقىدىلىرى بويىچە چوڭقۇر بىلىم تەھسىل قىلىناتتى ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ مەقسەتتە بۇخارا، مىسىر، مەككە - مەدىنە، كالكوتتا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئوقۇيدىغانلارمۇ بار. ئالىي دەرىجىلىك مەدرىسلەرنى پۈتتۈرگەنلەر <داموللا>، <داموللا ئەلەم>، <مەۋلىۋى> دەپ ئاتىلاتتى.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا زاكات، ئۆشرە، كەپسەن ئېلىش تۈزۈمى ۋە ۋەخپى قىلىش تەرغىباتى يولغا قويۇلغان. دېھقان چارۋىچى، سودا - تىجارەتچى، ھۈنەرۋەنلەر ھەر يىللىق دارامەت سانىغا قاراپ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن پىرسەنت بويىچە ئۆشرە، كەپسەن بېرەتتى، بەزىلەر مەسچىت، مازارلارغا يەر - زېمىن، چارۋا - مالمۇ ۋەخپى قىلىپ كەلگەن. ۋەخپى قىلىنغان يەر - زېمىنلار ئىجارىگە بېرىلىپ، كىرگەن كىرىم زاكات، ئۆشرە كىرىملىرىگە قوشۇلۇپ ئىجتىمائىي ساخاۋەت ئىشلىرى، مەكتەپ، مەدرىس، مەسچىتلەرنىڭ مۇناسىپ خىراجىتىگە ۋە دىنىي خادىملارنىڭ <تەمىناتى> نامىدا چىقىم قىلىناتتى.
دىنىي مائارىپ قەشقەر، يەكەن، كۇچا،كورلا، تۇرپان، ئىلىدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شەكىللەنگەن زىيالىيلار تەبىقىسى شۇ جايلاردىكى دىنىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ چىققانلاردىن ھاسىل بولغان. مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، موللا بىلال، ئابدۇرېھىم نازارى، موللا سۈپۈرگى سانجارى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق ئالىم، ئەدىب - شائىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەشقەر ۋە باشقا جايلاردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ چىققانلاردۇر. بۇنىڭدىن دىنىي مائارىپنىڭ ئۆتمۈشتە قىسمەن ئىجابىي رولمۇ ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن يېڭى زامان مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلدى. شۇنىڭدەك پارتىيە - ھۆكۈمەت دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى پرىنسىپى بويىچە كىشىلەرنىڭ دىنىي بىلىم تەھسىل قىلىشى ۋە تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىسلام ئىنىستىتۇتى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ بەردى.
ئىسلام دىنى بىر ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە مىڭ يىلغا يېقىن جەرياندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ - ئېتىقادى بويىچە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، دۇنيادا مۇتلەق شەيئى بولمىغىنىدەك ئۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ - ئېتىقادى ساھەسىدە يەنى يۇقىرى مەدەنىيەت قاتلىمىدا مۇتلەقلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ - مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈنلەي بۇغۇۋېتەلىگىنى يوق، ئەكسىچە يۇقىرىدا قىلغانلى رىمىزدەك نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىز ئىسلامىيەت ئەقىدىلىرىگە ماسلىشىپ بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى، بولۇپمۇ بەزى ئىسلام ئەقىدىلىرى ئەنە شۇنداق ماسلىشىش جەريانىدا ئەسلى دىنىي خاراكتېرى دىن ئايرىلىپ ئەنئەنىۋى ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتتى.
ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىسلامىيەتنىڭ غەيرىي مەدەنىيەتنى قاتتىق يەكلەش، تەقىبىلىشىگە قارىماي ئەجدادلىرىمىزدا دۇنيانى تونۇش بويىچە تۆت زات قارىشى يەنى دۇنيا <ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق> تىن پەيدا بولغان دېگەن ئاددىي پەلسەپىۋى قاراش ئەكس ئەتكەن. روشەنكى، بۇ قاراشتا شەيئىلەرنىڭ زىددىيەت ئىچىدە تەرەققىي قىلىدىغانلىق قانۇنىيىتىدىن دېرەك بېرىدىغان چۈشەنچە ئورۇن ئالغان. يەكلىمىچىلىك، تەقىبلەش ئېغىر شارائىتتا مۇنداق قاراشنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئەجدادلىرىمىزدىكى ئىنتىلۇچانلىق ۋە ئىجادىي روھنىڭ ناماياندىسى دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ:
1) ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكىنىگە قاراپ، بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىدىكى بارلىق پائالىيەت - ئادەتلىرىنى ئىسلامىيەتنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە شەكىللىنىش جەريانى ئوخشىمىغان مىللەت بىلەن دىندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىجتمائىي ھادىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، بىر مىللەتنىڭ بىر دىننى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشى، گۆشخور يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ ۋە بەزى ئۇچار - قانات، ھاشاراتلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدىغانلىقى، سۇ، يېمەكلىك تازىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېبزى سەھەت ئادەتلىرى، ھەتتا توي - تۆكۈن، يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرىنى ئىسلامىيەتكە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ۋەھالەنكى بۇ ئادەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن خېلى بۇرۇنقى ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە شەكىللەنگەن. دەرۋەقە چوشقا گۆشى يېيىش ئىسلام دىنىدا تەقىبلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ ئادەت تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولۇپ مۇقەددەس تۈس ئالغان، خالاس.
2) ئىسلام دىنى گەرچە پۈتۈن مىللەتنىڭ ئېتىقادى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتىقاد دەرىجىسى ئەزەلدىن ئوخشىماي كەلدى. مەركىزىي شەھەر ۋە يېزا - قىشلاقلاردىكى ئاز بىر قىسىم تەقۋادار، ياشانغانلارنىڭ بەش ۋاق ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق ئۆتەشكە تېگىشلىك دىنىي دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى تەرك ئەتمەيدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، چەت - يېزا قىشلاقلاردا دىنىي ھاۋا بىر قەدەر شالاڭ، كىشىلەرنىڭ دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەش قىزغىنلىقىمۇ تۆۋەنرەك.
بىر دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا <تەقدىر ئىلاھلىق> تىن ئىبارەت دىنىي ئەقىدىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئېغىر روھىي زەئىپلىككە دۇچار قىلغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز، شۇنىڭدەك ھەممىنى <تەقدىر ئىلاھ> قا باغلاپ قويۇپ ئىلىم - پەننى، ئىلغار مەدەنىيەتنى يەكلەيدىغان، دىنىي <مەنپەئەت> نى مىللىي مەنپەئەتتىن ئەلا كۆرۈپ، قارىغۇلارچە دىنىي ئەسەبىيلىككە بېرىلىدىغان خاھىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىشىمىز لازىم. تارىختا بۇ ئىككى ئامىلنىڭ زىيىنىنى ئاز تارتمىدۇ.